باش بەت>ناھىيە-شەھەرئەھۋالى

پوسكام ناھىيەسىدە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك تېخنىكا ھالىتى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈلدى

يوللانغان ۋاقىت:2017-12-18 19:35:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:قەيسەر داۋۇت

سۈرەتتە: كەسپىي خادىملار كۈيباغ يېزىسىدا تىراكتورلارنىڭ بىخەتەرلىك تېخنىكا ھالىتىنى تەكشۈرمەكتە.

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇن راخمان خەۋىرى، فوتوسى: يېقىندا، پوسكام ناھىيەسىدە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك تېخنىكا ھالىتى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈلدى. ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىدارىسى ناھىيەنىڭ 2018-يىلى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ بىخەتەر مەشغۇلات قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 11- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇيان 30 نەچچە كەسپىي خادىمنى ھەر قايسى يېزا(بازار)، كەنتلەرگە ئەۋەتىپ، ئاممىغا يېزا ئىگىلىك ماشىنا-سايمانلىرىنى يىللىق تەكشۈرتۈش توغرىسىدا كەڭ دائىرىلىك تەشۋىقات-تەربىيە ئېلىپ بارغاندىن باشقا، 12-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە ناھىيە تەۋەسىدىكى 15 مىڭغا يېقىن ھەر خىل چوڭ-كىچىك تىراكتور ۋە 20 مىڭ يۈرۈشتىن ئارتۇق تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك چاتما سايمىنىنىڭ بىخەتەرلىك تېخنىكا ھالىتىنى يىللىق تەكشۈرتۈشتىن ئۆتكۈزۈش بىلەن بىر چاغدا، 15 مىڭدىن ئارتۇق تىراكتور شوپۇرىنى ۋە ماشىنا مەشغۇلاتچىسىنى يېزا ئىگىلىك ماشىنا-سايمانلىرىنى بىخەتەر ئىشلىتىش، تەڭشەش، ئاسراش، رېمونت قىلىش قاتارلىق بىلىملەر بويىچە بىر نۆۋەت ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق تەربىيەلىدى.