باش بەت>ناھىيە-شەھەرئەھۋالى

قەشقەر شەھىرىدە «دېھقانلار ئائىلە شادلىقى ئارامگاھى» + «ھەمكارلىق كوپىراتىپى» دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى

يوللانغان ۋاقىت:2018-08-16 13:43:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:پاشاگۈل ئابدۇراخمان مەسئۇل مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

سۈرەتتە: «ئانارلىق باغ دېھقانلار ئائىلە شادلىقى ئارامگاھى» تىجارەت باشلىغان تۇنجى كۈنىلا خىزمەتچىلەر مېھمانلارنى كۈتۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز تاھىرجان ئاتاۋۇللا، رايىدىن خەۋىرى، فوتوسى: يېقىندىن بۇيان، قەشقەرنىڭ ساياھەتچىلىكى كۈنسېرى جانلاندى.  قەشقەر شەھىرى قوغان يېزىسىنىڭ ساي كەنتى يېزا-قىشلاق ساياھەتچىلىكىنى ئاچقۇچ قىلىپ، ساياھەتچىلىك بىلەن باغۋەنچىلىكنى خەلقنى بېيىتىدىغان كەسپىكە ئايلاندۇرۇپ، دېھقانلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.

يېقىندا، ساي كەنتىدە «ئانارلىق باغ دېھقانلار ئائىلە شادلىقى ئارامگاھى» تىجارەت باشلىدى. «ئائىلە شادلىقى ئارامگاھى»نىڭ خوجايىنى مەمەتتۇرسۇن ئابدۇراخمان بۇ كەنتتىكى بېيىش باشلامچىسى بولۇپ، نەچچە يىل ئىلگىرىلا كەنتتە ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرغان ھەمدە ئون يىلدىن ئارتۇق مېۋە-چېۋە سودىسى بىلەن شۇغۇللانغانىدى. ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئون ھەمكارلاشقۇچىسى، 50 دىن كۆپرەك ئىشچى-خىزمەتچىسى بار بولۇپ، مېۋە-چېۋىلىرى ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى ۋە سىرتىدىكى چوڭ توپ سېتىش بازارلىرىغا سېتىلىپ، يىللىق سېتىش مىقدارى 500 توننىدىن ئاشاتتى.

مېۋە-چېۋە سېتىشقا تايىنىپ بېيىغان مەمەتتۇرسۇن يەنە «ئانارلىق باغ دېھقانلار ئائىلە شادلىقى ئارامگاھى»نى قۇرۇپ، ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى، نامرات ئائىلىلەرنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشىغا ياردەم بەردى. ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق پاي قوشقان ئەزالارغا پايدا تەقسىملەپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى مۇقىم كىرىم مەنبەسىگە ئىگە قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە ساي كەنتىدە مەمەتتۇرسۇنغا ئوخشاش بىر قىسىم تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىلىرى باغۋەنچىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغان، «دېھقانلار ئائىلە شادلىقى ئارامگاھى» قۇرۇپ، يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىغان ياخشى ۋەزىيەت شەكىللەندى.

ساي كەنتى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى تېڭ لياڭ مۇنداق دېدى: كەنتىمىز «دېھقانلار ئائىلە شادلىقى ئارامگاھى» ۋە ئۆزگىچە باغۋەنچىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىغا يار-يۆلەك بولۇش ئارقىلىق، ھازىر 15 نامرات ئاھالىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدۇق. «ئانارلىق باغ دېھقانلار ئائىلە شادلىقى ئارامگاھى» غا 21 نامرات ئاھالە، بىر نەپەر مېيىپ كىشى ئىشقا ئورۇنلىشىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا قاراپ چوڭ قەدەم تاشلىدى.