باش بەت>ناھىيە-شەھەرئەھۋالى

مائارىپقا ياردەم بېرىدىغان گۇاڭجوۋلۇق ئوقۇتقۇچىلار كونىشەھەر ناھىيەسىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا ياردەم بەردى

يوللانغان ۋاقىت:2018-11-02 16:18:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:تۇمارس يالقۇن مەسئۇل مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

سۈرەتتە: 10-ئاينىڭ 29-كۈنى، مائارىپقا ياردەم بېرىدىغان ئوقۇتقۇچى جاڭ سەيچىن كونىشەھەر ناھىيەسى توققۇزاق بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇغۇچىلارغا رەسىم سىزىشنى ئۆگەتمەكتە. («شىنجاڭ گېزىتى» مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى)

  بۇ يىل گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى نىشانلىق ياردەم بېرىش، يۆلەش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، «تۈمەن ئوقۇتقۇچى مائارىپقا ياردەم بېرىش پىلانى»نى قانات يايدۇرۇپ، 100 مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىدىن تەشكىللەنگەن گۇاڭجوۋ مائارىپقا ياردەم بېرىش ئۆمىكىنى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ كونىشەھەر ناھىيەسىگە مائارىپقا ياردەم بېرىشكە تاللاپ ئەۋەتتى.