باش بەت>ناھىيە-شەھەرئەھۋالى

پوسكام ئالتۇن توغراق دۆلەت 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى «1-ماي» بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ساياھەتچىلەر ئېقىمى يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى

يوللانغان ۋاقىت:2019-05-07 17:39:00 مەنبە:قەشقەر گېزىتى مۇھەررىر:پاشاگۈل ئابدۇراخمان مەسئۇل مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر


سۈرەتتە: ساياھەتچىلەر ئالتۇن توغراق دۆلەت A5 دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.

ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز تاڭ شۆئەي، ما جى، چېڭ جيې خەۋىرى، فوتوسى: «1-ماي» بايرىمىلىق دەم ئېلىشنىڭ تۇنجى كۈنى، پوسكام ئالتۇن توغراق دۆلەت A5 دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەر ئېقىمى يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى، ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر بەس-بەستە بۇ مەنزىرە رايونىدا سەيلە-ساياھەتتە بولۇپ، باھار پەسىلىدىكى كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان رەڭگارەڭ مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلاندى.

ئالتايدىن كەلگەن ساياھەتچى ليۇ ياڭ مۇنداق دېدى: بۈگۈن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش كەنتىگە كەلگىنىمدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم، بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى كىشىنى مەپتۇن قىلىدىكەن، يۇرتداشلارمۇ ئىنتايىن قىزغىن، مېھماندوست ئىكەن، ئالتۇن توغراق مەنزىرە رايونى ھەقىقەتەن «1-ماي» مەزگىلىدە كۆڭۈل ئېچىپ ئارام ئالىدىغان ياخشى جاي ئىكەن.

ئاقسۇلۇق ساياھەتچى مۇستەھكەم ئىدرىس مۇنداق دېدى: پوسكام ئالتۇن توغراق دۆلەت A5 دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىنىڭ داڭقىنى خېلى بۇرۇنلا ئاڭلىغانىدىم، بۇ قېتىمقى دەم ئېلىشتا مەن ئالايىتەن ئاتا-ئانامنى ئېلىپ بۇ يەرگە ئوينىغىلى كەلدىم، مەنزىرە رايونىنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل، ئەسلىھەلىرى تولۇق، مۇلازىمىتى ئەتراپلىق ئىكەن، گۈزەل مەنزىرىدىن ھۇزۇرلانغىلى بولۇپلا قالماي، يەنە نۇرغۇن ئالاھىدە يېمەكلىكلەرنى تېتىغىلى بولىدىكەن، مەن مەنزىرە رايونىدا يەنە يېڭى دوستلار بىلەن تونۇشتۇم، بۇ قېتىمقى سەپىرىم ھەقىقەتەنمۇ ئەھمىيەتلىك بولدى.

ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە، رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى بۇ قېتىمقى ساياھەت يۇقىرى پەللىسىنى پۇرسەت بىلىپ، مەنزىرە رايونىدا تۈرلۈك قىزىقارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، ساياھەتچىلەرنى مەنزىرىلەردىن قانغۇچە ھۇزۇرلىنىش، ئېسىل تائاملارغا ئېغىز تېگىش، سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، كىتاب ئوقۇش، پىيادە مېڭىش قاتارلىق پائالىيەتلەردىن خۇشاللىق ھېس قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ دەم ئېلىش كۈنلىرىنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلىغان.