باش بەت>ناھىيە-شەھەرئەھۋالى

مەكىت ناھىيەسىنىڭ دېھقانلار رەسىمى مەملىكەتلىك دېھقانلار رەسىمى كۆرگەزمىسىدە كۆرگەزمە قىلىندى

يوللانغان ۋاقىت:2019-06-06 10:21:00 مەنبە:قەشقەر گېزىتى مۇھەررىر:پاشاگۈل ئابدۇراخمان مەسئۇل مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر


ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز مىنەۋەر، جاڭ جيەنجۈن خەۋىرى، فوتوسى: 5-ئاينىڭ 22-كۈنى، جۇڭگو دېھقانلار ھۆسنخەت، رەسىم تەتقىقات جەمئىيىتى، جىلىن ئۆلكىلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى ئۇيۇشتۇرغان «گۈزەل يېزا-كەنت . بەيخۇادا ئۇچرىشىش» مەملىكەتلىك دېھقانلار رەسىمى كۆرگەزمىسى جىلىن ئۆلكىسىنىڭ خۇادىيەن شەھىرىدە ئاياغلاشتى.


تەشكىلىي كومىتېتنىڭ باھالاپ تاللىشى ئارقىلىق، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مەكىت ناھىيەسى تاللاپ ئەۋەتكەن 16 پارچە ئەسەر ئىچىدىكى ئۈچ  ئەسەر كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرۇشقا تاللاندى، بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى پارچە ئەسەر مۇكاپاتقا ئېرىشتى. «گۈزەل ئائىلە» 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، «دېھقانلار ئائىلە شادلىقى» 4-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلەرنى تەشكىلىي كومىتېت مەڭگۈلۈك يىغىپ ساقلايدۇ.


ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى مەملىكەتلىك دېھقانلار رەسىمى كۆرگەزمىسىدە ئىككى ئايدىن كۆپرەك ئەسەر قوبۇل قىلىش ئارقىلىق دۆلەت ئىچىدىكى 21 ئۆلكىنىڭ 78 رەسىم يۇرتىدىن يوللانغان جەمئىي 1715 پارچە ئەسەر تاپشۇرۇۋىلىنغان، بۇ، يوللانغان ئەسەر سانى ئەڭ كۆپ، سۈپىتى ئەڭ ياخشى بىر قېتىملىق كۆرگەزمە بولۇپ، ھەم دېھقان رەسساملارنىڭ ئىجادىيەت قىزغىنلىقى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلغان، ھەم دېھقانلار رەسىمى ئىجادىيەت قوشۇنىنىڭ پىشىپ يېتىلگەنلىكى ۋە زورايغانلىقىنى نامايان قىلغان. مۇتەخەسسىس باھالىغۇچىلارنىڭ دەسلەپكى باھالىشى، قايتا باھالىشى ۋە ئەڭ ئاخىرىدا تەكشۈرۈپ بېكىتىشى ئارقىلىق كۆرگەزمىگە 300 پارچە ئەسەر قاتناشتۇرۇلۇپ، 111 پارچە ئەسەر يىغىپ ساقلانغان.


جۇڭگو دېھقانلار ھۆسنخەت ۋە رەسىم تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك مۇتەخەسسىسى، جىلىن ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى جاۋ جياجى مۇنداق دېدى: مەكىت ناھىيەسىنىڭ دولان دېھقانلار رەسىمىدە شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشى كۆپ نۇقتىدىن ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ گۈزەل، باياشات، ئىناق، ئاسايىش ياخشى جاي ئىكەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا-ئۇسسۇلغا ماھىر، قىزغىن، مېھماندوست مىللەت ئىكەنلىكى جانلىق نامايان قىلىنغان.

2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەر: «گۈزەل ئائىلە»  ئاپتورى: مىنەۋەر مۇتەللىپ

4-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەر: «دېھقانلار ئائىلە شادلىقى»  ئاپتورى: شىرمەمەت نۇرمەمەت

كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرۇشقا تاللانغان ئەسەر: «مول ھوسۇل»  ئاپتورى: ئىمىنجان ۋايىت