باش بەت>ناھىيە-شەھەرئەھۋالى

پەيزاۋات ناھىيەسىدە «ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، ‹ئىككىنى قوغداش›نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش» تېمىسىدا نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

يوللانغان ۋاقىت:2019-07-29 12:26:00 مەنبە:قەشقەر گېزىتى مۇھەررىر:تۇمارىس يالقۇن مەسئۇل مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

سۈرەتتە: ناھىيەنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى دەرىجىگە ئېرىشكەن ماھىرلارغا مۇكاپات بۇيۇمى تارقىتىپ بەرمەكتە.

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز باۋ شۈجۈەن خەۋىرى، فوتوسى: پەيزاۋات ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى مەۋقەنى ئىش ئورنىغا قويۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، بۇرچنى دادىل زىممىسىگە ئېلىشقا يېتەكلەش ئۈچۈن، 7-ئاينىڭ 16-كۈنى «ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، ‹ئىككىنى قوغداش›نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش» تېمىسىدا نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى.

ناھىيەنىڭ 13 يېزا (بازار)سى ۋە ناھىيەگە بىۋاسىتە قاراشلىق ھەر قايسى سىستېما پارتكوملىرىدىن كەلگەن 20 نەپەر ماھىر مۇسابىقىگە قاتناشتى. ئۇلار جانلىق تىل ۋە تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئەتراپىدىكى ئىشلار، ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ ئىش ئىزلىرىنى بايان قىلىش ئارقىلىق كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، پارتىيەگە بولغان ساداقەتمەنلىكى، خەلققە تۆھپە قوشۇش ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى. ماھىرلار ئۆزلىرىنىڭ سەرخىل نۇتقى ئارقىلىق ئىچكى ھېسسىياتىنى نامايان قىلىپ، باھالىغۇچىلار ۋە تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

ماھىرلار سۆزلىگەن ھېكايىلەرنىڭ مەزمۇنى يېڭى، باش تېمىسى روشەن بولۇپ، كىشىلەرنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى. قىزىلسۇ يېزىسىنىڭ كادىرى ياڭ جۈن «ئەسلىي مەقسەت» تېمىسىدىكى نۇتقىدا 60 ياشلىق پارتىيەلىك كادىرنىڭ بىر ئۆمۈر ئاساسىي قاتلامغا يىلتىز تارتىپ، پۇقرالارغا مۇلازىمەت قىلىشتەك ئەسلىي مەقسىتىنى بايان قىلدى. ھېكايىدىكى باش پېرسوناژ دەل ياڭ جۈننىڭ دادىسى بولۇپ، پېنسىيەگە چىقىش يېشى توشقان بولسىمۇ، ئەمما ئىزچىل تۈردە ئاساسىي قاتلامدا تاكى ئۆزى تۇرۇۋاتقان كەنت ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلغىچە خىزمەت قىلغانىدى. ئۇ نۇتقىدا مۇنداق دېدى: بىر خىزمەت سومكىسى، بىر چىغ قالپاق، بىر جۈپ ھەربىيچە ئاياغ... مانا بۇلار دادامنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يولىدىكى بارلىق بىساتى... نۇتۇقتا دەبدەبىلىك سۆزلەر يوق بولۇپ، پەقەت بىر پارتىيە ئەزاسىنىڭ «ئەسلىي مەقسەت»كە بولغان چەكسىز ئىزدىنىشىلا بار ئىدى.

جامباز يېزىسىدىن كەلگەن كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىر لى يەنلىڭ «پاراخوتنىڭ كۈچى يەلكەندە، ئادەمنىڭ كۈچى قەلبتە» دېگەن تېمىدا ئۆزىنىڭ كەنتتە تۇرۇش كەچۈرمىشى ۋە خىزمىتىدىكى كىچىك ئىشلارنى سۆزلەپ مۇنداق دېدى: كەنتتە تۇرۇشنى تاللىغانلىق ــ تۆھپە قوشۇشنى تاللىغانلىق، كەنتتە تۇرۇش بىر پارتىيەلىك كادىرنىڭ بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىشى دېگەنلىك. ئۇ ياڭراق ئاۋازى، چوڭقۇر ھېسسىياتى بىلەن كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ بىر ئەزاسىنىڭ ھەقىقىي ھېسسىياتىنى تولۇق نامايان قىلىپ بەردى.

بۇ ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى كۇ ۋېيدې مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىدە، ئاپتونوم رايوننىڭ 21-قېتىملىق پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى تەربىيەسى ئېيى پائالىيىتىنى پۇرسەت قىلىپ، كادىرلاردا سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولۇشتەك ياخشى پەزىلەتنى يەنىمۇ يېتىلدۈرۈپ، غايە-ئېتىقادنى چىڭىتىپ، خىزمەتتە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، پەيزاۋاتنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىگە ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەشنى مەقسەت قىلدۇق.