باش بەت>مارالبېشى ناھىيىسى

مارالبېشى ئاناركۆل مەنزىرە رايونى 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بەرپا قىلىشنى تۇتقا قىلىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىپ بېيىشىنى ئىلگىرى سۈردى

يوللانغان ۋاقىت:2019-05-17 12:19:00 مەنبە:قەشقەر گېزىتى مۇھەررىر:تۇمارىس يالقۇن مەسئۇل مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز با شۈەن خەۋىرى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مارالبېشى ناھىيەسى ئاناركۆل مەنزىرە رايونىنى دۆلەت A5 دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى قىلىپ بەرپا قىلىشنى تۇتقا قىلىپ، ساياھەتچىلىكنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى. يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكى بويىچە نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، مەنزىرە رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھە ۋە يانداش ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپلا قالماي، يەنە ئەتراپتىكى كەنت، بازارلارنىڭ قىياپىتى، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش مۇھىتىنى ياخشىلاپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلىشىگە پۇرسەت يارىتىپ بېرىپ، ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يوللىرىنى كېڭەيتتى.

 

مارالبېشى ئاناركۆل مەنزىرە رايونى (يۈجېن فوتوسى)

ئاناركۆل مەنزىرە رايونى جايلاشقان تالاشور كەنتى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن نامرات كەنت. بۇ كەنتلىك ئابدۇرېشىت ئوبۇل ئىلگىرى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولۇپ، ئائىلىسىنىڭ يىللىق كىرىمى 10 مىڭ يۈەنگىمۇ يەتمەيتتى. يېقىنقى ئىككى يىلدا ئۇ كاۋاپچىلىق، بېلىق پىشۇرۇش قاتارلىق ھۈنەرلەرنى ئۆگىنىپ، مەنزىرە رايونىدىكى داڭلىق تىجارەتچىگە ئايلاندى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئاناركۆل مەنزىرە رايونىغا تايىنىپ، مېنىڭ بېلىقىمنىڭمۇ نامى چىقتى، كىرىمىممۇ ئىلگىرىكىدىن نەچچە ھەسسە كۆپەيدى، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرى بولغاچقا، كۈنلىرىم بارغانسېرى ياخشى ئۆتۈۋاتىدۇ.

مارالبېشى ناھىيەلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاناركۆل مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لياڭ باۋجۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2015-يىلى ئاناركۆل مەنزىرە رايونىنى دۆلەتنىڭ A5 دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى قىلىپ بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشى باشلانغاندىن بۇيان، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى ئالاھىدە يېمەك-ئىچمەك، مىللىيچە ئائىلە توقۇمىچىلىقى، تاۋار سودىسى، مىللىي ئۆرپ-ئادەت ئويۇنى قويۇش، مەنزىرە رايونىنى چۈشەندۈرۈش، مىللىي قول ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرىنى ياساش قاتارلىقلار بىلەن شۇغۇللىنىش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

 

مارالبېشى ئاناركۆل مەنزىرە رايونى (يۈجېن فوتوسى)

ئاناركۆل مەنزىرە رايونى ساياھەت ئۇل ئەسلىھەلىرى، ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى ۋە ساياھەت مەھسۇلاتلىرى تۈرى قۇرۇلۇشىنى تۇتقا قىلىپ، يىپەك يولى مەدەنىيىتى مۇزېيى ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتى «تىرىك قاتما»سى بەرپا قىلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، «يىپەك يولى ئۆتىڭى، توغراق يۇرتى، ئېسىل تائاملار شەھىرى، مەدەنىيەت مەنزىلگاھى»نى كوزىر قىلىپ، ساياھەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، خەلقنى بېيىتىشنى نىشان قىلىپ، 500 مىليون يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سېلىپ، ئاناركۆل مەنزىرە رايونى يېزا-كەنت ساياھىتىنىڭ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، مەدەنىيەت مەزمۇنىنى بېيىتتى. بۇنىڭدىن باشقا، ئاناركۆل مەنزىرە رايونى يەنە دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى ۋە رايون ئالاھىدە مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىشنى يېتەكچى قىلىپ، دۆلەتنىڭ A5 دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بەرپا قىلىشنى نىشان قىلىپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، «نۇقتا بېكىتىش ـ لىنىيەنى تۇتاشتۇرۇش ـ دائىرىنى يېتەكلەش» پىكىر يولىغا ئاساسەن، رايون ساياھىتىنى بىرىكتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا-كەنت ساياھەت بايلىقى ۋە ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى چوڭقۇر قېزىپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئامما ئۈچۈن ئىشقا ئورۇنلىشىش سۇپىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، ساياھەت ئارقىلىق خەلقنى بېيىتىشنى ئىلگىرى سۈردى.

 

مارالبېشى ئاناركۆل مەنزىرە رايونى (يۈجېن فوتوسى)

نۆۋەتتە، ئاناركۆل مەنزىرە رايونى دولان مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتى كەنتى، قەشقەر دەرياسى قەدىمىي يىپەك يولى، چۈشۈرگە ئالتۇن توغراق ئارىلى، ئاناركۆل سۇ ئۈستى باغچىسى، ئاناركۆل نەم يەر باغچىسىدىن ئىبارەت بەش چوڭ ئىقتىدار ساياھەت رايونى بەرپا قىلدى، مەنزىرە رايونى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «دۆلەت ئورمان باغچىسى»، «دۆلەت نەم يەر باغچىسى» قاتارلىق شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشتى، بۇ يەرنىڭ داڭقى دۆلىتىمىز ئىچى-سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىپ، ساياھەتچى كۈتۈۋېلىش مىقدارى يىلسېرى تېز سۈرئەتتە ئاشتى. مەنزىرە رايونىنىڭ ئەتراپىدىكى كەنت ئاھالىلىرى مەنزىرە رايونىدا يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمىتى، قول ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى، مىللىيچە كىيىم-كېچەك، يەرلىك مەھسۇلات، مېۋە-چېۋە، سەي سېتىش قاتارلىق تىجارەت، مۇلازىمەت ئىشلىرىغا قاتناشتى، بۇ ساياھەت مەنزىرە رايونى 1100دىن كۆپرەك كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، كىرىمىنى كۆپەيتىشىگە ۋاسىتىلىك ھالدا تۈرتكە بولدى.

تېخىمۇ كۆپ دېھقاننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، مارالبېشى ناھىيەسى ئاناركۆل مەنزىرە رايونىنىڭ داڭقى ۋە تەسىر كۈچى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بايلىق ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، تۈرلۈك مۇنەۋۋەر، ئەنئەنىۋى ئۆزگىچە مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتى تۈرلىرىنى، بولۇپمۇ يوقىلىپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان قىممەتلىك مىللىي مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت ئامىللىرىنى رەتلەش، بىرىكتۈرۈش، ئوراپ قاچىلاش، لايىھەلەش ئارقىلىق بىر تۇتاش پىلانلاپ، مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇش ۋە ۋارىسلىق قىلىش سەھنىسى بەرپا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، «سەھرا ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى» تۈرىنى بەرپا قىلىپ، «زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى+ئىستىراھەت مەدەنىيەت ساياھەتچىلىكى+سەھرا مەھەللىسى»دىن ئىبارەت كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، بۇ ناھىيەنىڭ پۈتۈن رايون ساياھىتى، پۈتۈن رايون تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ساياھەت ئارقىلىق نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشتە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدى.