باش بەت>مارالبېشى ناھىيىسى

شاڭخەي شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرى مارالبېشىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا پەن-تېخنىكىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇردى

يوللانغان ۋاقىت:2019-06-26 13:04:00 مەنبە:قەشقەر گېزىتى مۇھەررىر:پاشاگۈل ئابدۇراخمان مەسئۇل مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر


تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز: سۇڭ ياۋېن

يېقىندا، شاڭخەي شەھىرى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگەن «كىچىك توغراق» تۈرى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش بازىسىنىڭ D3لىق پىرىنتېر تەجرىبە سىنىپىدىن بالىلارنىڭ ئالقىش سادالىرى ئۈزۈلمەي ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بالىلار تۈرلۈك مودېللارنى ياساپ، ئىستېرېئولۇق ماددىي نەرسىلەرنى سىزىپ، خۇشاللىققا چۆمگەنىدى.

بىر قانچە سائەتلىك دەرس ئارقىلىق مارالبېشى ناھىيەلىك 5-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى مەمەت ئېلى مۇستەقىل ئەسەر ياسىيالايدىغان بولدى. مەمەت ئېلى بىر تەرەپتىن سۆزلىگەچ، يەنە بىر تەرەپتىن ئەمدىلا پۈتكۈزگەن ئەسىرىنى مۇخبىرغا كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى: ھەر ھەپتىنىڭ ئاخىرى مەن بۇ يەرگە كېلىپ ئوقۇيمەن، D3لىق پىرىنتېر تەجرىبە دەرسىگە مەن بەك ئامراق، D3لىق پىرىنتېر قەلىمى خۇددى سىرلىق قەلەمدەك قەغەزدىكى سۈرەتلەرگە جان كىرگۈزەلەيدىغان بولۇپ، ھەقىقەتەن بەك سىرلىق ئىكەن.

جۇڭخۇا قائىدە-يوسۇنى ئىشخانىسىدا بىر توپ بالا لەرزان گۇچىن مۇزىكىسىغا ئەگىشىپ، كىلاسسىك شېئىرلارنى دېكلاماتسىيە قىلىپ، جۇڭخۇانىڭ ئەنئەنىۋى قائىدە-يوسۇنلىرىنى ئۆگىنىۋاتاتتى؛ «تەبەسسۇم» كۇتۇپخانىسىدا بالىلار ئوقۇتقۇچىسىنى چۆرىدەپ، ئەستايىدىللىق بىلەن ھېكايە ئاڭلاۋاتاتتى؛ لېگاۋ تەجرىبە سىنىپىدا بالىلار تەسەۋۋۇرىغا ئاساسەن، تۈرلۈك نەرسىلەرنى ياساۋاتاتتى...

شاڭخەي شەھىرى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگەن «كىچىك توغراق» تۈرى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش بازىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن ئوقۇتقۇچسى جېڭ خۇا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «كىچىك توغراق» تۈرى شاڭخەي شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كۈچلىرى قانات يايدۇرغان ئىجتىمائىي پاراۋانلىق پائالىيىتى بولۇپ، ئۇنىڭدا نامراتلارنى يۆلەش، ئەقلىي جەھەتتىن يۆلەش، ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈلۈپ، تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئارقىلىق «گۈزەل بالىلىق، گۈزەل ئۆسمۈرلۈك، گۈزەل ئىشقا ئورۇنلىشىش، گۈزەل قەلب، گۈزەل تۇرمۇش» نى شەكىللەندۈرۈش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

جېڭ خۇا مۇنداق دېدى: ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پىراكتىكا بازىسى 2017-يىلى رەسمىي ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ، تەسۋىر ئىجادىيىتى بويىچە يېتىشتۈرۈش بازىسى، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەجرىبىخانىسى، لېگاۋ تەجرىبىخانىسى، D3لىق پىرىنتېر تەجرىبە سىنىپى، «تەبەسسۇم» كۇتۇپخانىسى قاتارلىق 10 پائالىيەت ئۆيى تەسىس قىلىنغان، ئەڭ كۆپ بولغاندا 250 نەپەر ئوقۇغۇچىنى سىغدۇرالايدۇ.

جېڭ خۇا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: پىدائىيلار «كىچىك توغراق» تۈرىنىڭ ئاساسىي كۈچى. ئىجتىمائىي خىزمەت سەھنىسى ئارقىلىق شاڭخەي شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى مارالبېشى شۆبە قوماندانلىق ئىشتابى شۇ جايدىكى پىدائىيلار كوللېكتىپلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەمگە كەلگەن كادىرلار ۋە مائارىپقا ياردەم بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنى پىدائىيلار قوشۇنىغا كىرگۈزىدۇ.

مېيرۈي ئورابىگ نۇرغۇن پىدائىي ئارىسىدىكى بىرى، شۇنداقلا لېگاۋ تەجرىبىخانىسىنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى.

2018-يىلى 7-ئايدا، مېيرۈي شاڭخەيدە قېلىپ خىزمەت قىلىش پۇرسىتىدىن ۋاز كېچىپ، مارالبېشى ناھىيەسىگە كېلىپ پىدائىي بولدى. مېيرۈي مۇنداق دېدى: بۇ ئويۇنچۇقلارنى شەھەردىكى بالىلار كۆپ ئۇچرىتىدۇ، لېكىن، بۇ يەردىكى بالىلار بۇنى پەقەت تېلېۋىزوردىلا كۆرگەن. مەن تەجرىبە قىلىپ كۆرسىتىش ئارقىلىق بالىلارغا دەرس ئۆتۈپ، ئۇلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىدىم. ھازىر بالىلار ئويۇنچۇقلارنى مۇستەقىل ياسىيالايدىغان بولدى.

بۈگۈنكى كۈندە، لېگاۋ تەجرىبىخانىسىدا ھەر كۈنى بالىلارنىڭ كۈلكە سادالىرى ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ، ئويۇنچۇق ئىشكاپىمۇ بالىلار ياسىغان ئويۇنچۇقلار بىلەن توشۇپ كەتتى، «كىچىك توغراق» تۈرى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش بازىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلىم-پەن روھى ۋە ئۆزى بىۋاسىتە تەجرىبە قىلىش، ئىشلەش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرىدىغان ياخشى جاي بولۇپ قالدى.

مارالبېشى ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شاڭخەي شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى مارالبېشى شۆبە قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى لى يۇڭبو تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر، «كىچىك توغراق» تۈرى ئارقىلىق ناھىيە بويىچە 127 پائالىيەت نۇقتىسى تەسىس قىلىنىپ، 500 مەيداندىن ئارتۇق تۈرلۈك پائالىيەت قانات يايدۇرۇلۇپ، شۇ جايدىكى 100 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى (قېتىم)غا نەپ يەتكۈزۈلدى، بۇنىڭ ئىچىدە، نامرات، قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەردىن كەلگەن ئوقۇغۇچى 30 مىڭ ئادەم (قېتىم)دىن ئاشتى.

لى يۇڭبو مۇنداق دېدى: بىزنىڭ نىشانىمىز «كىچىك توغراق» تۈرىنىڭ مارالبېشى ناھىيەسىدىكى بارلىق يېزا (بازار) ۋە كەنتلەرنى قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش، ئەقلىي جەھەتتىن يۆلەش، ئىرادە جەھەتتىن يۆلەشنىڭ دائىرىسىنى يېزىلاردىكى ئەڭ ئاساسىي قاتلاملارغىچە كېڭەيتىپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش دەرسلىكلىرى، جۇڭخۇا قائىدە-يوسۇنلىرىنى ئۆگىتىش ئارقىلىق، يەرلىكتىكى بالىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى تۇرمۇشىنى بېيىتىش، شۇنداقلا ئۇلارنى جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت.