باش بەت>مارالبېشى ناھىيىسى

مارالبېشى ناھىيەسى مىليون مولۇق توغراقلىقتا ئايروپىلاندا دورا چېچىپ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى باشلىدى

يوللانغان ۋاقىت:2020-04-23 17:30:00 مەنبە:قەشقەر گېزىتى مۇھەررىر:ئابدۇسالامجان ئابدۇغېنى مەسئۇل مۇھەررىر:ئاماننىسا ئابابەكرى


      سۈرەتتە: خىزمەتچى خادىملار قەدەمچى قۇرتنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىگە ئىشلىتىلىدىغان بىيو دورىلارنى تەڭشىمەكتە.

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز رىزۋانگۈل خەۋىرى، فوتوسى: يېقىندا، مارالبېشى ناھىيەسى توغراقلىقتىكى قەدەمچى قۇرت ۋە يوپۇرماقتىكى كېسەل زىيىنىنىڭ ئايروپىلاندا دورا چېچىپ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى باشلىدى.

قەدەمچى قۇرت ۋە توغراق يوپۇرمىقىدىكى كېسەل زىيىنىنىڭ خەۋپىنى ئەڭ زور چەكتە ئازايتىش، پۈتۈن ناھىيەدىكى مىليون مولۇق ئىپتىدائىي توغراقلىقنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش ئۈچۈن، ئۇدا بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ شامال دۆلەت ئورمىنىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى 700 مىڭ مو ئىپتىدائىي توغراقلىقتا ئايروپىلاندا دورا چېچىپ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ئېلىپ باردى، بۇنىڭ ئىچىدە، قەدەمچى قۇرتنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش يولغا قويۇلغان كۆلەم 400 مىڭ مو، يوپۇرماقتىكى كېسەل زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش يولغا قويۇلغان كۆلەم 300 مىڭ مو. تۈرگە جەمئىي 5 مىليون 880 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، ھەممىسى 2020-يىللىق مەركەزنىڭ ئورمانچىلىق ئىسلاھات، تەرەققىيات مەبلىغىدىن چىقىم قىلىنغان ئورمان ئېكولوگىيە ئۈنۈم تولۇقلىمىسى ۋە ئورمان بىنا قىلىش تولۇقلىمىسىدىن چىقىرىلغان.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ ناھىيەدە 3 مىليون 160 مىڭ مو ئىپتىدائىي توغراقلىق بار بولۇپ، پۈتۈن ناھىيە دائىرىسىدىكى ئېتىز، ئوتلاقلارنىڭ قۇم-بوراننىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇش، قۇم-بوراننىڭ كۆچۈش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش، يەرنىڭ قۇملىشىش، شورلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئاكتىپ ئېكولوگىيەنى قوغداش رولىنى ئوينايدىكەن. بۇ قېتىم توغراقلىقتا ئايروپىلاندا دورا چېچىپ قەدەمچى قۇرتنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تۈرىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشى، قەدەمچى قۇرت ۋە يوپۇرماقتىكى كېسەل زىيىنىنىڭ توغراقلىققا بولغان خەۋپىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىپ، توغراقلىقنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، توغراقلىقنىڭ ئېكولوگىيەنى قوغداش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل بۇ ناھىيەنىڭ ئايروپىلاندا دورا چېچىپ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تۈرى ئىككى مەشغۇلات رايونىغا ئايرىلىپ قانات يايدۇرۇلىدىغان بولۇپ، ئاساسلىقى ئايروپىلاندا دورا چېچىپ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەشغۇلاتىنى قوللىنىش ئارقىلىق ئادەم كۈچى ۋە ماشىنا-ئۈسكۈنە تەننەرخى تۆۋەنلىتىلىدىكەن ھەمدە بىيو دورىلارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق دورىلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشى ئازايتىلىپ، پۈتۈن ناھىيەنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىنىدىكەن.