باش بەت>پەيزىۋات ناھىيىسى

پەيزاۋات ناھىيەسىدە 18 جۈپ قىز-يىگىت «4-ماي» ياشلار بايرىمىدا كوللېكتىپ توي قىلدى

يوللانغان ۋاقىت:2017-05-11 11:38:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:قەيسەر داۋۇت

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز چېن سۇڭ خەۋىرى، فوتوسى: 5-ئاينىڭ 4-كۈنى پەيزىۋات ناھىيە قىزىلبويى يېزىسىدا 18 جۈپ دېھقان ياش 3000 دىن كۆپرەك يۇرتداشنىڭ گۇۋاھلىقىدا كوللېكتىپ توي قىلدى. ئۇلار بۇخىل ئۇسۇل ئارقىلىق «4-ماي» ياشلار بايرىمىنى تەبرىكلەپ، ئۇلۇغ ۋەتەنگە ئورتاق بەخت تىلىدى.

18 نەپەر كېلىشكەن يىگىت بېشىغا دوپپا، ئۇچىسىغا كاستۇم-بۇرۇلكا كىيىپ، قولىغا مۇھەببەتنىڭ سىمۋولى بولغان ئەتىرگۈلنى تۇتۇپ جۈپتىنى كۈتىۋالدى؛ كېلىنچەكلەر قاردەك ئاپئاق توي كۆينىكىنى كىيىپ، «پەرىزات»لاردەك يېنىك قەدەملەر بىلەن يىگىتىنى قولتۇقلاپ بەخت مەنزىلىگە قەدەم قويدى. تەرەپ-تەرەپتىن كەلگەن يۇرتداشلار مەشرەپكە چۈشۈپ يېڭى تويى بولغان قىز-يىگىتلەرنى مۇبارەكلىدى. پەيزىۋات ناھىيەسىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى نەقمەيدانغا كېلىپ قۇتلۇقلاپ، تويى بولغان ھەر بىر جۈپ ياشقا تېلېۋىزور، كىرئالغۇ، گىلەم، توك چەينىكى قاتارلىق سوۋغاتلارنى تەقدىم قىلدى. ناھىيەلىك ناخشا-ئۇسسۇل-تىياتىر ئۆمىكى سەرخىل ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنداپ، توي مۇراسىمىنى ئەۋجىگە كۆتۈردى. 

ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى كوللېكتىپ توي مۇراسىمىنى قىزىلبويى يېزىسى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، بۇ خىلدىكى كوللېكتىپ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش، ئەدەبىىيات-سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنىڭ كۈچلۈك ئىجتىمائىي كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈپ، تەربىيەنى كۆڭۈل ئېچىشقا سىڭدۈرۈش شەكلى ئارقىلىق ئامما ناچار ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشكە، توي-تۆكۈننى ئاددىي-ساددا ئۆتكۈزۈشكە يېتەكلەنگەن.