باش بەت>پەيزىۋات ناھىيىسى

فوشەن شەھىرى پەيزاۋاتتىكى تۇنجى ماسكا ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنىڭ قۇرۇلۇپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە ياردەم بەردى

يوللانغان ۋاقىت:2020-04-15 16:15:00 مەنبە:قەشقەر گېزىتى مۇھەررىر:دىلنۇر مۇختەر مەسئۇل مۇھەررىر:ئاماننىسا ئابابەكرى


سۈرەتتە: ئىشچىلار سېختا ماسكا ئىشلەپچىقارماقتا.

تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز مو شۈەن خەۋىرى، فوتوسى: فوشەن شەھىرىنىڭ پەيزاۋات ناھىيەسىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ فوشەن خىزمەت ئەترىتى دېيىلىدۇ)نىڭ پۈتۈن كۈچ بىلەن ياردەم بېرىشى ئارقىسىدا، 40 نەچچە كۈن ئۇدا جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق يېقىندا، پەيزاۋات ناھىيەسىدىكى قەشقەر لىمى ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكىسى چەكلىك شىركىتىنىڭ ماسكا ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، بۇ ناھىيەنىڭ ماسكا ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدىكى بوشلۇقنى تولدۇردى.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى بىر تەرەپتىن «قان بېرىش» شەكلىدە ياردەمگە ئېرىشكۈچى جايلارغا ماسكا، پېشانە تېرمومېتىرى، مۇداپىئە كىيىمى، دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى، كۆز ئاسراش ئەينىكى قاتارلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى يەتكۈزۈپ بەرسە؛ يەنە بىر تەرەپتىن ياردەمگە ئېرىشكۈچى جايلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرى بويىچە «قان ئىشلەش» ئىقتىدارىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى توپلاش ۋە ماسكا ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرۈپ، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلدى.

2-ئاينىڭ 13-كۈنى، فوشەن خىزمەت ئەترىتى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى تاپشۇرغان ۋەزىپىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ماسكا ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى تۈرىنى كىرگۈزۈشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە سۈپىتىدە چىڭ، ياخشى تۇتۇپ، تېزدىن مەخسۇس مەسئۇل خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ماسلاشتۇرۇپ، كارخانا ۋە تۈرنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشتىن ماسكا ياساش ماشىنا-ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋېلىش، توشۇش، خام ئەشيا-ماتېرىيال سېتىۋېلىش، ئۈسكۈنىلەرنى تېخنىكىلىق تەڭشەش قاتارلىقلارغىچە، بىر ھالقىنىمۇ چۈشۈرۈپ قويماي ئىز قوغلاپ ئىلگىرى سۈردى.

ئەترەت ئەزالىرىنىڭ ئەسلەپ بېرىشىچە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، بازاردىكى ماسكا ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرى ۋە خام ماتېرىياللار ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل بولغان، ئۇلار گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ مول ياسىمىچىلىق بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرگەن. يۆنىلىش ئايدىڭلاشقاندىن كېيىن، ئەترەت ئەزالىرى فوشەن، دۇڭگۇەن، گۇاڭجوۋ، جاۋچىڭ، خۇيجوۋ قاتارلىق جايلاردىكى كۆپلىگەن ئۈسكۈنە بىلەن تەمىنلەش سودىگەرلىرى ھەمدە توقۇلمىسىز رەخت، پۈركىمە رەخت قاتارلىق خام ئەشيا-ماتېرىيال ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرى بىلەن پائال ئالاقىلىشىپلا قالماي، يەنە قەشقەر لىمى ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكىسى چەكلىك شىركىتىنىڭ تېخنىكلىرىنى فوشەن شەھىرىدىكى ماسكا ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىغا بېرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا ۋە تەربىيەلىنىشكە ئەۋەتكەن.

كۆپ تەرەپلەرنىڭ كۈچ قوشۇشى ئارقىلىق قەشقەر لىمى ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكىسى چەكلىك شىركىتى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى توزانسىز سېخ زاۋۇتىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇشنى تاماملىدى، ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىسىدىن ئىككىسى ۋە 10 توننا خام ئەشيا-ماتېرىيال پەيزاۋات ناھىيەسىگە ئارقا-ئارقىدىن يېتىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، فوشەن خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر يەنە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەمگە ئېرىشكۈچى جايدىكى ئالاقىدار فۇنكسىيەلىك تارماقلار بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇپ، كارخانىنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى ئۆزگەرتىش، ئىشلەپچىقىرىش سالاھىيىتىنى ئىلتىماس قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى ۋە ياردەم بەردى. 3-ئاينىڭ 24-كۈنى، بۇ كارخانا 1-تۈردىكى داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىگە ئېرىشتى، 3-ئاينىڭ 27-كۈنىگىچە، شىركەتنىڭ تۇنجى ماسكا ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى تەڭشىلىپ، سىنىلىپ بولدى، شۇنداقلا كۈنىگە 40 مىڭ دانە ماسكا ئىشلەپچىقاردى. نۆۋەتتە، 2-ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى تەڭشەپ سىناشنىڭمۇ يېقىندا تاماملىنىپ، كۈندىلىك مەھسۇلات مىقدارىنىڭ مۇقىم ئېشىشى مۆلچەرلەنمەكتە.