باش بەت>پەيزىۋات ناھىيىسى

نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، غەيرەتنى بوشاشتۇرماسلىق

يوللانغان ۋاقىت:2020-04-17 11:57:00 مەنبە:قەشقەر گېزىتى مۇھەررىر:ئابدۇسالامجان ئابدۇغېنى مەسئۇل مۇھەررىر:ئاماننىسا ئابابەكرى

ــ پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىدىن ئومۇمىي بايان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: چېن چېن خەۋىرى، فوتوسى

      سۈرەتتە: دېھقانچىلىق تېخنىكى دېھقاننىڭ پارنىكتا تېرىلغان كۆكتاتنى پەرۋىش قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلماقتا.

ئالتە يىللىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى باشتىن كەچۈرۈپ، 2014-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە پەيزاۋات ناھىيەسىدە جەمئىي 148 نامرات كەنت نامراتلىقتىن چېكىنىپ چىقىپ، 28 مىڭ ئائىلىدىكى 114 مىڭ نامرات نوپۇس ئازىيىپ، نامراتلىق يۈزبېرىش نىسبىتى %31.2تىن %3.8كە تۆۋەنلىدى، بىراق يەنىلا 71 نامرات كەنت نامراتلىقتىن چېكىنىپ چىقمىدى، 15 مىڭ كىشى نامراتلىقتىن قۇتۇلمىدى. پەيزاۋات ناھىيەسى ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىنىدىغان ئېغىر نامرات ناھىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن، تەجرىبىلەرنى پائال خۇلاسىلەپ، ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە، يۇقىرى ئۆلچەمدە، يۇقىرى سۈپەتلىك غەلىبە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلدى.

«بىر كەنتكە بىر لايىھە» بولۇشنى يولغا قويۇپ، دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈش

پەيزاۋات ناھىيەسى مەۋقەنى ھەرقايسى كەنتلەرنىڭ ئەۋزەل بايلىقى، جۇغراپىيەلىك ئورنى، خاس كەسىپى قاتارلىق ئەمەلىي ئەھۋالىغا قويۇپ، «ئاشلىقنى مۇقىملاشتۇرۇش، كېۋەزنى ئەلالاشتۇرۇش، ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنى كۆپەيتىش، كۆكتات كۆلىمىنى كېڭەيتىش، باغۋەنچىلىكنى كۈچەيتىش، چارۋىچىلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش» تەرەققىيات تەدبىرىگە ئاساسەن، «بىر كەنتكە بىر لايىھە» بولۇشتىن ئىبارەت نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تەسەۋۋۇرى ۋە تەدبىرىنى تۈزۈپ، كۆكتاتچىلىق كەنتى، باغۋەنچىلىك كەنتى، ئانارچىلىق كەنتى قاتارلىق خاس كەنتلەرنى بەرپا قىلدى، بۇ خاس كەنتلەر شەكىللەندۈرگەن يېتەكچى كەسىپلەر پۈتۈن كەنتنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋېتىشىگە پۇختا ئاساس سالدى.

تېرىم يېزىسىنىڭ باشتېرىم كەنتى شەھەر ئەتراپىدىكى كەنت بولۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر كۆلىمى ئاز، شۇنداقلا ئېغىر نامرات كەنت ئىدى. 2013-يىلى پەيزاۋات ناھىيەسى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ، باشتېرىم كەنتىدە 356 ئەگمە پارنىكنى مەركەزلىك تۇتاش ياساپ، نامرات ئاممىنىڭ تېرىقچىلىق قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بەردى. ئەگمە پارنىك ئەتىياز ۋە كۈز پەسلىدىكى كۆكتاتلارنىڭ ئۆسۈش مەزگىلىنى ئۇزارتىدىغان بولغاچقا، بىر يىلدا ئۈچ قېتىم كۆكتات تېرىغىلى بولاتتى، بولۇپمۇ پەسىلسىز كۆكتاتلارنىڭ سېتىلىشى ياخشى، باھاسى يۇقىرى بولۇپ، دېھقانلارنىڭ كۆكتات تېرىش ئاكتىپچانلىقى يۇقىرى بولدى.

تۈرنى ئائىلىلەرگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سىياسىتى ئارقىلىق نۆۋەتتە باشتېرىم كەنتىدە چوڭ پارنىكتىن 66سى، ئەگمە پارنىكتىن 356سى ياسالدى، ئۇنىڭغا ئوچۇقچىلىققا تېرىلغان كۆكتاتنى قوشقاندا، كۆكتاتلىق كۆلىمى 800 موغا يېتىپ، باشتېرىم كەنتى نامى بار كۆكتاتچىلىق كەنتىگە ئايلاندى. بۇنىڭدىن باشقا، باشتېرىم كەنتىدە 651 كىشى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلمىغان 52 ئائىلىدىكى 78 ئەمگەك كۈچىنىڭ ھەممىسى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتى.

يېڭىمەھەللە يېزىسىنىڭ ئاياغلەڭگەر كەنتى پەيزاۋات ناھىيەسىدە شىنمېي ئۆستۈرۈشنى بالدۇرراق باشلىغان كەنت بولۇپ، 2014-يىلىدىن بۇرۇن تېرىقچىلىق كۆلىمى ئانچە چوڭ ئەمەس ئىدى. «شىنمېي خاس باغ-ئورمانچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش»تىن ئىبارەت نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تەسەۋۋۇرى بۇ كەنتتىكىلەرنىڭ تەرەققىيات نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتتى. بۇ كەنت ئۇدا ئىككى يىل شەندۇڭنىڭ تەيئەندىن 120 مىڭ تۈپ شاپتۇل كۆچىتىنى مەركەزلىك سېتىۋېلىپ، شىنمېي دەرىخى ۋە ئۆرۈك، نەشپۈت دەرىخىگە ئۇلاپ، كۆچەت تەننەرخى جەھەتتىلا ئاممىغا 310 مىڭ يۈەن تېجەپ بەردى.

2018-يىلى ئاياغلەڭگەر كەنتى دېھقانلار باغ-ئورمانچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ يېتەكلەش، تۈرتكە بولۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شەندۇڭنىڭ خېزېدىن تېخنىكا ئۆمىكى كىرگۈزۈپ، بازارلاشتۇرۇپ يۈرۈشتۈرۈش شەكلى ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ مېۋىلىك دەرەخلەرنى پورمىلىشى، كۆچەت ئۇلىشىغا ياردەم بەردى، يېتەكچىلىك قىلدى ھەمدە شۇ كەنتتىكى تېخنىك خادىملارنى تەربىيەلىدى. ھازىر ئاياغلەڭگەر كەنتىدىكى تېخنىك خادىملار بىر تۈپ دەرەخنى پورمىلىسا تۆت يۈەن، بىر تۈپ كۆچەت ئۇلىسا ئىككى يۈەن باھا بويىچە كەنتلەرنى ئارىلاپ، مەخسۇس ۋەزىپىدىكى «تېخنىك تامىقى»غا ئېغىز تەگدى.

ئاياغلەڭگەر كەنتىنىڭ 1-شۇجىسى كۈرەش قاۋۇل مۇنداق دېدى: «بۇلتۇر مېۋىلەش مەزگىلىگە كىرگەن 2100 مو كۆلەمدىكى شىنمېيدىن 4 مىليون يۈەن ساپ كىرىم قىلىنىپ، پۈتۈن كەنتتە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىم 2000 يۈەن ئېشىپ، بۇ خىل تەدبىر ئارقىلىق نامراتلىق قالپىقى ئېلىۋېتىلدى، بۇ يىل پۈتۈن كەنتتە 7500 مو تېرىلغۇ يەرگە مېۋىلىك كۆچەت تىكىلىپ، ئىسمى-جىسمىغا لايىق باغۋەنچىلىك كەنتىگە ئايلاندى.

ناھىيە بازىرىغا 130 كىلومېتىر كېلىدىغان ئۆدەكلىك يېزا يېڭىئېرىق كەنتىنىڭ تۇپرىقى قۇملۇق تۇپراق بولۇپ، ئانارنىڭ دانىسى چوڭ، سۇ تەركىبى كۆپ، قەنت تەركىبى مۇۋاپىق، بازاردا ئالقىشقا ئېرىشكەن. بۇ كەنتنىڭ 1- شۇجىسى شۈ جىگو تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كەنتىمىزدە  ئانار كۆلىمى 1960 مو بولۇپ، ھەربىر ئائىلىگە 10 مودىن، كىشى بېشىغا ئۈچ مودىن توغرا كېلىدۇ، مېۋىلەش مەزگىلىگە كىرگەندە بىر مو يەردىكى ئاناردىن 20 مىڭ يۈەن كىرىم قىلغىلى بولىدۇ، بۇلتۇر ئانار كەسپىدىن قىلىنغان كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىم 2000 يۈەن ئېشىپ، بۇ كەنت نامراتلىقتىن چېكىنىپ چىقتى.

«بىر ئائىلىگە بىر تەدبىر» قوللىنىپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش

2014-يىلى، پەيزاۋات ناھىيەسىدە 32 مىڭ 546 ئائىلىدىكى 129 مىڭ 426 ئادەمگە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن بولۇپ، نامراتلىقنىڭ يۈزبېرىش نىسبىتى %31.2 ئىدى.

ئۇلى ئاجىز، ئاساسى ناچار، ئاساسىي سانى زور بولغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسى ئالدىدا پەيزاۋات ناھىيەسى ياردەم بېرىپ يۆلەيدىغان كادىرلار نامرات ئائىلىلەرنى ھۆددىگە ئېلىپ ئالاقىلىشىش، «بىر ئائىلىگە بىر تەدبىر» لايىھەسىنى تۈزۈش، كادىرلارنىڭ ئەمەلىيىتى ۋە ئارزۇسىغا بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى ھەربىر ئائىلە ئەزاسىغىچە ئىنچىكە، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈردى.

يېڭىمەھەللە يېزىسىنىڭ قۇمئېرىق كەنتىلىك مەخەت ئەمەتنىڭ خوتۇنى سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىككە گىرىپتار بولغان، ئوغلى ۋە كېلىنىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش تېخنىكا-ماھارىتى يوق بولغاچقا، 2014-يىلى، بىر ئائىلىدىكى بەش نوپۇس ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە قىلىپ بېكىتىلگەن. خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ىدىكىلەر ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئوغلى ۋە كېلىنىنى ناھىيە بازىرىدا ئامانلىق ساقلىغۇچى، ئاشخانا مۇلازىمەتچىلىكىگە تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، ئۇلار ھەر ئايدا مۇقىم كىرىمگە ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيىگە كۆچۈپ كىرىپ، ناھىيە بازىرىدا ئولتۇراقلاشتى. مەخەت ئەمەت گەرچە 60 ياشتىن ئاشقان بولسىمۇ ئىنتايىن تىمەن، ھەم ئىشچان ئىدى، 2016-يىلى 2-ئايدا، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ئۇنىڭغا 30 مىڭ يۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئاز سوممىلىق ياردەم ئۆسۈملۈك قەرزى ئىلتىماس قىلىپ بېرىپ، باقمىچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ياردەم بەردى. بۇ يىل، ئۇنىڭ ئائىلىسى ھويلا-ئاران ئىگىلىكى تۈرى بويىچە بېرىلگەن 10 مىڭ يۈەندىن بەھرىمەن بولۇش ئاساسىدا، يەنە پەيزاۋات قوغۇنى نامراتلارنى يۆلەش تولۇقلىمىسى، باغ-ئورمانچىلىق بويىچە پورمىلاش ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش تۈرى مەبلىغىدىن 6400 يۈەن ھەمدە چارۋا باقمىچىلىقى يەم-خەشەك ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋېلىش تۈرى بويىچە بېرىلگەن 1500 يۈەندىن بەھرىمەن بولۇپ، بىر ئائىلىدىكى بەش نوپۇس مۇقىم ھالدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.

باشقىلارغا بېلىق بەرگەندىن، بېلىق تۇتۇشنى ئۆگەتكەن ئەۋزەل. قىزىلسۇ يېزىسىنىڭ كۆتەمە كەنتىلىك قۇربان پەتتار ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن، ئىككى بالىسى بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەنىدى، تۇرمۇشىدىكى كۈتۈلمىگەن ئىشلار، ئۆيى يوق، يېرى يوق بولۇشتەك مۈشكۈل ئەھۋال ئۇنى ئىلاجىسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغانىدى. كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار ۋە ياردەم بېرىپ يۆلەيدىغان كادىرلار قۇرباننىڭ ئالاھىدە ئەھۋالىغا ئاساسەن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش لايىھەسى تۈزدى. 2016-يىلىنىڭ بېشىدا، قۇربان 45 كۈنلۈك تامچىلىق بويىچە ھەقسىز تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتناشتى ھەمدە شۇ كەنتتىكى قۇرۇلۇش ئەترىتىگە كىرىپ، ئەمىن ئۆي سېلىشقا قاتنىشىپ، بىر كۈندە 200 يۈەندىن 300 يۈەنگىچە ئىش ھەققى ئېلىپ، شۇ يىللىق كىرىمى 30 مىڭ يۈەنگە يېقىنلاشتى. ئەمگەك ئارقىلىق يارىتىلغان بەخت قۇربانغا قايتا ئىشەنچ ئاتا قىلدى. 2017-يىلى، ئۇ قۇرۇلۇش ئەترىتى تەشكىللەپ، خوجايىن بولۇپ، شۇ كەنت ۋە قوشنا كەنتتىن 30 يۈرۈش ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى ھۆددىگە ئېلىپ، ئۆزى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپلا قالماي، يەنە 20 نەپەرگە يېقىن نامرات نوپۇسنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. 2017-يىلى كۈزدە، ئۇ يەنە باشقىلار ئوبوروت قىلغان 6.7 مو تېرىلغۇ يەرنى ھۆددىگە ئېلىپ بۇغداي تېرىدى. 2019-يىلى، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان قۇربان قايتا ئۆيلەندى، بۇ يىل 2-ئايدا، ئۇ كۆتەمە كەنتىدىكى ئىگىلىك تىكلەش كىچىك بازىرىغا تايىنىپ يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى تاللا بازىرى ئاچتى، يەنە 10 مو يەر ۋە بىر ئەگمە پارنىكنى ھۆددىگە ئېلىپ، بارلىق پۇرسەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ بېيىدى. قۇرباننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش كەچۈرمىشى «ئاجىز قۇش ئاۋۋال ئۇچۇرما بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئەڭ نامرات كىشىلەر ئاۋۋال بېيىشى مۇمكىن»نىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى بولۇپ قالدى.

بۇ يىل 3-ئايدا پەيزاۋات ناھىيەسى پۈتۈن ناھىيەدىكى ھەربىر ئائىلىنىڭ ئەھۋالىنى يەنە بىر قېتىم ئېنىقلاپ، «بىر ئائىلىگە بىر تەدبىر» بولۇشتا بىرمۇ ئادەمنىڭ چۈشۈپ قالماسلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بويىچە كۆزىتىلىدىغان 1467 ئائىلىنىڭ قايتا نامراتلىشىپ كەتمەسلىكى، نامراتلىق گىرۋىكىدىكى 5025 ئائىلىنىڭ نامراتلىشىپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى.

كۆپ خىل تەدبىرلەرنى تەڭ قوللىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ نەتىجە-ئۈنۈمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ياخشى مۇستەھكەملەش

تېرىقچىلىق كەسپىدە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ساپ كىرىم 1000 يۈەندىن يۇقىرى بولۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بۇ يىل پەيزاۋات ناھىيەسى ناھىيە بويىچە 250 مىڭ مو يەرگە پەيزاۋات قوغۇنى، 100 مىڭ مو يەرگە كۆكتات، 100 مىڭ مو يەرگە قىزىلچا تېرىپ، پەيزاۋات قوغۇنى، كۆكتات تېرىغان نامرات ئائىلىلەرنىڭ ھەر مو يېرىگە 500 يۈەن تولۇقلىما، نامرات بولمىغان ئائىلىلەرنىڭ ھەر مو يېرىگە 200 يۈەن تولۇقلىما بېرىش ئاساسىدا، نامراتلارنى يۆلەش تۈر مەبلىغى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىنى جانلاندۇرۇپ، 17 مىليون تۈپ كۆكتات مايسىسى يېتىشتۈرۈپ دېھقانلارغا بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئەتىيازدا بالدۇر تېرىلىدىغان ئەگمە پارنىك كۆكتاتى ۋە ھويلا-ئاران كۆكتاتلىرىنى تېرىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى پىلانلىدى. بۇ يىل 2-ئايدا، پەيزاۋات ناھىيەسى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ، ھەر ئايدا 1350 يۈەن ئىش ھەققى بىلەن 357 نەپەر دېھقان تېخنىكنى تەكلىپ قىلىپ، يېزا-بازارلىق يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش پونكىتىدىكى تېخنىكلارنىڭ كەنتنى ھۆددىگە ئېلىپ، ئائىلىلەرگە بېرىشى يېتەرسىز بولۇشتەك كەمتۈكلۈكىنى تولۇقلىدى.

ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تېگىشلىكلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشالمىغانلارنى تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن، پەيزاۋات ناھىيەسى تۈر قۇرۇلۇشى، كارخانا، ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىش ئورنى قاتارلىق جەھەتلەردە 47 مىڭدىن ئارتۇق ئىش ئورنى يارىتىپ، ھەممە ئائىلىنىڭ يولى بولۇش، ھەممە ئادەمنىڭ قىلىدىغان ئىشى بولۇش، ھەر ئايدا كىرىمى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

شېكەركۆل بازىرىدا يۈز بەرگەن «19-يانۋار» 6.4 بال يەر تەۋرەشتە ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ھەممىسىنى كۆچۈرۈش خىزمىتىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن، پەيزاۋات ناھىيەسى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى 60 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش مۆلچەرلەنگەن، يېڭىدىن ئالتە كورپۇس، 220 يۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇش ئۆيى ۋە بىر كورپۇس مەھەللە مۇلازىمەت مەركىزى سېلىنىدىغان كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا ئىش باشلاپ، ئالدىنقى مەزگىلدە 4000 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان يەرنى كۆكەرتىش، قاتتىقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ خاتىرجەم ئولتۇراقلىشىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلدى.

بۇ ناھىيە كۆپ خىل تەدبىرلەرنى تەڭ قوللىنىش، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش خىزمەت تەسەۋۋۇرىدا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ نەتىجە-ئۈنۈمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ياخشى مۇستەھكەملەپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»، يېزىلاردا «بەشنى راۋانلاشتۇرۇش، يەتتە بولۇش»، دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈش كاپالىتى ۋە ئەمەلىي جەڭگە قاتتىق ھەيدەكچىلىك قىلىشنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بىر كەنتكە بىر لايىھە»، «بىر ئائىلىگە بىر تەدبىر» بولۇشتىن ئىبارەت نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تەدبىرى ئاساسىدا، جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىش، ھۆددىگە ئېلىپ ئالاقىلىشىش، ياردەم بېرىش-يۆلەشتىن ئىبارەت «ئۈچ بىر گەۋدە»نىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت، پۈتۈن شىنجاڭ بىلەن ماس قەدەمدە ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويۇشقا كاپالەتلىك قىلدى.