باش بەت>پەيزىۋات ناھىيىسى

پەيزاۋات ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى «قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش دەرسخانىسى»نى يېزا-كەنتلەرگە كىرگۈزدى

يوللانغان ۋاقىت:2020-05-03 03:31:00 مەنبە:قەشقەر گېزىتى مۇھەررىر:پاتىمە مىجىت مەسئۇل مۇھەررىر:ئاماننىسا ئابابەكرى



ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ۋاڭ ۋېي خەۋىرى، فوتوسى: «قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش دەرسخانىسىدا دەرس باشلاندى، كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، دۆلىتىمىزنىڭ تۈپ قانۇنىنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسىلەر؟ <ئاساسىي قانۇن> شۇ، بۈگۈن مەن كۆپچىلىككە <ئاساسىي قانۇنىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ۋە ئاساسىي پىرىنسىپى>نى سۆزلەپ بېرىمەن». يېقىندا، پەيزاۋات ناھىيە قىزىلبويى بازىرى يېڭىمەھەللە كەنتىنىڭ ئېتىز بېشىدا، تەپتىش ئەمەلدارى ئەنۋەر ئابلىمىتنىڭ «ئاساسىي قانۇن دەرسى» رەسمىي باشلاندى.

پەيزاۋات ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قانۇن تەشۋىقات مۇلازىمەت ئەترىتى يېقىندا، قىزىلبويى بازىرىنىڭ يېڭىمەھەللە كەنتىگە بېرىپ، قانۇن-نىزاملارنى تەشۋىق قىلدى. تەشۋىقاتچىلار ئاممىغا «ئاساسىي قانۇن»، «جىنايى ئىشلار قانۇنى»، «يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنى» قاتارلىق قانۇن-بەلگىلىمە بىلىملىرىنى تەپسىلىي چۈشەندۈردى ھەمدە ئېتىز باشلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئامما بىلەن قىزغىن پاراڭلاشتى، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئىگىلەپ، يۈرەك سۆزلىرىگە قۇلاق سالدى، ئۇلارنىڭ قانۇن ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىغا سەۋرچانلىق بىلەن جاۋاب بېرىپ، ئاممىنى قانۇنغا ئاڭلىق رىئايە قىلىش، بىرەر ئىشقا يولۇققاندا قانۇننى ئىزدەش، مەسىلىنى ھەل قىلىشتا قانۇنغا تايىنىشقا پائال يېتەكلىدى.