باش بەت>مەكىت ناھىيىسى

مەكىت ناھىيەسى يەتتە جۈپ قىز-يىگىتنىڭ كوللېكتىپ توي مۇراسىمىنى ئۆتكۈزدى

يوللانغان ۋاقىت:2016-12-26 12:01:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:زۇلخۇمار تۇردى


سۈرەتتە: خىزمەتچى خادىملار تويى بولغان قىز-يىگىتكە كىرئالغۇ سوۋغا قىلماقتا.

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز يىن شىنخۈي خەۋىرى: يېقىندا، مەكىت ناھىيە غازكۆل يېزىسىنىڭ كاماكۆل كەنتى ئاھالىلەر كومىتېتى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد-ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان «يېڭى يېزا، يېڭى ئىستىل، يېڭى قاراش» تېمىسىدىكى دېھقانلار كوللېكتىپ توي مۇراسىمى كەنت پائالىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى.

توي مۇراسىمى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى توي ئۆرپ-ئادىتى بويىچە ئۆتكۈزۈلدى، يەتتە ئات ھارۋىسى گۈللەر بىلەن بېزىلىپ، ناغرا-سۇناي چېلىنىپ، تويى بولغان قىز يىگىت ئات ھارۋىسى بىلەن كەنتنى ئايلاندى، خەلق سەنئەتكارلىرى ۋە تويغا قاتناشقان ياشلار شادىمان مۇزىكىغا ئەگىشىپ شوخ ئۇسسۇلغا چۈشتى. خىزمەتچى خادىملار تويى بولغان قىز-يىگىتكە بىردىن ئاپتوماتىك كىر ئالغۇ سوۋغا قىلدى.

بۇ ناھىيە توي مۇراسىمى ئارقىلىق ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق، مەدەنىيەت ئۇرۇقىنى ھەر مىللەت كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قەلبىگە چېچىپ، ياشلارنىڭ ئىلغار مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش، ئىلغارلىققا ئىنتىلىشتەك تۇرمۇش شەكلىنى نامايان قىلىپ، كۆپچىلىكنى ناچار ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشكە يېتەكلىگەن.

ئىگىلىنىشچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد-ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ غاز كۆل يېزا كاما كۆل كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر «كەنت ئىككى كومىتېت»ى بىلەن بىرلىكتە خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، كوللېكتىپ توي مۇراسىمى، ئاساسىي تېمىلىق تەشۋىقات پائالىيىتى، ئاياللار قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى، ئەدەبىيات-سەنئەت ئويۇنى، تەنتەربىيە مۇسابىقىسى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ياخشى بولغان يېزا-قىشلاق مەدەنىيىتى كەيپىياتى يارىتىپ، تەربىيەنى كۆڭۈل ئېچىشقا سىڭدۈرۈش شەكلى ئارقىلىق دېھقانلارنى ناچار ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىپ، يېڭىچە دېھقانلاردىن بولۇشقا يېتەكلىگەن.