باش بەت>يەكەن ناھىيىسى

يىپەك يولىدىكى قەدىمىي شەھەر – يەكەن

يوللانغان ۋاقىت:2016-06-01 12:49:00 مەنبە:تەڭرىتاغ تورى مۇھەررىر:

  

 ئابلەت نۇردۇن

    يەكەن ناھىيەسى قاراقۇرۇم تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان. شەرقى مەكىت ناھىيەسى بىلەن، شەرقىي جەنۇبى پوسكام، قاغىلىق ناھىيەلىرى بىلەن، غەربىي جەنۇبى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى، ئاقتۇ ناھىيەسى بىلەن، شىمالى يوپۇغا ، مارالبېشى ناھىيەلىرى بىلەن تۇتىشىدۇ.

   يەكەن شەرقىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي يۇرتتىكى ئەڭ كۈچلۈك بەگلىكلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئەتراپتىكى بىر مۇنچە بەگلىكلەر ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغان. كېيىن ئۇدۇن (خوتەن) بەگلىكى تەرىپىدىن قوشۇۋېلىنغان. ئۈچ پادىشاھلىق دەۋرىدە سۇلې (قەشقەر) غا تەۋە بولغان. سۈي، تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىن سۇڭ سۇلالىسىنىڭ باشلىرىغىچە ئۇدۇنغا تەۋە بولغان. ئۇنىڭدىن كېيىن قاراخانىيلار سۇلالىسى ۋە قارا قىتان (غەربىي لياۋ) تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنغان. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە يەكەن خانلىقىنىڭ ئاستانىسى بولغان. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىنىڭ باشلىرىدا جۇڭغار خانلىقىغا تەۋە بولغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلۇڭ دەۋرىدە يەكەندە خان ئامبال تۇرغۇزغان. 1902 – يىلى يەكەن مەھكىمىسى، 1913 – يىلى يەكەن ناھىيەسى تەسىس قىلىنغان.

   يەكەن نامىنىڭ ئېتمولوگىيەسى توغرىسىدا تۈرلۈك قاراشلار بار. بەزىلەر يەكەن قەشقەر ۋىلايىتىگە تەۋە شۇ نامدا ئاتىلىدىغان ناھىيە (شەھەر)نىڭ ۋە بىر ئۇلۇغ ئېقىننىڭ نامى. بۇ نامنىڭ ئەسلىيسى ‹‹ياركەند›› بولۇپ كېيىنچە ‹‹يەكەن››گە ئۆزگەرگەن. بۇ نامنى بەزى تەتقىقاتچىلار قاراخانىيلار خانلىقى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىسا، يەنە بەزىلەر ‹‹يەكەن›› نامىنىڭ خەنزۇچە ئاتىلىشى ‹‹车莎››نىڭ قەدىمكى ئوقۇلۇشى ‹‹suakiwo›› بولۇپ، ‹‹sarki››، ‹‹sarko››. ‹‹sarko›› ياكى ‹‹saeke››، ‹‹saka›› بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارايدۇ.

  يەكەندە قەدىمىي مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورۇنلىرى ۋە سەيلىگاھلار كۆپ. ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ ئىجادچىلىرىدىن ئاماننىساخان مەقبەرىسى، يەكەن جامىئەسى، ئالتۇنلۇق مازىرى، قاراسۇ قۇملۇق مەنزىرىگاھى قاتارلىقلار بار.