باش بەت>يەكەن ناھىيىسى

شۇجى جاڭ چۈنشيەننىڭ ھەر مىللەت ئۆسمۈر-بالىلارغا يازغان بايراملىق بېغىشلىمىسى ھەر مىللەت ئۆسمۈرلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى

يوللانغان ۋاقىت:2016-06-06 17:14:00 مەنبە:قەشقەر گېزىتى مۇھەررىر:

 

نۇرمۇھەممەت ئايۇپ خەۋىرى: 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن كېيىن يەكەن ناھىيەسىنىڭ مۇقام تىياتىرخانىسى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن بولۇپ، بۇ كۈنى يەكەن ناھىيەلىك پارتكوم ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەننىڭ پۈتكۈل شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئۆسمۈر- بالىلارغا يازغان بېغىشلىمىسىغا تەنتەنە قىلىش، «1 - ئىيۇن» بالىلار بايرىمىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، مول مەزمۇنلۇق ئەدەبىيات - سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزدى.

سەنئەت كېچىلىكىدە قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، يەكەن ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ يۇڭجى، شۇجى جاڭ چۈنشيەننىڭ پۈتكۈل شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئۆسمۈر-بالىلارغا يازغان بېغىشلىمىسىنى يەتكۈزدى. ئارقىدىن يەكەن ناھىيەسىدىكى «قوش تىل» مائارىپىدا نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغان ئۆسمۈرلەرنى تارتۇقلىدى. پائالىيەتتە ناھىيەلىك ئالاھىدە مائارىپ مەكتىپى ۋە ھەر قايسى يېزا (بازار) لىق ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ، بالىلار باغچىلىرى ئوقۇغۇچىلىرى ناخشا - ئۇسسۇل، شېئىر، دېكلاماتسىيە، ئىتوت قاتارلىق سەنئەت نومۇرلىرى ئورۇنداپ بايرامغا تەنتەنە قىلدى.

پائالىيەت ئاخىرىدا ناھىيە رەھبەرلىرى بالىلارغا بايراملىق سوۋغات بۇيۇمى تارقىتىپ بەردى.