باش بەت>يەكەن ناھىيىسى

يەكەن «جياڭنەن» قۇرۇق يەل - يېمىش سودا بازىرى تىجارەت باشلىدى

يوللانغان ۋاقىت:2016-06-15 18:09:00 مەنبە:قەشقەر گېزىتى مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

 

چاڭ جېنپىڭ خەۋىرى، فوتوسى: 6 - ئاينىڭ 9 - كۈنى يەكەن ناھىيەسىدىكى «جياڭنەن» قۇرۇق يەل - يېمىش سودا بازىرى رەسمىي تىجارەت باشلىدى، 9 مىليون 225 مىڭ 300 يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بۇ بازارنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 21 مىڭ 317.28 كۋادىرات مېتىر، قۇرۇلۇش كۆلىمى 5800 كۋادىرات مېتىر بولۇپ، زاپاس ساقلاش، يۆتكەش بىر گەۋدىلەشكەن چوڭ تىپتىكى قۇرۇق يەل - يېمىش بازىرى ھېسابلىنىدۇ. ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، يەكەن ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ يۇڭجى ۋە ھەر قايسى يېزا (بازار، رايون)لىق يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋىلىش- سېتىش شۆبە جەمئىيەتلىرى، بادامچىلىق جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىللىرى تىجارەت باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

بۇ سودا بازىرىنىڭ ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلۈشى ئۇزاق مەزگىلدىن بۇيان يەكەن ناھىيەسىدىكى قۇرۇق يەل- يېمىشنى سېتىشتا تارقاق تىجارەت قىلىش، كۆلەم بولۇپ شەكىللىنىشى قىيىن بولۇش، بازار قىياپىتىگە، قۇرۇق يەل - يېمىش سېتىلىشىغا تەسىر يېتىش قاتارلىق قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

«جياڭنەن» قۇرۇق يەل - يېمىش سودا بازىرى يەكەن ناھىيەسىدىكى «جياڭنەن» سودا - ماددىي ئەشيا ئوبۇرۇتى مەركىزىگە جايلاشقان بولۇپ، بۇ مەركەزگە 209 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان. قۇرۇق يەل - يېمىش سودا بازىرىنىڭ قۇرۇلۇشىدىن مەقسەت ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇق يەل - يېمىش سودا سورۇنى بەرپا قىلىش، دۇكان بىلەن ئىنتېرنېت تورى + قۇرۇق يەل - يېمىش سودىسى ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنىڭ ئىستېراتىگىيەلىك تەدبىرى بولۇپ، كېيىنكى قەدەمدە قۇرۇق يەل - يېمىش سودا بازىرىنىڭ فونكىسىيەسى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلۈپ، ئېلېكتىرۇنلۇق سودا ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇلۇشىغا بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئىنتىرنىت تورى + قۇرۇق يەل - يېمىش سودىسى  ئېلېكتىرۇنلۇق سودا ئىشلىرى سورۇنى بەرپا قىلىنىپ، يەكەن ناھىيەسىنى قەشقەر، ھەتتا جەنۇبىي شىنجاڭ بويىچە قۇرۇق يەل - يېمىش سودا مەركىزىگە ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت.