باش بەت>يەكەن ناھىيىسى

مىشا يېزىسى دېھقانلارنى گىلاس ساياھەتچىلىكى كەسپىگە يېتەكلىدى

يوللانغان ۋاقىت:2016-07-01 12:51:00 مەنبە:قەشقەر گېزىتى مۇھەررىر:قەيسەر داۋۇت

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پاشاگۈل ئابدۇراخمان خەۋىرى: يەكەن ناھىيەسىنىڭ مىشا يېزىسى گىلاسچىلىقنى ئاساس قىلغان يېزا ساياھەتچىلىكىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق دېھقانلار كىرىمىنىڭ كۆپ مەنبەلىك ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.

نۆۋەتتە، بۇ يېزا گىلاسلىق باغ كۆلىمىنى 10 مىڭ موغا يەتكۈزۈپ، ھەر مو گىلاسلىقتىن 20 مىڭ يۈەندىن 30 مىڭ يۈەنگىچە كىرىم قىلدى. بۇ يېزا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تۈرلۈك ئۇسۇللاردا دېھقانلارنىڭ گىلاسچىلىق ئارقىلىق يېزا سەيلە - ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ساياھەت مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇشىغا ئىلھام بەردى ھەمدە گىلاسچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن بازار ئېچىپ، دېھقانلارنىڭ گىلاسلىرىنى سېتىپ چىقىرىش يوللىرىنى كېڭەيتتى. گىلاسچىلىقنىڭ پايدىسىنى كۆرگەن بۇ يېزىدىكى دېھقانلار بۇ يىل يېڭىدىن 7800 مو يەرگە گىلاس كۆچىتى تىكىپ، كۆلەمنى يەنىمۇ كېڭەيتتى. نۆۋەتتە بەش ئورۇندا گىلاسنى ئاساس قىلغان «دېھقانلار شاتلىقى ئارامگاھى» قۇرۇلغان بولۇپ، ئارامگاھلارنىڭ يۈرۈشلەشمە ئەسلىھەلىرى تولۇقلىنىپ، مۇلازىمەت سۈپىتى ۋە سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلدى.