باش بەت>يەكەن ناھىيىسى

يەكەن ناھىيەسىدىكى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە قول تۇتۇشۇش» پائالىيىتىگە قاتناشقان كىچىك ئەلچىلەر شاڭخەيگە يىتىپ باردى

يوللانغان ۋاقىت:2016-07-13 13:30:00 مەنبە:قەشقەر گېزىتى مۇھەررىر:قەيسەر داۋۇت

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ۋاڭ خۇڭيىن خەۋىرى، فوتوسى: 7- ئاينىڭ 5-كۈنى 2016-يىللىق  2- تۈركۈمدىكى شاڭخەي پۇدۇڭ- يەكەن  «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە قول تۇتۇش» پائالىيىتى يەكەن ناھىيەسىدە باشلاندى. ئىتتىپاقلىق ۋە دوستلۇق مېھرىگە تولغان يەكەن ناھىيەسىدىكى 80 نەپەر ھەر مىللەت ئۆسمۈر شۇ كۈنى شاڭخەيگە يىتىپ باردى.

پۇدۇڭ يېڭى رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ھەمكارلىق- ئالماشتۇرۇش خىزمىتى ئىشخانىسى ئۇيۇشتۇرغان، پۇدۇڭ يېڭى رايونلۇق يېزا ئىگىلىك مەكتىپى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان شاڭخەي- يەكەن ياش- ئۆسمۈرلىرىنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە قول تۇتۇشۇش» پائالىيىتىدە، يەكەن ناھىيەسىدىن كەلگەن 80 نەپەر ئۆسمۈر شاڭخەيدىكى  بەلگە خاراكتېرلىك مەيداننى ئېكىسكۈرسىيە قىلىپ، شاڭخەي شەھىرىنىڭ  كۈنسايىن يېڭىلىنىپ تۇرۇۋاتقان تەرەققىياتىنى بىۋاسىتە  ھېس قىلدى. ھەر مىللەت ئۆسمۈرلەر شاڭخەي شەھىرىدىكى «قول تۇتۇشۇش» پائالىيىتى بويىچە قوشماقلاردىن بولىدىغان مەكتەپتىكى ئۆسمۈرلەر بىلەن مول مەزمۇنلۇق دوستلۇق پائالىيىتىنى ئۆتكۈزدى ھەمدە بىر- بىرىگە سوۋغا بېرىشتى. ئىككى جايدىكى ئۆسمۈرلەر ۋەكىلى ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى «قول تۇتۇشۇش» پائالىيىتىدە ھېس قىلغانلىرىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، كىچىكىدىن باشلاپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئەلچىلىرىدىن بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.


سۈرەتتە: پائالىيەتكە قاتناشقان بالىلار شاڭخەي شەھىرىدىكى بەلگە خاراكتېرلىك ئورۇندا سۈرەتكە چۈشمەكتە.