باش بەت>يەكەن ناھىيىسى

يەر - جاي ناملىرىنىڭ قاراۋۇلى

يوللانغان ۋاقىت:2016-08-03 17:35:00 مەنبە:قەشقەر گېزىتى مۇھەررىر:زۇلخۇمار تۇردى


سۈرەتتە: سۇلتان مامۇت ئىبراھىم ماتېرىيال كۆرمەكتە.

   تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز نۇرمۇھەممەت ئايۇپ خەۋىرى، فوتوسى: يەكەن ناھىيەسىدە يېشى 80 گە ئۇلاشقان سۇلتان مامۇت ئىبراھىم ئىسىملىك بىر مويسىپىت بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بىر قىسىم مەتبۇئاتلاردا دائىم كۆزگە چىلىقىپ تۇرىدۇ.

   سۇلتان مامۇت ئىبراھىم كىچىكىدىن كىتاب ئوقۇشقا ھېرىسمەن بولۇپ، ئۇ ئالىي مەكتەپتە خىمىيە كەسپىدە ئوقۇپ يەكەن ناھىيەلىك 1- تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە تەقسىم قىلىنغاندىن تارتىپ، 1996 - يىلى پېنسىيەگە چىققانغا قەدەر شۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى، خىمىيە ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، مەكتەپنىڭ ئىلمىي مۇدىرى بولغان. ئۇ خىزمەت ھاياتىدا ئۆز خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىگەندىن سىرت، ئىزچىل ھالدا خىمىيە ئوقۇتۇشى ۋە مائارىپ تەتقىقاتىغا دائىر ماقالىلەرنى يېزىپ كەلگەن.

   سۇلتان مامۇت ئىبراھىم پېنسىيەگە چىققان 20 يىلدىن بۇيان يەر - جاي ناملىرىغا ئائىت 150 پارچىدىن ئارتۇق تەتقىقات ماقالىسى يېزىپ، بۇنىڭدىن 117 پارچە ماقالىنى «شىنجاڭ گېزىتى»، «قەشقەر گېزىتى»، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى»، «بۇلاق» قاتارلىق گېزىت - ژۇرناللاردا ئېلان قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يەر - جاي ناملىرى تەرەققىياتىدا بەلگىلىك تەسىر قوزغىدى. ئۇنىڭ 20 پارچە تەتقىقات ماقالىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «يۇرتىمىزدىكى يەر - جاي ناملىرىغا دائىر ئىزدىنىشلەر» ناملىق ماقالىلەر توپلىمى 1999- يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، يەر - جاي ناملىرى تەتقىقاتىدىكى مۇھىم پايدىلىنىش ماتېرىيالى بولۇپ قالدى.

   ئۇ يېقىندا يەنە يەكەن ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن بىر قىسىم تەتقىقاتچى ۋە ياش ئىزدەنگۈچىلەرگە باشلامچى بولۇپ، يەكەن ناھىيە بازىرىدىكى 258 چوڭ - كىچىك كوچىنىڭ ئىسمىنى بېكىتىشكە قاتنىشىپ، ھەر بىر كوچىغا ئۆز نامىنى ئاساس قىلىپ ئۇيغۇرچە ئىسىم قويۇپ بەردى.