باش بەت>يەكەن ناھىيىسى

يەكەن ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلار «قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە ئالغا ئىلگىرىلەش» تېمىسىدا دوستلۇق پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

يوللانغان ۋاقىت:2016-08-05 19:26:00 مەنبە:قەشقەر گېزىتى مۇھەررىر:زۇلخۇمار تۇردى

سۈرەتتە: ئوقۇغۇچىلار ئۆز ئارا سوۋغا تەقدىم قىلىشماقتا.

   تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز نۇرمۇھەممەت ئايۇپ خەۋىرى، فوتوسى:  7- ئاينىڭ 22 - كۈنى يەكەن ناھىيەلىك  2- ئوتتۇرا مەكتەپ بىلەن  6- ئوتتۇرا مەكتەپ «قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە ئالغا ئىلگىرىلەش» تېمىسىدا دوستلۇق پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ئۆز ئارا ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتتى ھەمدە سوۋغا بېرىشىپ ھېسسىيات ئالماشتۇردى. ئىككى مەكتەپ مەسئۇللىرى لەۋھە تەقدىم قىلىشىپ، ئىتتىپاقلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىدىغانلىق ئىرادىسىنى بىلدۈرۈشتى.