باش بەت>يەكەن ناھىيىسى

يەكەن ناھىيەسىدە «مەدەنىي ئورۇن» بەرپا قىلىش، مەدەنىي كىشىلەردىن بولۇش ئاساسىي ئېقىمغا ئايلانماقتا

يوللانغان ۋاقىت:2016-08-23 13:15:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:زۇلخۇمار تۇردى

     ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەنۋەرجان ئەكرەم خەۋىرى: يەكەن ناھىيەسى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىدا يېڭىلىق يارىتىشقا ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلىپ، «ئىلمىي پىلانلاش، ئورۇنلاشتۇرۇش مۇۋاپىق بولۇش، خاسلىقنى گەۋدىلەندۈرۈش» تەرەققىيات نىشانى بويىچە زامانىۋى، مەدەنىي ناھىيە، ئىدارە-ئورۇن، يېزا (بازار)، كەنت (مەھەللە)، مەكتەپ بەرپا قىلىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالغانلىقتىن، ناھىيەدە «مەدەنىي ئورۇن» بەرپا قىلىش، مەدەنىي-لاياقەتلىك كىشىلەردىن بولۇش ئومۇمىي ئېقىمىغا ئايلاندى.

     بۇ ناھىيە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىجتىمائىي ئەخلاق، كەسپىي ئەخلاق، ئائىلە ئەخلاقى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچىدى. «شىنجاڭ روھى» نى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تەرەققىي قىلغان، مۇقىم، ئىناق-ئىتتىپاق ياخشى ئىجتىمائىي كەيپىياتنى يارىتىشنى باش نىشان قىلىپ، ھەر قايسى ئورۇنلاردا «مەدەنىي ئورۇن»، «10 يۇلتۇزلۇق ئائىلە» لەرنى باھالاش تەپسىلىي قائىدىلىرىنى تۈزۈپ يولغا قويدى. «مەدەنىي ئورۇن» لارنى باھالاشنى يىللىق باھالاشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، يىلدا بىر قېتىم «مەدەنىي ئورۇن» لارنى ئۆلچەم بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ، ئۆلچەمگە يەتمىگەن، چېكىنگەن ئورۇنلارنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى بىكار قىلدى. نەتىجىدە، ھازىر بۇ ناھىيەدە مەملىكەت دەرىجىلىك مەدەنىي ئورۇندىن ئۈچى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىي ئورۇندىن 31ى، ۋىلايەت دەرىجىلىك مەدەنىي ئورۇندىن 74ى، ناھىيە دەرىجىلىك مەدەنىي ئورۇندىن 138ى بارلىققا كېلىپ، پۇقرالارنىڭ مەدەنىيلىك، ئەخلاق ساپاسى زور دەرىجىدە ئۆستى.