باش بەت>يەكەن ناھىيىسى

قوش دەريا بويىدىكى ئىتتىپاقلىق مارشى

يوللانغان ۋاقىت:2016-08-26 17:17:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:

 پۇدۇڭ-يەكەن ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ قول تۇتۇشۇپ ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى توغرىسىدا

(تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز نۇرمۇھەممەت ئايۇپ خەۋىرى)

 

     شاڭخەي بىلەن شىنجاڭدىكى ھەر ساھەنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە قوللىشى ئارقىسىدا، 2016-يىللىق «پۇدۇڭ-يەكەن ياش ئۆسمۈرلىرىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە قول تۇتۇشۇش» پائالىيىتى قىزغىن داۋاملاشماقتا.

     بۇ قېتىم قانات يايدۇرۇلغان «پۇدۇڭ-يەكەن ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە قول تۇتۇش» پائالىيىتى پۇدۇڭ ۋە يەكەندىكى ھەر مىللەت ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئۆز-ئارا تۈرتكە بولۇش ۋە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىككى جايدىكى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ پائالىيەت داۋامىدا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقىنى چېچىپ، ئۆز-ئارا دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.

     ئېگىلىنىشىچە، پائالىيەتكە يەكەن ناھىيەسىدىكى 30 نەچچە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئۇيغۇر، تاجىك، خەنزۇ قاتارلىق ھەرقايسى مىللەتتىن بولغان ئۆگىنىش ۋە ئەخلاقتا ياخشى ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدىن دەسلەپكى تاللاش، تەكشۈرۈش، يۈزتۇرا ئىمتىھان ئېلىش، سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرىدا 250 نەپەر مۇنەۋۋەر ياش-ئۆسمۈر تاللىنىپ قاتناشتۇرۇلغان، ئۇلار 5-ئايدىن 10-ئايغىچە تۆت تۈركۈمدە شاڭخەيگە بېرىپ، «پۇدۇڭ-يەكەن ياش ئۆسمۈرلىرىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە قول تۇتۇش» پائالىيىتىگە قاتنىشىدىغان بولۇپ، ھازىرغىچە ئۈچ قارار ياش-ئۆسمۈر شاڭخەيدىكى ئېكسكۇرسىيە، دوستلۇق پائالىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرغان. 4-قاراردىكىلەر  9-ئاينىڭ باشلىرىدا شاڭخەيگە قاراپ يولغا چىقىدىكەن.

     يەكەن ناھىيەسىنىڭ چارەك بازىرى بەشكەنت «قوش تىل» باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئابدۇرىشىت ئوسمان مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «بىز شۇنچە يىراق يەردىن ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ شاڭخەيگە كەلدۇق، شاڭخەي بىز پەرەز قىلغاندىنمۇ گۈزەل ۋە زامانىۋى شەھەر ئىكەن، بۇنىڭدىن كېيىن بىز تېخىمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىپ، مۇشۇنداق تەرەققىي قىلغان رايونلارغا كېلىپ بىلىم سەۋىيەمىزنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ ئىگىلىك تىكلەيمىز».

     شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان شاڭخەي شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى يەكەن شۆبە قوماندانلىق ئىشتابى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ، ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، سىڭىشىش پائالىيىتىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، «مىللەتلەر بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىناق» بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى، قوشماقلاردىن بولۇپ ئوقۇشقا ياردەم بېرىش، مېھىر-شەپقەت ئىئانە پائالىيىتى، سەييارە دىياگنوز قويۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ، يەرلىكتىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

     قول تۇتۇشۇش پائالىيىتىنىڭ تۇنجى كۈنى يەكەن ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شاڭخەي شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى يەكەن شۆبە قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى شېن مىن پائالىيەتنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، بالىلارنى «شەرقتىكى نۇرلۇق مەرۋايىت» مۇنارىغا ئىلىپ چىقتى، شاڭخەي تارىخىي مۇزېيى، ياڭشەن پورتى، دېڭىز ئوكيان مۇزېيى، شاڭخەي پەن-تېخنىكا سارىيى قاتارلىق جايلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرۇپ، شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسى، دىسنى باغچىسى قاتارلىق جايلاردا ئوينايتتى.

     گۈلجەننەت مەمىتىمىن يەكەن ناھىيە ئىلىشقۇ بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ 5-يىللىق 2-سىنىپنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، ئۇ مۇشۇ يېشىغىچە يەكەندىن سىرتقا چىقىپ باقمىغانىدى، شاڭخەي «مەرۋايىت مۇنارى»غا چىقىپ پۈتۈن شاڭخەي ساھىلىنى كۆرگەندە ھاياجانلانغان ھالدا يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ: «مەن بۇ قېتىم شاڭخەيگە كېلىپ يېڭى دوست تۇتتۇم، بىز داۋاملىق خەت-ئالاقە قىلىپ تۇرۇشقا ئەھدىلەشتۇق، تىرىشىپ ئۆگىنىپ كەلگۈسىدە شاڭخەيگە كېلىپ يېڭى دوستۇم بىلەن بىللە ئوقۇيمەن» دېدى.

     بۇ قېتىمقى پائالىيەت شاڭخەيدىكى ھەر ساھەنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، پۇدۇڭدىكى ساخاۋەتچى كارخانىچىلار ۋەكىللىرى «يېڭى رايون» قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىكتە بالىلارغا كىيىم-كېچەك، سومكا قاتارلىق بۇيۇملارنى تەقدىم قىلدى. پۇدۇڭ-شاڭخەي ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىدە ئورۇنلانغان «چۈمبىلىڭنى قايرىۋەت»، «مۇقامدىن ئارىيە»، «گۈزەل يەكەن» قاتارلىق ناخشا-ئۇسسۇل نومۇرلىرى يەكەن ناھىيەسىدىكى ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ يارقىن ئوبرازىنى نامايان قىلدى. يەكەن ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى دۇمبۇرا، راۋاب قاتارلىق سوۋغاتلارنى شاڭخەي «شىنيۈنتەي» ئوتتۇرا مەكتىپىگە سوۋغا قىلدى، «شىنيۈنتەي» ئوتتۇرا مەكتىپىمۇ شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارغا قولدا ياسىغان بۇيۇملارنى سوۋغا قىلدى.            

     7-ئاينىڭ 11-كۈنى 2-قارارلىق شاڭخەي دوستلۇق سەپىرىدىن قايتىپ كەلگەن 80 نەپەر ئوقۇغۇچىنى قارشى ئېلىشقا چىققان يەكەن ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى ئەخلاق تەربىيە ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى يۈسۈپجان ئەخمەت مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى يەكەن ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ شاڭخەي سەپىرى -- بىلىم سەپىرى، ئۆسۈپ يېتىلىش سەپىرى، ئىتتىپاقلىق سەپىرى بولدى، پۇدۇڭ-يەكەندىكى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆز-ئارا دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا مىللەتلەرنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىناق ئۆتۈشىنىڭ ئىنتايىن قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇردى».


سۈرەتتە: ئوقۇغۇچىلار چىرايلىق رەسىملەرنى سىزىپ شاڭخەيدىكى دوستلىرىغا يالداما قالدۇرماقتا.


بۇ رەسىملەرنى يۇرتۇمغا ئېلىپ كېتىپ ساۋاقداشلىرىمغا كۆرسىتىمەن.


ئۆمۈچۈك پالۋان بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈۋالايلى.


ئالىملارنىڭ ئەقلىيە سۆزلىرى قەلبىمىزنى يورۇتتى.