باش بەت>يەكەن ناھىيىسى

جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا ئۆزىنى بېغىشلاش بىلەن ئۆتكەن مەنىلىك ھايات

يوللانغان ۋاقىت:2016-08-29 16:21:00 مەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

يەكەن ناھىيەلىك مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سەي شيۇمېي توغرىسىدا 

  خې جىن


سەي شيۇمېي (ئوڭدىن 2-كىشى)ئائىلە زىيارىتىدە ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۆيىدىكىلەر بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە

   ‹‹<دەرەخ 10 يىلدا يېتىلەر، ئادەم 100 يىلدا>، مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغانلارنىڭ قەلبىدە مۇشۇنداق غايە بولىدۇ. ئەينى يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندە، يېقىن دوستۇم تېزىمغا ئالدۇرۇپ شىزاڭغا كەتكەندە، ئۇنىڭ ۋەتەن ئەڭ ئېھتىياجلىق جايغا بېرىپ مائارىپ ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغىنىغا ناھايىتى قايىل بولغانىدىم. ئويلىمىغان يەردىن ئوتتۇرا ياشقا كەلگەندە، مەنمۇ بەختكە يارىشا ئۇنىڭغا ئوخشاش چېگرا رايوننىڭ مىللىي مائارىپ ئىشلىرىغا ئاتلاندىم››. 11 يىل بۇرۇنقى بىر قېتىملىق شىنجاڭ سەپىرى سەي شيۇمېينىڭ كېيىنكى ھاياتىنى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ قوش تىل مائارىپىغا چىڭ باغلىدى.

   يەكەن ناھىيەلىك مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سەي شيۇمېي 24 – ئاۋغۇست مۇنداق دېدى: ‹‹11 يىل بۇرۇن شىنجاڭغا تۇنجى قېتىم كەلگەندە، ۋەتىنىمىزنىڭ تاغ – دەريالىرىنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلىش بىلەن بىللە، جەنۇبىي شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئاددىي – ساددىلىقى ۋە ئاق كۆڭۈللىكىنىمۇ ھېس قىلغانىدىم. ھازىر ئويلىسام، ئۇ شىنجاڭ بىلەن رىشتىم باغلانغانلىقىنىڭ بېشارىتى ئىكەن››.

   ھازىر 53 ياشقا كىرگەن سەي شيۇمېي يەنە ئىككى يىلدىن كېيىن پېنسىيەگە چىقىدۇ. نۇرغۇن كىشى ياشانغاندا تۇرمۇشتىن لەززەت ئېلىپ، ھايات پەيزىنى سۈرۈشنى كۈتۈۋاتقاندا، سەي شيۇمېي بىر توپ ياش ئوقۇتقۇچىلار بىلەن بىللە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن ئەقىل – پاراسىتى ۋە كۈچىنى تەقدىم قىلىۋاتىدۇ.

   ئۈزلۈكسىز تىرىشپ مائارىپ ئىشلىرىدا ئۇتۇق قازىنىش

   2005 – يىلى 12 – ئايدا سەنشى ئۆلكىسىنىڭ يۈنچېڭ شەھىرى يەنخۇ رايونلۇق مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلىش مەركىزىدە مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان سەي شيۇمېي ئېرى لى يىخەينىڭ پەيزاۋات ناھىيەسىگە مىس كېنى ئېچىش تۈرىنى كۆزدىن كەچۈرۈش ئۈچۈن كېلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئەگىشىپ بىللە كەلدى. ئۇ شۇ قېتىمقى ئاددىي سەپىرىدە كەلگۈسىدە شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا ياردەم بېرىشنىڭ پېشانىسىگە پۈتۈلۈپ قالىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.

    بىر قېتىملىق سودىگەر چاقىرىش زىياپىتىدە، پەيزاۋات ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ يۇڭجى سەي شيۇمېينىڭ 20 نەچچە يىللىق ئاساسىي مائارىپ تەجرىبىسىگە ئىگە ئىكەنلىكى، يەنە مەكتەپ مۇدىرى بولغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، بۇ بىر جۈپ ئەر – خوتۇننى پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ مەكتەپلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا چىن كۆڭلىدىن تەكلىپ قىلىپ، سەي شيۇمېينىڭ يەرلىكنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە قىممەتلىك تەكلىپ – پىكىر بېرىشىنى ئۈمىد قىلدى.

   10 يىل بۇرۇن پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ مائارىپى نىسبەتەن قالاق بولۇپ، ناھىيەدىكى شارائىتى يار بېرىدىغان ئائىلىلەر بالىلىرىنى قەشقەر ياكى باشقا تېخىمۇ يىراق جايلاردىكى مەكتەپلەرگە ئوقۇشقا ئەۋەتەتتى.

   ‹‹ئېكسكۇرسىيە جەريانىدا، قاتتىق دېتال، مائارىپ سۈپىتى، ئوقۇتۇش ئۇسۇلى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەرىكەت ئادىتى قاتارلىقلارنى سەنشى ئۆلكىسىگە سېلىشتۇرۇپ، پەرقنى تاپتىم. كېيىن ناھىيە رەھبەرلىرىگە، بىرىنچىدىن، ئاساسىي مائارىپتا دۆلەت تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، بالىلاردىن باشلاپ چىڭ تۇتۇش كېرەك؛ ئىككىنچىدىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا – ئۇسسۇلغا ماھىر بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىنى چىڭ تۇتۇپ، ئوقۇتۇشتا مىللىي ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرگەندە، جەزمەن ئۇنىۋېرسال ساپاسى يۇقىرى ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ چىققىلى بولىدۇ، دەپ ئىككى تەكلىپ بەردىم››، دېدى سەي شيۇمېي.

   ئەينى چاغدىكى ھاكىم مۇتەللىپ ئوبۇل سەي شيۇمېينىڭ تەكلىپىنى ناھايىتى قوللىدى، بىراق ئەمەلىي ئەھۋالنى تونۇشتۇرۇپ: ‹‹قوش تىل يەسلىسى قۇرۇش ياخشى چارە، بىراق ناھىيەمىز نامرات، ئىختىساسلىقلار ناھايىتى قىس. پۈتۈن كۈچنى يىغىپ يەسلى قۇرساق كىم باشقۇرۇپ، كىم ئوقۇتىدۇ؟›› دېدى.

   مۇتەللىپ ئوبۇل ئەتىسى يەنە سەي شيۇمېي ئەر – خوتۇن تۇرۇۋاتقان مېھمانخانىغا بېرىپ، ‹‹سەي مۇدىر، سىزنىڭ تەجرىبىڭىز ياخشى، چارىڭىز بولغان ئىكەن بۇ يەسلىنى قۇرۇپ، ناھىيەمىزنىڭ مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ياردەم بەرسىڭىز بولارمۇ؟›› دەپ سەمىمىي تەكلىپ قىلدى.

   جەنۇبىي شىنجاڭغا كېلىپ نەچچە مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ مەكتەپ سېلىش ئەر – خوتۇن ئىككىسىنىڭ بېشىنى قاتۇردى.

   ئارىدىن بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتۈپ، 2006 – يىلى چاغاندا سەي شيۇمېي ۋاڭ يۇڭجىنىڭ سەمىمىي تەكلىپ قىلىپ ئۇرغان تېلېفونىنى ئالدى. 2006 – يىلى 3 – ئاينىڭ بېشىدا، مۇتەللىپ ئوبۇل ئالايىتەن يۈنچېڭ شەھىرىگە بېرىپ سەي شيۇمېينى يوقلىدى.

   ئاخىرىدا، پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىنىڭ سەمىمىيلىك بىلەن قايتا – قايتا تەكلىپ قىلىشى سەي شيۇمېي ئەر – خوتۇننى تەسىرلەندۈردى. ئەر – خوتۇن ئىككىسى ئەسلىدە مىس كېنى ئېچىشقا سالىدىغان 6 مىليون يۈەن مەبلەغنى يەسلى مائارىپىغا سېلىپ، پەيزاۋات ناھىيەلىك ‹‹دوستلۇق›› مەركىزىي قوش تىل يەسلىسىنى قۇردى.

   تەشكىل 2007 – يىلى سەي شيۇمېينى پەيزاۋات ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا، قوشۇمچە پەيزاۋات ناھىيەلىك 2 – ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرىلىقىغا تەيىنلىدى.

   ئۇ، بۇ ۋەزىپىلەرنى ئۆتەش جەريانىدا يەسلى ئوقۇتۇشىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىگە ئاساسەن، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بالىلارغا ماس كېلىدىغان ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىدىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىغىچە بولغان قوش تىل مائارىپى ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدەندى ھەم بۇ ئەندىزىنى پەيزاۋات ناھىيەسىدە ئومۇملاشتۇردى.

   2014 – يىلىنىڭ ئاخىر 51 ياشلىق سەي شيۇمېي يەكەن ناھىيەسىگە ناھىيەلىك مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ يۆتكەلدى. پېنسىيە يېشىغا يېقىنلىشىپ قالغان سەي شيۇمېي يەنە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاھالىسى ئەڭ كۆپ ناھىيەگە يۆتكىلىپ، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى.

   تاغلىق رايوندىكى 1980 بالا ياتاقلىق يېڭى مەكتەپتە ئوقۇدى

   ‹‹مەن تاغدىن كەلدىم، تۆگىنىڭ لوكىسىدەك تۇتاش كەتكەن تاغ تىزمىسى مېنىڭ ئائىلەم، ئۇ تاقىر تاغلار ئاتا – بوۋىلىرىم ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ياشاپ كەلگەن ماكان...›› يەكەن ناھىيەلىك 7 – ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇقسىز 2 – يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئابدۇسالام مەمەت تۇنجى كۆرۈشۈشىمىزدىلا مۇشۇ مەزمۇندىكى بىر شېئىرنى دېكلاماتسىيە قىلىپ بەردى. شېئىردا دېيىلگەن تاغ دەل داڭلىق قاراقۇرۇم تېغى ئىدى. ئۇنىڭ ئۆيى تۇرۇشلۇق دامسى يېزىسى يەكەن ناھىيە بازىرىغا تەخمىنەن 140 كىلومېتر كېلەتتى.

   25 – ئاۋغۇست يامغۇر يېغىۋاتاتتى، قاراقۇرۇم تېغى ئۈستىگە قارا بۇلۇتلار يىغىلدى. 13 ياشلىق ئابدۇسالام تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان بولسىمۇ، يامغۇرنى ياقتۇرمايتتى. ئۇلارنىڭ ئۆيى بىلەن دامسى يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئارىلىقى بەش كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، يول بويى بەش ئېرىقتىن ئۆتۈشكە توغرا كېلەتتى. تاغدا يامغۇر ياغسىلا كەلكۈن كېلىپ، مەكتەپكە بارىدىغان يول توسۇلۇپ قالاتتى.

   ‹‹دامسى، خوشىراپ يېزىلىرى ئەڭ يىراق، ئائىلە سۆھبىتىگە بارساق، ياز كۈنلىرىمۇ پاختىلىق كىيىم كىيىۋالىمىز. تاغ يولى ئەگرى – توقاي، بالىلار مەكتەپكە بېرىش ئۈچۈن بەك ئۇزۇن يول يۈرىدۇ، كەلكۈن مەزگىلىدە كەلكۈن كەلسە ياكى قىش پەسلىدە قېلىن قار ياغسا، يوللار دائىم توسۇلۇپ قالىدۇ، يېزا مەكتىپىدە بالىلارنىڭ ئوقۇشقا كىرىش نىسبىتى ئاران %30؛ مەكتەپتە تۇرۇبا سۈيى يوق، ئىچىدىغان سۇنى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى ھەل قىلىدۇ. بالىلارنىڭ تەربىيەلىنىشى مەكتەپكە بارىدىغان يولنىڭ يىراقلىقى تۈپەيلىدىن دەخلىگە ئۇچرىسا بولمايدۇ›› دېدى سەي شيۇمېي.

   ئۇ بۇ ئىشلارنى ئويلىغانسېرى تىت – تىت بولاتتى. يىراق تاغلىق كەنتتىكى بالىلارنى باشقا جايلاردا ئوقۇتۇش لايىھەسى تېزلا ئوتتۇرىغا قويۇلدى ھەم ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. 2015 – يىلى 9 – ئايدا دامسى يېزىلىق تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ بىلەن خوشىراپ يېزىلىق تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ناھىيە بازىرىغا كۆچۈرۈلۈپ، يەكەن ناھىيەلىك 7 – ئوتتۇرا مەكتەپ بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ، مەركەزلىك ئوقۇتۇش يولغا قويۇلدى.

   ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان 7 – ئوتتۇرا مەكتەپتە 20 نەچچە ئوقۇتۇش بىناسى قەد كۆتۈردى، پىلاستىك ماتېرىيال ئىشلىتىلگەن يۈگۈرۈش يولى ۋە چىملىرى تەكشى قىرقىلغان چىرايلىق پۇتبول مەيدانىمۇ ياسالدى. قاراقۇرۇم تېغىدا قانچىلىك بوران – چاپقۇن كۆرۈلسۇن، ئازادە، يورۇق سىنىپتا ئولتۇرغان ئابدۇسالامنىڭ مەكتەپكە بېرىشى قىلچە تەسىرگە ئۇچرىمايدىغان بولدى. يېڭىدىن قۇرۇلغان بۇ مەكتەپتە ياتاقلىق ئوقۇتۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلدى، تاغلىق رايوندىن كەلگەن 1980 بالا شەھەرلەردىكى بالىلارغا ئوخشاش مائارىپ شارائىتىدىن بەھرىمەن بولدى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى %99تىن ئېشىپ، مەكتەپ يىراق بولۇش مەسىلىسى تەلتۆكۈس ھەل بولدى.

   ‹‹ھېسسىيات ئالماشتۇرۇپ ئوقۇتۇش ئۇسۇلى›› ئەڭگۈشتەرگە ئايلاندى

  ‹‹بىز سەي شۇجى تۈزگەن قوش تىل مائارىپى 2 – ئەندىزىسىنى قوللاندۇق، بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىلا تاغلىق رايوندىن كەلگەن بالىلار دۆلەت تىلىنى پۈتۈنلەي بىلمەسلىكتىن ھازىرقى نورمال پىكىر ئالماشتۇرالايدىغان، يازالايدىغان بولدى، بەك كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بالىلار تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىدىغان، ئەدەپلىك بولۇپ يېتىشىۋاتىدۇ، روھىي قىياپىتىدە زور ئۆزگىرىش بولدى››، دېدى ناھىيەلىك 7 – ئوتتۇرا مەكتەپ پارتكومىنىڭ شۇجىسى نۇرگۈل.

   نۇرگۈل ئېيتقان قوش تىل ئوقۇتۇش ئەندىزىسى سەي شيۇمېي 10 يىلدىن بۇيان ئىزدىنىپ، يەكۈنلەپ چىققان، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بالىلارنىڭ قوش تىل ئۆگىنىشىگە ماس كېلىدىغان ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدىن ئىبارەت. بۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بالىلارنىڭ قوش تىل ئۆگىنىش شارائىتى بولماسلىق ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن تۈزۈپ چىقىلغان ماتېرىيال بولۇپ، بۇ ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلاردىن تارتىپ باشلانغۇچ، تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىغىچە تەتبىقلانغان.

   ئۇيغۇر بالىلىرى ناخشا ئېيتىش، ئۇسسۇل ئويناشقا ماھىر، سەي شيۇمېي بۇ ئالاھىدىلىكتىن پايدىلىنىپ مۇزىكىلىق ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى تۈزۈپ چىقتى. بەزى بالىلار يەسلىگە كېلىپ كۈن بويى بىرەر ئېغىزمۇ گەپ قىلمايتتى. ئوقۇتقۇچىلار مۇزىكا قويۇپ، ئۇسسۇل ئويناپ، بالىلارنى ئۆزى بىلەن بىرلىكتە ئويناشقا يېتەكلىدى، بارا – بارا يەسلىدە ناخشا ساداسى ئۈزۈلمەيدىغان بولدى. بالىلار ئۆگىنىش جەريانىدا ئويناپ، ئويناش جەريانىدا ئۆگەندى، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقى تەدرىجىي ئاشتى.

   سەي شيۇمېي مۇنداق دېدى: ‹‹ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار بىلەن ھېسسىيات ئالماشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى چوڭقۇر چۈشىنىشى، قوش تىل مائارىپىمىز ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشى كېرەك. ئوقۇتقۇچى بالىلار بىلەن دوست بولۇپ، ئالدى بىلەن بالىلارنى ئۆزىگە رام قىلىشى كېرەك. ئوقۇتقۇچى جەلپكار بولسا ئاندىن بالىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، ئۇلارغا ئوڭۇشلۇق بىلىم ئۆگىتەلەيدۇ. تۈرلۈك ئوقۇتۇش پائالىيەتلىرىنى ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچى مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇش ئاساسىدا قانات يايدۇرۇش قوش تىل مائارىپىنىڭ جەۋھىرى››.

   تىل ۋە مەدەنىيەت دەرسىنى كونكرېت ئوقۇتۇش مېتودىدا، ئۇ يەنە جانلىق ئوقۇتۇش ئۇسۇلىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلاردىن رول ئېلىش، رەسىم سىزىش، ئەمەلىي بۇيۇم ئارقىلىق كۆرسەتمىلىك ئوقۇتۇشنى تەلەپ قىلدى...

   ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، سەي شيۇمېي يەكۈنلىگەن ۋە تەتبىقلىغان ئوقۇتۇش مېتودى 20 نەچچە خىلغا يەتتى. ھازىر ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹ھېسسىيات ئالماشتۇرۇپ ئوقۇتۇش ئۇسۇلى››دىن ئىبارەت تەربىيەلەش ئىدىيەسى يەرلىكتىكى قوش تىل ئوقۇتۇشىنىڭ ئەڭگۈشتەرى بولۇپ قالدى. پەيزاۋات ۋە يەكەن ناھىيەلىرىدە تەربىيەلەنگەن بالىلارمۇ ئۇدا نەچچە يىل ئاپتونوم رايون ئۆتكۈزگەن قوش تىل مۇسابىقىلىرىدە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتى.

   ۋاسىتىچى بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭغا ئىچكىرىدىن 2000دىن ئارتۇق ئىختىساسلىقنى كىرگۈزدى

   جەنۇبىي شىنجاڭدا قوش تىل مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇشتا ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. لېكىن جەنۇبىي شىنجاڭدا مائارىپ ئىختىساسلىقلىرى قىس بولۇش مەسىلىسى ئىنتايىن ئېغىر ئىدى.

   2006 – يىلى پەيزاۋات ناھىيەسىدە مەركىزىي يەسلى ئېچىلغاندا، خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىسى كەمچىل ئىدى. سەي شيۇمېي ئاپتونوم رايون مىقياسىدىن بىر نەچچە مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىنى قوبۇل قىلدى، يەنە گەنسۇ، سەنشى، خېنەن، بېيجىڭ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، كەسپىي مەكتەپ، مائارىپ ئورۇنلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئىختىساسلىقلارنى جەلىپ قىلدى. ئۇنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن، ئۇنىڭ يۇرتى يۈنچېڭ شەھىرىدىكى يەسلىلەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان 15 ئىستودېنت شۇ يىلى پەيزاۋاتقا كېلىپ، بالىلارغا خەنزۇ تىلى ئۆگەتتى.

   سەي شيۇمېي مۇنداق دېدى: ‹‹يۈنچېڭ شەھىرى ئەزەلدىن مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىدۇ، ھەر يىلى نۇرغۇن ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدۇ، يەكەن ناھىيەسىدە بولسا يەنىلا ئوقۇتقۇچى قىس. شۇڭا مەن ۋاسىتىچى بولۇپ، پەيزاۋات ۋە يەكەنگە ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزدۈم››. ئۇ پەيزاۋات ناھىيەسىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە سەنشىدىن ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈشنى زور كۈچ بىلەن تەۋسىيە قىلدى. نەتىجىدە، سەنشى ئۆلكىسى يۈنچېڭ بالىلار پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى، يۈنچېڭ پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى، يۈنچېڭ ئىنستىتۇتى قاتارلىق مەكتەپلەردىنلا ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ، 100 نەچچە ئوقۇغۇچى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مائارىپ سېپىگە قېتىلدى.

   بۇ يىل 24 ياشقا كىرگەن جاڭ شيا يۈنچېڭ شەھىرىدىن كەلگەن بولۇپ، يەكەن ناھىيەسى 2015 – يىلى تەكلىپ قىلغان 87 قوش تىل ئوقۇتقۇچىسىنىڭ بىرى. ئۇ مۇنداق دېدى: ‹‹شىنجاڭلىق بالىلار قىزغىن، مەرد، جانلىق، ئوچۇق – يورۇق ئىكەن. بىر قېتىم <پادىشاھنىڭ يېڭى كىيىمى> دېگەن دەرسنى ئۆتمەكچى بولۇپ، بالىلارغا رول تەقسىم قىلدىم، بالىلار روللارنى شۇنداق بېرىلىپ ئوينىدى. ھەر قېتىم ھەمتۈرتكىلىك دەرس ئۆتكىنىمدە ئالاھىدە ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشىمەن››.

   مىشا يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى گو دۇڭشەن گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ گۇلاڭ ناھىيەسىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇ دىڭشى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنى پۈتكۈزۈپ، بۇلتۇر يەكەن ناھىيەسىگە تەكلىپ قىلىنغان. ئۇ مۇنداق دېدى: ‹‹سەي شۇجى بىزدەك يېڭىدىن كەلگەن ئوقۇتقۇچىلارنى ئۇيغۇرچە ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى، مەن قوش تىلنى ياخشى ئۆگىنىپ، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا – ئانىلىرى بىلەن تېخىمۇ ياخشى پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۇيغۇر تىلى كۇرسىغا قاتناشتىم››.

   ئون يىل ئۆتۈپ كەتتى، سەي شيۇمېي پەيزاۋات ۋە يەكەن ناھىيەسىگە ئىچكىرىدىن 2000دىن ئارتۇق ئىختىساسلىقنى كىرگۈزۈپ، مائارىپ ساھەسىدە ئىختىساسلىقلار قىس بولۇش مەسىلىسىنى زور دەرىجىدە ھەل قىلدى.

   سەي شيۇمېي شىنجاڭدا باسقان ئىزلىرىنى ئەسلەپ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: ‹‹مەن سەنشىدە قالغان بولسام، ئۆمۈر بويى ھېچنېمىدىن غەم قىلمايدىغان ئوقۇتقۇچى بولۇشۇم مۇمكىن ئىدى. شىنجاڭغا كەلگەندىن كېيىن، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئاساسىي مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن ئازغىنە بولسىمۇ كۈچ چىقاردىم. تىرىشچانلىقىم نەتىجىسىدە نۇرغۇن نامرات ئائىلە ۋە بالىنىڭ تۇرمۇشىدا ئۆزگىرىش بولدى، مەن تولىمۇ تەلەيلىك، ئۆمرۈمنى ئەھمىيەتلىك ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزۈۋاتىمەن››.