باش بەت>يەكەن ناھىيىسى

يەكەن ناھىيەلىك قىزىل كىرېست جەمئىيىتى مەكتەپلەرگە 7700 يۈرۈش كىتاب تەقدىم قىلدى

يوللانغان ۋاقىت:2016-09-02 17:57:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:زۇلخۇمار تۇردى

    

سۈرەتتە: قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى ئوقۇغۇچىلارغا كىتاب تارقىتىپ بەرمەكتە.    

تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز نۇرمۇھەممەت ئايۇپ خەۋىرى، فوتوسى: ياش-ئۆسمۈرلەرگە خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، جىددىي قۇتقۇزۇش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىش، تۇيۇقسىز يۈز بېرىدىغان ئاممىۋى بىخەتەرلىك ۋەقەلىرىدە ئۆزىنى قوغداش، ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇش، ماسلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، 8-ئاينىڭ 30-كۈنى يەكەن ناھىيەلىك قىزىل كىرېسىت جەمئىيىتى يەكەن ناھىيەسىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەتلەر، كارخانا، كەسپى ئورۇنلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتىگە سەپەرۋەر قىلىش ئارقىلىق ئىئانە قىلىنغان 760 نەچچە مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى 7730 يۈرۈش كىتابنى ناھىيەدىكى 45 ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپكە يەتكۈزۈپ بېرىپ، مەكتەپلەردە جىددىي قۇتقۇزۇشقا ئالاقىدار نەشر بۇيۇملىرىنىڭ كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.