باش بەت>يەكەن ناھىيىسى

يەكەن ناھىيەسى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىشكە كۈچ سەرپ قىلدى

يوللانغان ۋاقىت:2016-09-22 14:02:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:مىرزات مۇرات

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەمجان مەترۇسۇل خەۋىرى: يەكەن ناھىيەسى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم خىزمەت قاتارىدا تۇتۇپ، كۆپ خىل ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى پائال كېڭەيتتى.

بۇ ناھىيە بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، مالىيەدىن مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ، 6000 دىن ئارتۇق دېھقان - چارۋىچىنى تۈرلۈك تېخنىكا ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەپ، ئىمتىھان ئارقىلىق لاياقەتلىك بولغانلارغا ئىش ئورنىغا چىقىش سالاھىيەت كىنىشكىسى تارقىتىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئۇلارنى ئالدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. ھازىر ناھىيەدە تۈرلۈك تېخنىكا ماھارىتى بويىچە تەربىيەلىنىپ كارخانىلاردا ئىشلەۋاتقانلار ياكى ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەپ ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 12 مىڭدىن ئاشتى. ناھىيە قىسقا ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى تۈزۈپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ خىزمەت ئاكتىپچانلىقىنى ئۆستۈرگەنلىكتىن، ناھىيە بويىچە 29 يېزا - بازار (مەيدان)، 132 كەنت (مەھەللە) تە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەركىزى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش شىركەتلىرى قۇرۇلۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىشقا تونۇشتۇرۇش ئىشلىرى تېخىمۇ يۈرۈشلەشتى. ھۆكۈمەتنىڭ بىر تۇتاش يېتەكچىلىكىدە كارخانىلارغا ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يىلمۇ يىل كۆپەيدى.

بۇ ناھىيە يېقىندا يەنە «باھار شامىلى» ھەرىكىتى خادىم تەكلىپ قىلىش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇپ، تۈرلۈك تېخنىكا ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەنگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا زور دەرىجىدە تۈرتكە بولدى. بۇ پائالىيەتتە بۇلتۇر قىش، بۇ يىل كۈزگىچە تەربىيەلەنگەنلەرنىڭ كۆپ قىسىمى كارخانا، شىركەتلەر بىلەن ئۇزاق مۇددەتلىك توختام تۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلاشتى.