باش بەت>يەكەن ناھىيىسى

يەكەن ناھىيەسىدە شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئۇيغۇرچە يانفون خەۋەرلىرى ئابۇنتلار تېرمىنالىنى ئومۇملاشتۇرۇش نەق مەيدان يىغىنى چاقىرىلدى

يوللانغان ۋاقىت:2016-10-21 13:24:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:قەيسەر داۋۇت

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز شا شۈەن خەۋىرى: 10-ئاينىڭ 17-كۈنى يەكەن ناھىيەسىنىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئۇيغۇرچە يانفون خەۋەرلىرى ئابۇنتلار تېرمىنالى چۈشۈرۈلگەن يانفوننى تارقىتىش نەق مەيدان يىغىنى ئارال يېزىسىدا چاقىرىلدى. يەكەن ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ھەر قايسى يېزا (بازار)لارنىڭ باشلىقلىرى، كوچا ئىش بېجىرىش باشقارمىلىرىنىڭ مۇدىرلىرى، تەشكىلات ھەيئىتى، تەشۋىقات ھەيئىتى قاتارلىق كادىرلارغا شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئۇيغۇرچە يانفون خەۋەرلىرى ئابۇنىتلار تېرمىنالى چۈشۈرۈلگەن يانفون تارقىتىپ بەردى.

يىغىندا ماۋۇلار تەلەپ قىلىندى: يېزا (بازار) كادىرلىرى شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئۇيغۇرچە يانفون خەۋەرلىرى ئابۇنتلار تېرمىنالى ئارقىلىق مەركەز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى-مۇقىملىقىغا ئالاقىدار فاڭجېن، سىياسەتلىرى، ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت باش نىشاننى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى ئاساسىي تەلەپلىرىنى ھەممە ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈپ، قەشقەرنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشىنىڭ قۇدرەتلىك ئىجابىي كۈچىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. 

ئىگىلىنىشىچە، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇيغۇرچە يانفون خەۋەرلىرى ئابۇنتلار تېرمىنالى دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق ئاز سانلىق مىللەت تىل-يېزىقىدىكى يېڭى ئاخبارات ۋاسىتىسى تۈرى بولۇپ، دۆلەت ئاخبارات ئاگېنتلىقى ئۇيۇشتۇرغان، خەۋەر، ساغلاملىق، كۆڭۈل ئېچىش، «قوش تىل» قاتارلىق 13 سەھىپە تەسىس قىلىنغان. بۇنىڭدا كۆچمە يېڭى ئاخبارات ۋاسىتىسى شەكلى قوللىنىلغان بولۇپ، ئاساسىي ئېقىم ئاخبارات ئۇچۇرلىرىنى ۋىلايىتىمىزدىكى ئۇيغۇر كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ يانفون تېرمىنالىغا پۈتۈن كۈن يوللىنىپ، ئۇلارنىڭ مول مەزمۇندىكى ئاخبارات ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا ئىگىلىشىگە ياردەم بېرىدىكەن.