باش بەت>يەكەن ناھىيىسى

يەكەن ناھىيەسى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈردى

يوللانغان ۋاقىت:2016-11-15 13:57:00 مەنبە:جوڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:دىلنۇر مۇختەر

ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ئەكرەمجان مەترۇسۇل، بۇنىيازگۈل سەمەت خەۋىرى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان يەكەن ناھىيەسى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئاممىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، بۇ خىزمەتتە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى.

 بۇ ناھىيە بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا تېخنىكوملارنى پۈتكۈزگەنلەر ۋە يېزىلاردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىگىلىك تىكلەش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش خىزمىتىنى بىر تۈرلۈك ئەل رايى قۇرۇلۇشى، شۇنداقلا نۆۋەتتە قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان «ئۈچ ئەل» پائالىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى سۈپىتىدە ئىزچىل چىڭ تۇتۇپ، «10 مىڭ ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، 1000 ئادەم ئىگىلىك تىكلەش ۋە يېزىلاردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، ئىش كۈتۈپ تۇرغانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇردى. 3 مىلىيون 900 مىڭ يۈەن مەبلەغ سەرپ قىلىپ، 32 كەسىپ تۈرى بويىچە 1110 ئادەم (قېتىم) نى تۈرلۈك كەسپىي تېخنىكا-ماھارەت بويىچە تەربىيەلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى ئاكتىپلىق بىلەن كەسىپلەرگە تونۇشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئەتىنى قوغداش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلىدى. 10- ئايغىچە ناھىيە بويىچە يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 980 كىشىگە يەتتى.