باش بەت>يەكەن ناھىيىسى

يەكەن تەنتەربىيە مەركىزى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

يوللانغان ۋاقىت:2016-12-29 10:42:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:دىلنۇر مۇختەر

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز گاۋ چياڭ خەۋىرى، فوتوسى: 12-ئاينىڭ 24-كۈنى يەكەن ناھىيەلىك تەنتەربىيە مەركىزى ئادەملەر بىلەن لىق توشۇپ، قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەنىدى. بۇ كۈنى يەكەن ناھىيەلىك تەنتەربىيە مەركىزىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈش مۇراسىمى ۋە «يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش» مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيىتى بۇ يەردە داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى.

يەكەن ناھىيەلىك تەنتەربىيە مەركىزى پورەكلەپ ئېچىلغان بادام چېچىكىنى ئوبراز قىلغان بولۇپ، يەكەن ناھىيەسىنىڭ ھاياتىي كۈچكە تولغان، توختاۋسىز ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان يېڭى قىياپىتىنى نامايان قىلغان. تەنتەربىيە سارىيىنىڭ سىرتى ئاليۇمىن تاختىدىن ئورالغان بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان نۇر شارائىتىدە ئوخشاش بولمىغان ئۈنۈم كۆرۈلۈپ، ئۆزگىچە قىياپەت ۋە دەۋر پۇرىقى ئىپادىلەنگەن.

مۇراسىمدا، مەيدان ئۇسسۇلى، گۈزەللىك گىمناستىكىسى، يەلپۈگۈچ ئۇسسۇلى، بەلدۇمباق، ئەجدىھا، شىر ئۇسسۇلى قاتارلىق نومۇرلار ئورۇندىلىپ ۋە ۋاسكىتبول، ۋالىبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. ئېسىل سەنئەت نومۇرلىرى، كەسكىن مۇسابىقە قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى.

يەكەن ناھىيەلىك تەنتەربىيە مەركىزى 2014-يىلى شاڭخەي شەھىرى قۇرۇشقا ياردەم بەرگەن «ئاچقۇچ تاپشۇرۇش» تۈرى بولۇپ، پىلاندىكى يەر ئىشلىتىش كۆلىمى 6.7 گېكتار، جەمئىي 180 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان. تۈرگە دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ ئىلغار پىلان لايىھەسى قوللىنىلغان بولۇپ، قۇرۇلۇش كۆلىمى 16 مىڭ 950 كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ. بۇ مەركەز ئاساسىي ساراي، قوشۇمچە ساراي، تىكتاك توپ سارىيى، بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۆيى، بوكس ئۆيى، بىليارتخانا، چېلىشىش ئۆيى، ئومۇمىي خەلق پائالىيەت مەيدانى قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپقان. زال ئىچىدە 3700 ئورۇن بار، شىنجاڭدىكى ئەڭ ياخشى ناھىيە دەرىجىلىك تەنتەربىيە سارىيى بولۇپ، دۆلەت، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت شۇنداقلا ناھىيە دەرىجىلىك تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرى ۋە تۈرلۈك سودا پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈشكە بولىدۇ.

يەكەن ناھىيەسىدىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەر، شاڭخەي شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىدىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر، ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، ناھىيەگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار، ھەرقايسى يېزا (بازار) لارنىڭ ئالاقىدار خادىملىرى، شۇنداقلا ئامما ۋەكىلى بولۇپ 2700 دىن ئارتۇق كىشى بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتناشتى.