باش بەت>يەكەن ناھىيىسى

چېچەك ئېچىپ مىليون مولۇق باداملىق، خۇش ھىد چېچىپ بەردى دىلغا ئاراملىق

يوللانغان ۋاقىت:2020-04-03 11:23:00 مەنبە:قەشقەر گېزىتى مۇھەررىر:پاتىمە مىجىت مەسئۇل مۇھەررىر:ئاماننىسا ئابابەكرى


       سۈرەتتە: ساياھەتچىلەر گۈزەل بادامزارلىقتا خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.

مۇخبىرلىرىمىز يەن چۈنيەن، جۇاڭ تاۋ خەۋىرى، فوتوسى: «ئىللىق شامال باھارنى چىللاپ، ئارامبەخش يامغۇر بادام چېچەكلىرىنى ئېچىلدۇردى». بىر قانچە كۈندىن بۇيان، يەكەن ناھىيەسىدىكى مىليون مو يەردىكى بادام دەرەخلىرى بەس-بەستە چېچەكلەپ، خۇشبۇي ھىد چاچتى. باش باھار كېلىشى بىلەنلا، نۇرغۇن ساياھەتچىلەر يەكەن ناھىيەسىگە بېرىپ، بادام چېچەكلىرىدىن ھۇزۇرلاندى.

3-ئاينىڭ 29-كۈنى، مۇخبىر يەكەن ناھىيە مىشا يېزىسىدىكى بادامزارلىقتا، تۇتاش كەتكەن بادامزارلىقنىڭ ھالرەڭ تۈسكە كىرگەنلىكىنى كۆردى، گۈزەل بادام چېچەكلىرى خۇشبۇي پۇراق چېچىۋاتاتتى. بادامزارلىقتا ئۆتكۈزۈلگەن ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيىتى، «جەلپكار» يەكەن دېھقانلار رەسىمى كۆرگەزمىسى، ئۆزگىچە يېمەك-ئىچمەك، مىللىي قول ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى، ئاز سانلىق مىللەت ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە تۈرلىرى مۇسابىقىسى، خاسلىققا ئىگە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسى قاتارلىق رەڭدار پائالىيەتلەردىن ساياھەتچىلەر مېھرىنى ئۈزەلمەي قالدى. چېچەكلەردىن ھۇزۇرلانغان ساياھەتچىلەر، ھەۋەسكار فوتوگرافلار گۈل-چېچەكلەر ۋە گۈزەل دەقىقىلەردىن خاتىرە قالدۇردى.

يەكەن ناھىيەسى ئەزەلدىن «بادام يۇرتى» دەيدىغان گۈزەل نامغا ئىگە. نۆۋەتتە، پۈتۈن ناھىيەدىكى تۇتاش كەتكەن بادامزارلىق كۆلىمى مىليون موغا يېتىدىغان بولۇپ، شۇ جاينىڭ خەلقنى بېيىتىدىغان خاسلىققا ئىگە تۈۋرۈك كەسپىگە، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىپ بېيىتىدىغان «ساياھەت ماركىسى»غا ئايلاندى. بۇ ناھىيە نۆۋەتتىكى جەمئىيەت مۇقىملىقى پايدىسى سىجىل قويۇپ بېرىلىۋاتقان پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئايبۇلۇڭ تەبىئىي قارىغايلىق ئېگىزلىك يايلىقى، يېزا-كەنت تەبىئىي مەنزىرىسى، دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھى، ئېتىز-ئېرىق مەنزىرىسى قاتارلىق ساياھەت بايلىقلىرىنى پائال ئېچىپ، كىشىلەرنىڭ يەكەن ناھىيەسىنىڭ تارىخ، سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، مىللىي ئۆرپ-ئادىتىنى چۈشىنىشى ئۈچۈن بىر كۆزنەك ئېچىپ بەردى.

بۇ ناھىيە مەۋقەنى بايلىققا قويۇپ، بادام ئاساس قىلىنغان خاسلىققا ئىگە باغ-ئورمانچىلىقنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇشنى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىدىغان تۈۋرۈك كەسىپ ۋە بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، ناھىيە، يېزا، كەنت باغ-ئورمانچىلىق تېخنىكلار قوشۇنى قۇرۇپ، ئۇلارنى باغ-ئورمانلارنى پەرۋىش قىلىش، ئوغۇتلاش، دورا چېچىش قاتارلىق تېخنىكىلار بويىچە تەربىيەلەپ، بادام ئاساس قىلىنغان 1 مىليون 360 مىڭ مو باغ-ئورماننىڭ پەرۋىشىنى كۈچەيتىپ، 211 باغ-ئورمانچىلىقتا ئۈلگە كۆرسىتىش ئۆلچەملىك بېغى ئەھيا قىلدى، بادامنى بازارغا تايىنىپ سېتىۋېلىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، سېتىۋېلىش پونكىتى نۇقتىسى تەسىس قىلىپ، ئاپتونوم رايون ئىچى-سىرتىدىكى سودىگەرلەرگە ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، سېتىپ چىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلدى. سۇغىرىش، ئوغۇتلاش ۋە چېچەكلەش مەزگىلىدىكى پەرۋىشنى كۈچەيتىپ، دېھقانلارنى ئوغۇتلاش، دورا چېچىش، ھەسەل ھەرىسى قويۇپ بېرىپ چاڭلاشتۇرۇشقا تەشكىللەپ، بادام دەرەخلىرىنىڭ مېۋىلەش نىسبىتىنى ئۆستۈردى، 2019-يىللىق بادام ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 74 مىڭ توننىغا يېتىپ، 26 مىڭ توننا ئاشتى. بادام يېغى، بادام سۈتى، بادام شاكىلاتى قاتارلىقلارنى يىللىق پىششىقلاش ئىقتىدارى 17 مىڭ توننا بولغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىسىدىن بەشنى كىرگۈزۈپ، كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن 68نى قۇرۇپ، 262 باغ-ئورمانچىلىق كەسپىي كەنتىنى يېتەكلەپ، دېھقانلارنىڭ باغ-ئورمانچىلىقتىن قىلىنغان كىشى بېشى كىرىمىنى 1500 يۈەندىن ئاشۇردى.

بۇ يىل، بۇ ناھىيە «دەل جايىدا بولۇش»تىن ئىبارەت ئاچقۇچلۇق سۆزنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، «ساياھەت +» ئالاھىدە ماركىسىنى ياخشى بەرپا قىلىپ، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامرات ئاممىغا داۋاملىق تەرەققىي قىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىپ، تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.