باش بەت>يەكەن ناھىيىسى

يەكەن ناھىيەسىدە خادىم تەكلىپ قىلىش يىغىنى ئىشىك ئالدىغىچە ئېچىلىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى كۆپەيتىشىنى ئىلگىرى سۈردى

يوللانغان ۋاقىت:2020-04-04 12:33:00 مەنبە:قەشقەر گېزىتى مۇھەررىر:پاتىمە مىجىت مەسئۇل مۇھەررىر:ئاماننىسا ئابابەكرى

سۈرەتتە: خىزمەتچى خادىملار تەكلىپ قىلىنغۇچىلارغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرماقتا.

ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز رېھىمقىز، بۇرابىيە خەۋىرى، فوتوسى: يېقىندا، يەكەن ناھىيەسىنىڭ گۈلباغ بازىرىدا 2020-يىلى ئەتىياز پەسىللىك خادىم تەكلىپ قىلىش يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇندىن 26سى توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك، بىناكارلىق-قۇرۇلۇش، بازاردا سېتىش قاتارلىقلارغا ئائىت 100دىن ئارتۇق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، پۇقرالارنى ئىشىكى ئالدىدىلا ئاسان ئىش تېپىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

خادىم تەكلىپ قىلىش يىغىنى نەق مەيدانىدا، جەدۋەل تولدۇرغىلى، مەسلىھەت سورىغىلى كەلگەن ئاممىنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى، ھەرقايسى كارخانىلارنىڭ خادىم تەكلىپ قىلىشقا مەسئۇل خىزمەتچى خادىملىرى خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرگە ئىش ئورنى ئۇچۇرى ۋە پاراۋانلىق تەمىناتىنى ئاكتىپ ھالدا قىزغىنلىق بىلەن تونۇشتۇردى. ناھىيە، بازارلىق ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى يەنە خادىم تەكلىپ قىلغۇچى كارخانىلار ۋە تەكلىپ قىلىنىدىغان ئاممىنى ئەمگەك كاپالىتى سىياسەتلىرىدىن مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، خادىم تەكلىپ قىلىش داۋامىدا كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى دەل ۋاقتىدا ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلدى.

يەكەن ناھىيە گۈلباغ بازىرىنىڭ سانائەت يولى مەھەللىسىلىك ئەركىن غوجى مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى خادىم تەكلىپ قىلىش يىغىنى ناھايىتى ياخشى بولدى، مېنىڭ شوپۇرلۇق پىراۋام بار ئىدى، ماڭا مۇۋاپىق بىر خىزمەت تېپىلدى، تۇنجى ئايلىق مائاشىم 2300 يۈەندىن 2500 يۈەنگىچە بولىدىكەن، كېيىن يەنە ئۆسىدىكەن، مەن چوقۇم تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ كىرىمىمنى ئاشۇرۇشقا تىرىشىمەن».

گۈلباغ بازىرى بادام مەھەللىسىلىك ئامانگۈل ھەمدۇللا ئىلگىرى تاللا بازىرىدا ئۈچ يىل مال ساتقۇچى بولغان، توي قىلغاندىن كېيىن، ئۆي ئىشلىرىنى قىلىش ۋە بالىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن خىزمەتتىن ئىستېپا بەرگەنىدى. ھازىر بالىلىرى يەسلىدە ئوقۇيدىغان بولغاچقا، ئامانگۈل ھەمدۇللا خادىم تەكلىپ قىلىش يىغىنى ئارقىلىق يەنە كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەت تېپىپ ئىنتايىن خۇشال بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن مەن مېيليەنمېي تاللا بازىرىدىن خىزمەت تېپىپ ئىنتايىن خۇشال بولدۇم، مەن بۇ پۇرسەتنى قەدىرلەپ ياخشى ئىشلەيمەن».

گۈلباغ بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بازار باشلىقى ئابدۇغېنى مۇختەر مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى خادىم تەكلىپ قىلىش يىغىنى كارخانىلار بىلەن دېھقان دوستلارغا ئۆز ئارا پايدا يەتكۈزۈپ قوش ئۈنۈم ھاسىل قىلىدىغان پۇرسەت ھازىرلاپ بەردى. بىز خىزمەت تاپقانلارغا ئىز قوغلاپ مۇلازىمەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز».

ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى خادىم تەكلىپ قىلىش يىغىنىدا جەمئىي 127 نەپەر تەكلىپ قىلىنغۇچى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە كارخانا بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورناتقان.