باش بەت>يەكەن ناھىيىسى

يېشىللىققا پۈركەنگەن يەكەن   ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان يەكەن دەرياسى

يوللانغان ۋاقىت:2020-04-21 12:46:00 مەنبە:قەشقەر گېزىتى مۇھەررىر:ئېمىنجان ئابدۇرېھىم مەسئۇل مۇھەررىر:ئاماننىسا ئابابەكرى

ــ يەكەن ناھىيەسىنىڭ كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا تۈرتكە بولغانلىقى توغرىسىدا كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىمىز

مۇخبىرلىرىمىز: پەن يەنيۈن، جاڭ خۇەن، لى شۆ خەۋىرى، فوتوسى

   سۈرەتتە: ياغاچ ماتېرىياللىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىدا ئىشچىلار تاختاي تىلىپىنى باغلىماقتا.

ھەممە يەر رەڭگارەڭ تۈسكە كىرگەن 4-ئايدا، گۈل-گىياھلار يەلپۈنۈپ تۇرغان يەكەن زېمىنىدا ماڭسىڭىز، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش يولىدىكى مەزمۇت قەدىمىنى ھېس قىلالايسىز، 10 مىڭ 323 ئائىلىدىكى 35 مىڭ 446 كىشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىن ئىبارەت مۈشكۈل ۋەزىپە ئالدىدا، يەكەن ناھىيەسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يولىنى توسۇۋالغان بۇ «قورغان»نى قانداق ئالدى؟

-4ئاينىڭ 11-كۈنى، يەكەن ناھىيە چارىباغ يېزىسىنىڭ گۈزەرتوغراق كەنتىدىكى مىڭرۈي شېڭدا ياغاچچىلىق شىركىتى نەق مەيدانىدا ئايشەم قادىر پىششىقلاپ ئىشلەنگەن تاختاي تىلىپىنى چاققانلىق بىلەن رەتلىگەچ ئۈنلۈك ئاۋازدا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، مەن ئۆيۈمنىڭ ئالدىدىكى ياغاچ ماتېرىياللىرى زاۋۇتىغا ئىشقا چۈشتۈم، ئالدىنقى ئايدا 2000 يۈەنگە يېقىن مائاش ئالدىم، بۇ پۇلغا خىمىيەۋى ئوغۇت، ئۇرۇقلۇق سېتىۋالغاندىن باشقا، يەنە بالامغا بىر يۈرۈش يېڭى كىيىم ۋە ئوقۇش ماتېرىياللىرى ئېلىپ بەردىم».

ياغاچ ماتېرىياللىرى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىدا ئىشلەيدىغان كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى ناھايىتى بالدۇر ئورنىدىن تۇرۇپ، ھويلا-ئاران ۋە ئۆيىنىڭ ئالدى-كەينىنى تازىلاپ بولغاندىن كېيىن، زاۋۇت رايونىغا بالدۇر كېلىپ، ماشىنا-ئۈسكۈنىلەرنى سۈرتۈپ، تازىلىق قىلىپ، ماشىنىلارنى قوزغىتىپ بىر كۈنلۈك خىزمەتلىرىنى تەرتىپلىك باشلىۋەتتى. «ياغاچ ماتېرىياللىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش تەرتىپى ئاددىي، ئەمما قول-پۇتىمىز چاققان بولۇشى كېرەك، ئۆز خىزمەت ھالقىمىزدا ھوشيار تۇرساقلا بولىدۇ، قىلغان ئىشىمىزغا قاراپ مائاش بېرىدۇ، ئىشقا تولۇق كەلسەكلا، گەپ يوق ھەر ئايدا 3000 يۈەندىن ئارتۇق مائاش ئالالايمىز.» 65 ياشلىق ئايگۈلخان ئابدۇۋەلى بۇ خىزمەت توغرىسىدا توختالغاندا چىرايىدا تەبەسسۇم جىلۋىلەندى.

مىڭرۈي شېڭدا ياغاچچىلىقىدا ياغاچ ماتېرىياللىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كەنت ئاھالىسى 70كە يېتىدىغان بولۇپ، ئىشچىلارنىڭ ھەممىسى بۇ كەنتتىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە، شۇنداقلا %80كە يېقىن ئىشچى ئايال ئىدى. ئۇلار ئۆزىنىڭ ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىنى قىلىپلا قالماي، يەنە ياشانغانلار ۋە بالىلارنىڭ ھالىدىنمۇ خەۋەر ئالالايتتى.

كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەلى يۈسۈپنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ياغاچ ماتېرىياللىرى زاۋۇتىنىڭ خام ئەشيا مەنبەسى تولۇق بولۇپ، بۇلتۇر يازنىڭ بېشىدا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، زاۋۇتنىڭ ئىش ئۈنۈمى ياخشى بولۇپ، ياغاچ ماتېرىياللىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىشچىلارنىڭ ھەممىسى پۇل تاپقان. «ياغاچنىڭ قوۋزىقىنى سويۇشتىن تارتىپ تاختاي تىلىپى ياساشقىچە، يەنە قۇرۇلۇش بېزەكچىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان تاختاي پىششىقلاپ ئىشلەشكىچە، پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈرگەن.» شىركەت مەسئۇلى جياڭ جيەنمىڭ كەنت ئاھالىلىرىگە نەپ يەتكۈزىدىغان بۇ كەسىپكە نىسبەتەن ئىشەنچكە تولدى. «ھېيت-بايرام بولغاندا، خوجايىن بىزگە قىزىل بولاق تارقىتىپلا قالماي، يەنە بىزنى زىياپەتكە تەكلىپ قىلىدۇ، شۇ چاغلاردا ھەممەيلەننىڭ قەلبى ئىللىپ كېتىدۇ، بىزنىڭ بۇ خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشكە ئىشەنچىمىز بار.» ياغاچ ماتېرىياللىرى پىششىقلاپ ئىشلەش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىغا بىر يىلغا يېقىن بولغان ئانارگۈل مامۇت بۇ خىزمەت توغرىسىدا توختالغاندا خۇشاللىقىدىن ئاغزى يۇمۇلماي قالدى. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئىشىكتىن چىقىپلا زاۋۇتقا كىرىدىغان خىزمەت كەنت ئاھالىلىرىگە ئەمەلىي كىرىم ئېلىپ كېلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىدىكى ئەسلىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمدىن ئۇرغۇتقانىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى شۇ كەنتنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ يولغا قويغان «بىر ئائىلىگە بىر تەدبىر» بولۇش ئىلمىي تەدبىرىنىڭ پايدىسىدىن بولغان.

گۈزەرتوغراق كەنتى ناھىيە بازىرىغا 20 كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكى كۆرۈنەرلىك، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يەر تۆت موغا يېقىنلىشىدۇ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سېرىق پۇرچاق تېرىش ئەنئەنىسى بار. سېرىق پۇرچاقنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى قانداق ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىرى بىر قېتىملىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا «نېمە ئۈچۈن پۇرچاق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى قۇرمايسىلەر» دەپ ئوتتۇرىغا قويدى، رەھبەرلەرنىڭ «ياخشى چارىسى» سېرىق پۇرچاقلارغا «چىقىش يولى» تېپىپ بەردى. پۇرچاق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى تۈر مەدىتىنىڭ تۈرتكىسىدە قۇرۇلدى. ياڭيۇ، بەسەي، چامغۇر قاتارلىق كۆكتاتلارنى يېيىشكە ئادەتلەنگەن كەنت ئاھالىلىرى بۇ يېڭى مەھسۇلاتقا ئانچە كۆنەلمىدى، شۇنىڭ بىلەن كەنت كادىرلىرى ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ئۆزلىرى قازان بېشىغا ئۆتۈپ ئاچچىق دۇفۇ قورۇمىسى قورۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تېتىپ بېقىشىغا سۇندى. بىر قانچە قېتىم يېگەندىن كېيىن كەنت ئاھالىلىرى دۇفۇغا ئامراق بولۇپ قالدى. دۇفۇ ئىنتايىن تەملىك بولسىمۇ، ئىلگىرى كەنت ئاھالىلىرى ھەر خىل شەكىللەردە پىشۇرۇشنى بىلمەيتتى.شۇنداق قىلىپ، ئىلگىرى ئانچە نەزەرگە ئېلىنىپ كەتمەيدىغان دۇفۇ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تاماق ئۈستىلىگە چىقىپلا قالماي، ناھىيە بازىرىدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى ۋە تاللا بازارلىرىغا كىردى، پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىنىڭ كۈندىلىك مەھسۇلات مىقدارى ئەسلىدىكى 50 كىلوگىرامغا يەتمەسلىكتىن ھازىرقى 1200 كىلوگىرامغا تەرەققىي قىلدى، مەھسۇلات تۈرىمۇ نوقۇل ھالدىكى دۇفۇدىن دۇفۇگەن، دۇپى، سۇجى قاتارلىقلارغا كۆپىيىپ، 12 كىشىنى ئىشقا قوبۇل قىلىپ، ھەر ئايدا كىشى بېشىغا 2000 يۈەندىن كۆپرەك مۇقىم مائاش ئالالايدىغان بولدى. پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى ھەم شۇ كەنتنىڭ سېرىق پۇرچىقىنى «ھەزىم قىلدى» ھەم ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، كوللېكتىپ ئىگىلىكنى زورايتتى. كەنتتە تۇرغىنىغا ئۈچ يىل بولغان خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى مەمەت ئېلى بۇ كەسىپكە نىسبەتەن چەكسىز ئۈمىدكە تولدى.

ناۋادا ياغاچ ماتېرىياللىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى بىلەن پۇرچاق مەھسۇلاتلىرىنى پىشىشىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىنى غولتوغراق كەنتىدىكى نامرات نوپۇسلارنىڭ قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولىدىغان تۈۋرۈك كەسىپ دېسەك، ئۇنداقتا، ھاياتىي كۈچكە تولغان باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى، ئەمگەك ئىشلىرى ھەمكارلىق كوپىراتىپى، كۆكتاتچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا كۈچ قوشتى، دېيىشكە بولىدۇ. مۇشۇ بىر قانچە تۈرلۈك كەسىپلا 38 نامرات ئائىلىدىكى 137 كىشىنىڭ يېرىمدىن كۆپرەكىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. سىرتقا چىقىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى بار ئەمگەك كۈچلىرى ھۆكۈمەتنىڭ بىرتۇتاش تەشكىللىشى ئارقىلىق يىراق جايلارغا بېرىپ كىشىلىك تۇرمۇشتىكى ئورنىنى تاپتى؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈنۈمىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەشكە تېگىشلىك كەنت ئاھالىلىرى يېقىن جايدىكى 6000 مو يەرگە تايىنىپ ئەنئەنىۋى تېرىقچىلىقنى ساقلاپ قېلىش ئاساسىدا، خاس تېرىقچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇردى. بادام، ياڭاق، سەبدەگۈل، ياڭيۇ، ئۇزۇن غوللۇق سۇڭپىياز، سېرىق پۇرچاق، تاتلىقياڭيۇ ۋە ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق كەسىپلەر ئارقىلىق بېيىتىشقا تۈرتكە بولدى.

گەي مىنمىن چارىباغ يېزىسىنىڭ نامراتلارنى يۆلەشكە مەسئۇل مۇئاۋىن يېزا باشلىقى بولۇپ، 2015-يىلى ئىچكىرى ئۆلكىدىن قوبۇل قىلىنىپ يەكەن ناھىيەسىگە كەلگەن. مۇخبىر زىيارەت قىلغان ۋاقىتتا، بىر بالىنىڭ ئانىسى بولۇپ قالغان بۇ مۇئاۋىن يېزا باشلىقى تېخىچە بالا ئېمىتىش مەزگىلىدە بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسى ئېغىر بولغاچقا، ئۇ بىر تەرەپتىن، ئەمدىلا سەككىز ئايلىق بولغان بالىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالسا، يەنە بىر تەرەپتىن، جىددىي نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىگە ئاتلانغانىدى. «پۈتۈن يېزىدا 265 چوڭ پارنىك، 1235 ئەگمە پارنىك بار بولۇپ، 4000 مو يەرگە ياڭيۇ، 2000 مو يەرگە ئۇزۇن غوللۇق سۇڭپىياز تېرىلغان، ھەربىر كەنتتە بىردىن يېڭى پېتى ساقلاش ئىسكىلاتى ۋە كۆكتات گەمىسى بار. كىشى بېشى كىرىمى 7000 يۈەنگە يېقىنلىشىدىغان بولۇپ، نامراتلىق يۈزبېرىش نىسبىتى %4.5كە تۆۋەنلىدى، 239 ئائىلىدىكى 683 كىشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملىغىلى بولىدۇ» دېدى گەي مىنمىن ئۆزى مەسئۇل خىزمەت تىلغا ئېلىنغاندا غەيرىتى ئېشىپ.

ئائىلە ئەھۋالى ئېنىق، غەيرەت تولۇق، تەدبىرلەر ياخشى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا ئىشەنچ بار. چارىباغ يېزىلىق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، نامراتلىقتىن قۇتۇلمىغان ئائىلىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا پۈتۈن كۈچنى سەرپ قىلىپ، بىرمۇ ئائىلە، بىرمۇ كىشىنى چۈشۈرۈپ قويماسلىق؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئائىلىلەرنى ئىز قوغلاپ كۆزىتىپ، ھەر يېرىم ئايدا كادىرلار ئائىلىلەرگە كىرىپ تەكشۈرۈپ، تەكتىنى ئېنىقلاپ، نامراتلىشىپ كېتىش، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ سەۋەبىنى ۋاقتىدا بايقاپ، «بىر ئائىلىگە بىر تەدبىر» قوللىنىپ، دەل جايىدا ھەل قىلىش كېرەك. چارىباغ يېزىسىغا ئوخشاشلا، يەكەن ناھىيەسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، تۈرلەرگە بۆلۈپ مۇھىم نۇقتىنى رەتلەپ، 1030 نەپەر بۆلۈم دەرىجىلىك كادىرنى تاللاپ ئەۋەتىپ، 566 كەنت (مەھەللە)نىڭ كادىرلار ياردەم بېرىش-يۆلەش، تۈرلەرنى ئالغا سىلجىتىش، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىرىش، نامراتلارنى يۆلەش نەتىجە-ئۈنۈمى قاتارلىقلارغا قارىتا مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىز قوغلاش، بىرمۇبىر ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى يولغا قويۇپ، «ئومۇميۈزلۈك قاپلاش، ئۆلۈك بۇلۇڭلارنى نازارەت قىلىش، مەسىلىنى تەكشۈرۈش، يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاش»تەك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئەمەلىيلەشتۈردى.

كەسىپ ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، يەكەن ناھىيەسى كەسىپ جەھەتتە نامراتلارنى يۆلەشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ «تورت»نى پۈتۈن كۈچ بىلەن جانلاندۇرۇپ، زورايتىپ، 700 مىڭ مو كۈزگى بۇغداي، 800 مىڭ مو كېۋەز، 600 مىڭ مو كۆممىقوناق (ئېڭىز ئورنىغا تېرىش)تىن ئىبارەت ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، 403 مىڭ مو سەبدەگۈل، 15 مىڭ 87 ئېتىز ئەگمە پارنىكى، 130 مىڭ ھويلا-ئاران ئەگمە پارنىكى، 210 مىڭ مو ئوچۇقچىلىقتا تېرىلغان قوغۇن-تاۋۇز، كۆكتات، 140 مىڭ مو پىگمېنتلىق لازا قاتارلىق خاس تېرىقچىلىق كىشى بېشى كىرىمىنىڭ 1600 يۈەن كۆپىيىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلدى؛ ئالتە نەسىللىك چارۋا كۆپەيتىش مەركىزى، 120 باقمىچىلىق كىچىك رايونى، 352 ھەمكارلىق كوپىراتىپى ۋە 44 ئۆي قوشلىرى باقمىچىلىقى كارخانىسى، ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا بېقىلغان كالا، قوي، ئېشەك ۋە ئۆي قۇشلىرىنىڭ سانى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 1 مىليون 100 مىڭ تۇياق ۋە 10 مىليون دانىگە يېتىپ، 130 مىڭ ئائىلىلىك دېھقان باقمىچىلىققا تايىنىپ كىشى بېشى كىرىمىنى 500 يۈەن كۆپەيتىشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ بادام ئاساس قىلىنغان 1 مىليون 360 مىڭ مو خاس باغ-ئورمانچىلىقتا سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇش بىلەن بىر چاغدا، 68 ھەمكارلىق كوپىراتىپى، 100 مىڭ ئائىلىلىك دېھقاننىڭ كىرىمىنى 1700 يۈەن كۆپەيتتى. كەسىپ يەكەن ناھىيەسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشتا كۈچلۈك موتورلۇق رول ئويناپلا قالماي، كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان بېيىش ناخشىسى ھاياتىي كۈچكە تولغان يەكەن دەرياسى ۋادىسىدا ياڭرىدى.