باش بەت>كونىشەھەر ناھىيىسى

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كونىشەھەر ناھىيەسىدە خالىس دىياگنوز قويۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى

يوللانغان ۋاقىت:2019-05-23 11:45:00 مەنبە:قەشقەر گېزىتى مۇھەررىر:پاشاگۈل ئابدۇراخمان مەسئۇل مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر


سۈرەتتە: گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى دىياگنوز قويدۇرغىلى كەلگەن ئاممىغا مەسلىھەت بەرمەكتە.

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جيا جيەنجۈن خەۋىرى، فوتوسى: يېقىندا گۇاڭدۇڭ جۇڭشەن داشۆ قارىمىقىدىكى 10 دوختۇرخانىدىن كەلگەن داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كونىشەھەر ناھىيە سايباغ يېزىسىنىڭ كۈپسېڭى كەنتىدە خالىس دىياگنوز قويۇش، مەسلىھەت بېرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، كونىشەھەر ناھىيەسىدىكى گۇاڭجوۋ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئەترىتىمۇ شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرىنى بۇ قېتىمقى خالىس دىياگنوز قويۇش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا ئەۋەتتى.

بۇ قېتىمقى خالىس دىياگنوز قويۇش مۇلازىمىتى يۇقىرى قان بېسىم، دىيابېت كېسەللىكى، ئۆسمە، كۆز كېسەللىكلىرى، نېرۋا كېسەللىكلىرى، سۆڭەك كېسەللىكلىرى قاتارلىقلارغا ئالاقىدار 10 نەچچە تۈرلۈك تەكشۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. پائالىيەت نەق مەيدانىدا، پائالىيەتتىن خەۋەر تېپىپ دىياگنوز قويدۇرغىلى كەلگەنلەر خالىس دىياگنوز قويۇش پائالىيىتىنىڭ باشلىنىشىنى كۈتۈپ تۇردى، نەق مەيداندا بۇ كەنت ۋە ئەتراپتىكى كەنتلەردىكى ئاھالىلەردىن سىرت، يەنە باشقا يېزا (بازار)لاردىن مەخسۇس دىياگنوز قويدۇرغىلى كەلگەنلەرمۇ بار بولۇپ، ئاغرىقلارنىڭ كۆپىنچىسى كېسەللىك ئەھۋالىغا ئالاقىدار ماتېرىياللارنى ئېلىپ كەلگەنىدى. مۇتەخەسسىسلەر ئاغرىقلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى تەپسىلىي سۈرۈشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ سوئاللىرىغا سەۋرچانلىق بىلەن جاۋاب بەردى ھەمدە داۋالاش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى.

كونىشەھەر ناھىيە سايباغ يېزىسىنىڭ كۈپسېڭى كەنتىلىك دېھقان ئامىنە ئېزىز مۇنداق دېدى: جۇڭشەن داشۆ قارىمىقىدىكى دوختۇرخانىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى بالامغا دىياگنوز قويۇپ، قانداق داۋالاش ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا كۆپلىگەن تەكلىپلەرنى بەردى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بىزگە بۇنداق ياخشى پۇرسەت يارىتىپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى جۇڭشەن داشۆنىڭ  2-تۈركۈمدىكى يۇقىرى قاتلاملىق داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بويىچە ئاساسىي تېمىلىق تەربىيە پائالىيىتى جۇڭشەن داشۆ بۇ يىل يولغا قويغان «ئەسلىي مەقسەت، ئائىلە، ۋەتەن مۇھەببىتىنى ئۇنتۇماسلىق، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش چېگرا رايون سەپىرى» جۇڭشەن داشۆ قەشقەر 2019-يىللىق مەخسۇس تەربىيەلەش پىلانىنىڭ بىر قىسمى، شۇنداقلا 2019-يىللىق «ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش» ئەتىياز پەسىللىك خىزمەت يىغىنىنىڭ كونكرېت ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى ھېسابلىنىدىكەن.

جۇڭشەن داشۆ قارىمىقىدىكى 2-دوختۇرخانىنىڭ ئۆسمە كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى ياۋ خېرۈي مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم جۇڭشەن داشۆسى قارىمىقىدىكى 10 دوختۇرخانىنىڭ 20 نەچچە مۇتەخەسسىسنى تەشكىللەپ قەشقەرگە كېلىپ خالىس دىياگنوز قويۇش، ياردەم بېرىش، يۆلەش پائالىيىتىنى ئېلىپ باردى، بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئارقىلىق ئىلغار داۋالاش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، ئاممىنىڭ كېسەلدىن ھەقىقىي تۈردە قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خەلقىگە بولغان غەمخورلۇقىنى ھەقىقىي تۈردە ھېس قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.