باش بەت>كونىشەھەر ناھىيىسى

گۇاڭجوۋ شەھىرىنىڭ ئۇلترا ئاۋازدا دىياگنوز قويۇش-داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كونىشەھەر ناھىيەسىگە كېلىپ تېخنىكا ۋە مۇلازىمەت يەتكۈزدى

يوللانغان ۋاقىت:2020-01-20 11:18:00 مەنبە:قەشقەر گېزىتى مۇھەررىر:تۇمارس يالقۇن مەسئۇل مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز شۇفۇشۇەن خەۋىرى، فوتوسى: يېقىندا، گۇاڭجوۋ شەھەرلىك مېدىتسىنا جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى، گۇاڭجوۋ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىنىڭ پىروفېسسورى تاڭ چىڭ مۇتەخەسسىسىلەر ئەترىتىدىكىلەرنى باشلاپ، كونىشەھەر ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇردى.

مۇتەخەسسىسىلەر كونىشەھەر ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرگە ئۇلترا ئاۋازدا دىياگنوز قويۇش، داۋالاش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، تېببىي خادىملارنى ئۇلترا ئاۋاز مېدىتسىناسى، ئېلېكتىرو كاردىئوگراممىغا ئالاقىدار بىلىملەر توغرىسىدا سىستېمىلىق تەربىيەلەپ، «كونىشەھەر ناھىيەلىك ئۇلترا ئاۋاز، سۈرەت ئارقىلىق كۆپ ئىقتىدارلىق كوللېكتىپ دىياگنوز قويۇش مەركىزى»گە ۋىۋىسكا ئېسىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، ئۇلترا ئاۋاز، سۈرەت ئارقىلىق كوللېكتىپ دىياگنوز قويۇش ئۈنۈمىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى. پىروفېسسور تاڭ چىڭ يىراق مۇساپىلىك دىياگنوز قويۇش سۇپىسىنىڭ دەل ۋاقتىدا يىراق مۇساپىلىك ئوقۇتۇش، دەل ۋاقتىدا يىراق مۇساپىلىك مەشغۇلاتقا يېتەكچىلىك قىلىش، ئۇلترا ئاۋاز سۈپىتىنى كونترول قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل ئىقتىدارلىرىنى نەق مەيداندا تونۇشتۇردى ۋە ئىشلەپ كۆرسەتتى.

كونىشەھەر ناھىيەلىك ئۇلترا ئاۋاز، سۈرەت ئارقىلىق كۆپ ئىقتىدارلىق كوللېكتىپ دىياگنوز قويۇش مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۇلترا ئاۋاز، سۈرەت ئارقىلىق دەل ۋاقتىدا يىراق مۇساپىلىك كوللېكتىپ دىياگنوز قويۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، گۇاڭجوۋ بىلەن كونىشەھەرنىڭ ئارىلىقىنى يېقىنلاشتۇرۇپ، ئىككى جايدىكى دوختۇرلارنى ھەر ۋاقىت ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، ئاغرىقلارغا ۋاقتىدا، توغرا دىياگنوز قويۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كونىشەھەر ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىشىكى ئالدىدىلا گۇاڭجوۋلۇق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يىراق مۇساپىلىك كوللېكتىپ دىياگنوز قويۇشىدىن ھەقسىز بەھرىمەن بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. بۇ مەزگىلدە، تاڭ چىڭ قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەر يەنە كونىشەھەر ناھىيەسىدىكى ئاممىغا خالىس دىياگنوز قويدى ھەمدە گۇمانلىق، قىيىن كېسەللىكلەرگە كوللېكتىپ دىياگنوز قويدى، شۇنداقلا كېيىنكى مەزگىللىك ياردەم بېرىش، يار-يۆلەك بولۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ۋە لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقتى.