باش بەت>يېڭىشەھەر ناھىيىسى

«ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كوزىرى»نى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىش

يوللانغان ۋاقىت:2020-04-24 20:58:00 مەنبە:قەشقەر گېزىتى مۇھەررىر:ئابدۇسالامجان ئابدۇغېنى مەسئۇل مۇھەررىر:ئاماننىسا ئابابەكرى

ــ يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملىگەنلىكى-ئۆستۈرگەنلىكىدىن ئومۇمىي بايان

مۇخبىرلىرىمىز: ۋاڭ ۋېنبو، ۋېي تيەنجىن، جۇاڭ تاۋ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: دۇڭ ۋېنخۇي خەۋىرى، فوتوسى

 

سۈرەتتە: كەنت ئاھالىسى يېڭىشەھەر ناھىيەسىدىكى قەشقەر (شەندۇڭ شۈيفا) زامانىۋى كۆكتاتچىلىق كەسىپ باغچىسىنىڭ كۈن نۇرى پارنىكىدا  كۆكتاتلارنى پەرۋىش قىلماقتا.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، يېڭىشەھەر ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى، ناھىيەلىك ھۆكۈمەت نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش داۋامىدا، «تۆتنى تاشلىماسلىق» تەلىپىگە ئاساسەن، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى بىر تۈرلۈك مۇھىم تەدبىر قىلىپ، دادىللىق بىلەن ئىزدىنىپ، جانلىق تەدبىر يۈرگۈزۈپ، «بىر ئائىلىگە بىر تەدبىر» دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئارخىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، خاس كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈش، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تۈرلىرىنى كىرگۈزۈش، ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىش ئورۇنلىرىنى ئېچىش، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، كەمتۈكلۈك، ئاجىز تۈرلەرنى توغرا نىشانلاپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، «نامراتلارنى يۆلەش تورى»نى ئۈزلۈكسىز زىچ توقۇدى.

«بىر ئائىلىگە بىر تەدبىر» بولۇش: ئەھۋالغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، كىشى بېشىغىچە ياردەم بېرىش-يۆلەش

ھۆرنىسا ئادىل يېڭىشەھەر ناھىيە يامانيار يېزىسىنىڭ ئاياغ قېچىچى كەنتىلىك ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە، ئۇنىڭ كىچىكىدىنلا ھۆسن تۈزەش، چاچ گۈزەللەشتۈرۈش دۇكىنى ئېچىش ئارزۇسى بار ئىدى. بۇ كەنتتىكى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ئائىلە زىيارىتى قىلىش داۋامىدا ئۇنىڭ ئوي-خىيالىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ھۆسن تۈزەش، چاچ گۈزەللەشتۈرۈش ئۇستىسى ئالاقىلىشىپ بېرىپ، ئۇنى سىستېمىلىق تەربىيەلىدى ھەمدە كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى يېنىدا بىر دۇكان ئېچىشنى ئىلتىماس قىلىشىغا ياردەم بەردى. بۈگۈنكى كۈندە، ھۆرنىسانىڭ ھۆسن تۈزەش، چاچ گۈزەللەشتۈرۈش ھۈنىرى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ، سودىسى بارغانسېرى ياخشىلاندى. ھۆرنىسا مۇنداق دېدى: «مەن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە ئارزۇيۇمنى رېئاللىققا ئايلاندۇردۇم، ئەمگەكچان جۈپ قولۇمغا تايىنىپ تۇرمۇشۇمنى ياخشىلاپ، بالدۇرراق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىپ، ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشنى قولغا كەلتۈرىمەن». يېڭىشەھەر ناھىيە يامانيار يېزىسىنىڭ ئاياغ قېچىچى كەنتىدە ئادەم كۆپ، يەر ئاز، كەسىپ ئاساسى ئاجىز بولۇپ، بۇ كەنت ئاساسلىقى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئاساس، تېرىقچىلىق، باقمىچىلىقنى قوشۇمچە قىلغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يولى ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتتى.

يامانيار يېزىسىنىڭ ئاياغ قېچىچى كەنتىدە تۇرۇشلۇق كەنتنىڭ 1-شۇجىسى جىڭ جاۋخۇڭ ھەركۈنى ھەرقايسى نامراتلارنى يۆلەش كۈچلىرىنى تەشكىللەپ ئۆيمۇئۆي كىرىپ زىيارەت قىلىپ، ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ تەكتىنى ئېنىقلاپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش پىلانىنى ئىگىلىدى ھەمدە ھەربىر ئائىلە، ھەربىر ئاھالىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالىغا ئاساسەن، «بىر ئائىلىگە بىر تەدبىر» ياردەم بېرىش-يۆلەش ئارخىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شۇ جاينىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، كىشى بېشىغىچە دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆپ خىل تەدبىر، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى. نۆۋەتتە، بۇ كەنتتە يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 373 كىشىگە يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 1-كەسىپتە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 25 كىشى، 2-كەسىپتە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 72 كىشى، 3-كەسىپتە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 276 كىشى. جېڭ جاۋخۇڭ مۇنداق دېدى: «بىز كەنت ئاھالىلىرى ئۈچۈن ‹بىر ئائىلىگە بىر تەدبىر› تۈزۈپ بېرىش داۋامىدا، ئەڭ ئاچقۇچلۇقى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. شۇڭا، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ تەكتىنى ئېنىقلاپ، رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشتىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىش ئورۇنلىرىنى تېپىشقىچە، يەنە ئادەمگە قاراپ ئىش ئورنىنى بېكىتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقىچە زور مىقداردىكى ئىنچىكە خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. بۇنىڭدىن كېيىن، بىز يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلارنىڭ ئايدا بىر قېتىم تەكتىنى ئېنىقلاپ تەكشۈرۈپ، ئايدا بىر قېتىم رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، باغچە رايونىغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، يېزا-كەنت ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ھۆكۈمەت مۇلازىمەت سېتىۋېلىش، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ نەتىجە-ئۈنۈمىنى مۇستەھكەملەيمىز».

يېڭىشەھەر ناھىيەسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ نەتىجە-ئۈنۈمىنى مۇستەھكەملەش ئاساسىدا، دىققەتنى نامراتلىقتىن قۇتۇلمىغان ئاھالە، كۆزىتىلىدىغان ئاھالە، نامراتلىق گىرۋىكىدىكى ئاھالە ۋە ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئامما توپىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش، كىرىمنى ئاشۇرۇشنى مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش كىرىمىنى دەل جايىدا ھېسابلاپ، پۈتۈن ناھىيەدىكى كادىرلارنى يېزا-كەنتلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئەھۋالى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالى، ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى ۋە يېقىنقى مەزگىلدە ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى-سىرتىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئۆز جايىدا، يېقىن جايدا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالىنى قايتا رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشكە تەشكىللەپ، سەپەرۋەر قىلىپ، «بىر كەنتىگە بىر تەدبىر، بىر ئائىلىگە بىر تەدبىر» بولۇش لايىھەسىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇپ، بىرمۇ ئائىلىنى، بىرمۇ ئادەمنى چۈشۈرۈپ قويماسلىققا كاپالەتلىك قىلدى.

بۈگۈنكى كۈندە، يېڭىشەھەر ناھىيەسىدە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىدە تەپسىلىي، كونكرېت بولغان «بىر ئائىلىگە بىر تەدبىر» دەل جايىدا ياردەم بېرىش-يۆلەش ئارخىپىنى كۆرگىلى بولۇپلا قالماي، ھەر خىل كىرىمنى كۆپەيتىش، ياردەم بېرىش-يۆلەش تەدبىرلىرى ئادەتتىكى دېھقان ئائىلىسىگىچە ئۇزارتىلدى. يېڭىشەھەر ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بىز ‹كىرىمنى ئاشۇرىدىغان بىر ئاساسىي كەسىپ، كىرىمىنى ئاشۇرىدىغان ئىككىدىن ئۈچكىچە قوشۇمچە كەسىپ› تەلىپىگە ئاساسەن، دېھقانلارنى كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ئىلھاملاندۇردۇق. مائاش تۆۋەن بولۇش سەۋەبلىك ئىشقا ئورۇنلىشىشى مۇقىم بولمىغانلارغا قارىتا، تەشكىللىك ھالدا ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى-سىرتىدا مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىپ، كىرىمىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردۇق؛ ئىشقا ئورۇنلىشىش تېخنىكا ماھارىتى كەمچىل بولۇش سەۋەبلىك مائاشى بىر قەدەر تۆۋەن بولۇپ قېلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشى مۇقىم بولمىغانلارغا قارىتا، ئەھۋالىغا قاراپ تېخنىكا ماھارىتى بويىچە ئالدىن تەربىيەلەپ، بىر تۈرلۈك ئىشقا ئورۇنلىشىش تېخنىكا ماھارىتىنى پىششىق ئىگىلىتىپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى ئاشۇرۇپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى كۆپەيتىشىنى ئىشقا ئاشۇردۇق؛ ھەقىقەتەن سىرتقا چىقىشقا ئامالسىز قالغان، ياكى شۇ جايدا، يېقىن جايدا، ھەتتا يېزا-كەنت ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ياكى باغچە رايونىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ئامالسىز قالغانلارغا قارىتا، ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىش ئورنىدا سىياسەت ئارقىلىق تولۇق كاپالەتلەندۈرۈپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق ‹بىرگە بىر› ئالاقىلىشىش ئارقىلىق ھەممە ئادەمنىڭ قىلىدىغان ئىشى بولۇش، ھەر ئايدا كىرىمى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلدۇق».

خاس كەسىپ: كېسەلگە قاراپ دورا بېرىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىش

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېڭىشەھەر ناھىيەسى كەسىپ ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت بۇ نېگىزنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇپ، تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى ئاكتىپ تەڭشەپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، كەسىپ يېتىشتۈرۈش، پاي قوشۇپ پايدا ئايرىش، سىياسەت مەدىتى، تېخنىكا-ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش، كادىرلار ياردەم بېرىش-يۆلەش قاتارلىق شەكىللەردە چىڭ تۇرۇش ئارقىلىق نامرات ئاھالىلەرنىڭ تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق، يېمەك-ئىچمەك، ساياھەتچىلىك قاتارلىق كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ ۋە ئۇلارنى قوللاپ، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنىڭ يەنىمۇ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈردى. يېڭىشەھەر ناھىيە قومۇشئېرىق يېزا قومۇشئېرىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئىبراھىم ئابدۇمۆمىن خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ئالتە مو يېرىم بار، تۇنجى قېتىم ئېڭىز ئورنىغا تېرىغان چۈجگۈن قوناقتىن 6000 يۈەن كىرىم قىلىپ بەك خۇشال بولدۇم، بۇ يىل يەنە ئالتە مو يەرگە تېرىدىم، قوناقلار ھازىر ناھايىتى ياخشى ئۆسۈۋاتىدۇ».

يېڭىشەھەر ناھىيە قومۇشئېرىق يېزىسىنىڭ قومۇشئېرىق كەنتى ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمەت نۇقتىسىنىڭ بىرى. 2018-يىلى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئالدىنقى ئىككى يىلدىكى خاس تېرىقچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خۇلاسىلەش ئاساسىدا، شۇ جاينىڭ تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، تېرىقچىلىق ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، «خىزمەت ئەترىتى + پەن تەتقىقات + كارخانا + دېھقان ئائىلىسى» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، دېھقانلارنىڭ «بۇغداي + ئېڭىز ئورنىغا تېرىلغان چۈجگۈن قوناق» تېرىقچىلىقىدىن ئىبارەت نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىتىدىغان يېڭى تەرەققىيات يولىنى تېپىشىغا ياردەم بەردى.

تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تۈرلۈك نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى بىرىكتۈرۈپ، قومۇشئېرىق مايسا يېتىشتۈرۈش مەركىزى ۋە مايسا يېتىشتۈرۈش ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، ئەتراپتىكى ناھىيە، شەھەر، يېزا-كەنتلەرنى تەمىنلىدى. نامرات ئائىلىلەرنىڭ پاي قوشۇپ پايدا تەقسىملىشىگە تۈرتكە بولۇپلا قالماي، يەنە كەنت ئاھالىلىرىنى يېقىن جايدا، ئۆز جايىدا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. بۇ يىل 3-ئايدىن باشلاپ، قومۇشئېرىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مېھرىگۈل تۇرسۇن ھەر كۈنى ئەتىگەندە قومۇشئېرىق مايسا يېتىشتۈرۈش مەركىزىدىكى چوڭ پارنىكتا يېتىشتۈرۈلۈۋاتقان ئۈزۈم، ئەنجۈر، لازا قاتارلىقلارنىڭ مايسىلىرىنى سۇغىرىپ ھاۋا ئالماشتۇرىدۇ. مېھرىگۈل مۇنداق دېدى: «مەن ئىلگىرى ئادەتتىكى ئائىلە ئايالى بولغاچقا، مۇقىم كىرىمىم يوق ئىدى، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر مېنى قومۇشئېرىق مايسا يېتىشتۈرۈش مەركىزىدە ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرغاندىن كېيىن، ھەر ئايدا 1600يۈەندىن 2000 يۈەنگىچە مائاش ئالالايدىغان بولدۇم، ئىشىك ئالدىدا ئىشلىسە ناھايىتى قولاي ئىكەن، ئۆيدىكى ياشانغانلار ۋە بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغىلى بولۇپلا قالماي، يەنە مايسا يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىۋالغىلى بولىدىكەن، مەن بۇ خىزمەت پۇرسىتىنى ئىنتايىن قەدىرلەيمەن، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە رەھمەت».

شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ قومۇشئېرىق يېزىسىنىڭ قومۇشئېرىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، كەنتنىڭ 1-شۇجسى شۈ لىن مۇنداق دېدى: «ھازىر، كەنتتە مايسا يېتىشتۈرۈش مەركىزىدىن ئىككىسى، ئون نەچچە چوڭ پارنىك بار، بۇ يىل مۇشۇ پەسىلدىكى كىرىمنىڭ 1 مىليون يۈەنگە يېتىشى مۆلچەرلەنگەن، بىز %7پايدىنى 1-قىتىمدا نامرات ئائىلىلەرگە تەقسىملەپ بېرىپ، %20ىنى كەنت كوللېكتىپىنىڭ مەركەزلىك كىرىمى قىلىپ، ئېشىپ قالغىنىنى 2- قېتىم تەقسىملەپ، پۈتۈن كەنتتىكى دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلۇپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلدۇق».

ئىگىلىنىشىچە، 2020-يىلى يېڭىشەھەر ناھىيەسى باغچە رايونىلاشقان، كۆلەملەشكەن، كەسىپلەشكەن تەرەققىيات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، 200 مىڭ مو كۆلەمدىكى كۆكتاتچىلىق، يەر ھۆددىگەرلىكى، باغ-ئورمانچىلىق، كېۋەز تېرىقچىلىقى قاتارلىقلارغا تايىنىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، 1-كەسىپنى چۆرىدەپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىكى ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئومۇمىي مىقدارىنى كېڭەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىدە 28 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۆلچەرلىگەن.

يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش: ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يولىنى كېڭەيتىش

يېڭىشەھەر ناھىيەسى قەشقەر شەھىرىگە يېقىن بولۇش ۋە ناھىيە تەۋەسىدە كارخانىلار كۆپ بولۇش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كارخانىلارنى ئۆز ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى يېزا-بازار، كەنتلەردە يېزا-كەنت ئىشلەپچىقىرىش سېخى قۇرۇپ، نامرات ئاھالىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا رىغبەتلەندۈردى.

بۇ ناھىيە ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كارخانىلارنى پائال كىرگۈزۈپ، بۇلتۇر 5304 كىشىنى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاساسىدا، ئىشچىلارنىڭ مائاش كىرىمىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، تەرتىپلىك يۆتكەپ  2-قېتىم مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. «بىر ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، پۈتۈن ئائىلىدىكىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» ئەندىزىسى ئارقىلىق يېزىلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قەدىمىنى كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ كۆپ نامرات نوپۇسنى ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

بۇنىڭدىن باشقا، بۇ ناھىيە يەنە نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى نۇقتىلىق تەدبىر سۈپىتىدە تۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، رايون ئىچىدە ھەمكارلىشىش، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، كەنتتە تۇرۇپ ياردەم بېرىش-يۆلەش قاتارلىقلارنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىلمىي «قان بېرىش» بىلەن دەل جايىدا «قان ئىشلەش»نى ماس قەدەمدە يولغا قويۇش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش بىلەن نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمگەك كۈچلىرىنى تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پۇختا ئىلگىرى سۈردى.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، بۇ ناھىيە ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى شىنجاڭ ئىچىگە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتتى، نۆۋەتتە، بىڭتۇەن 3-شىسى دۇڭچۈنشىڭ توقۇمىچىلىق زاۋۇتىغا 884 ئادەمنى ئەۋەتتى، بورتالا، ئاقسۇ، قومۇل بىلەن 300 ئىش ئورنىنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ، 1-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا 51 ئادەمنى ئەۋەتتى، يېقىنقى مەزگىلدە ئۈرۈمچى، بورتالا ۋە قومۇلغا 160 ئادەمنى ئەۋەتىشنى پىلانلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، باغچە رايونىغا تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ياخشى تۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ چىلۇ سانائەت باغچە رايونىدا 3-ئايدىن بۇيان 625 كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. ئۇنىڭدىن باشقا، 14 يېزا-بازاردىكى ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەۋقەنى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، سۇ ئىشلىرى، قاتناش، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش قاتارلىق 22 تۈردىكى ئىش تېپىپ بېرىپ قۇتقۇزۇش تۈرىگە قويۇپ، سىرتقا چىقالمايدىغان 15 مىڭ 843 نەپەر ئەمگەك كۈچىنى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تەشكىللىدى ھەمدە قەشقەر شەھىرى قاتارلىق ئەتراپتىكى ناھىيە، شەھەرلەر بىلەن 1594 ئىش ئورنىنى پائال ئۇدۇللاشتۇرۇپ، سىياسەت خاراكتېرلىك تولۇق كاپالەتلەندۈرۈپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىش ئورۇنلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئېچىپ، ھەممىسىنى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىلەر، كۆزىتىلىدىغان ئاھالىلەر ۋە نامراتلىق گىرۋىكىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئىشلىتىپ، ھەم نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋېتىش، ھەم كىرىمنى ئاشۇرۇشنى سىجىل مۇستەھكەملەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجە-ئۈنۈمىنىڭ مۇقىم بولۇشى، ئۆسۈشى، خېمىغا يېنىپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى.