باش بەت>يېڭىشەھەر ناھىيىسى

چېن كۆڭۈلنى ھەقىقىي ھېسىياتقا ئايلاندۇرۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ ئىشەنچكە ئېرىشىش

يوللانغان ۋاقىت:2020-04-28 14:41:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:پاتىمە مىجىت مەسئۇل مۇھەررىر:ئاماننىسا ئابابەكرى


ــ يېڭىشەھەر ناھىيە يېڭىئاۋات يېزىسىنىڭ دۆڭقىشلاق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى ئابدۇرېشىت بارات توغرىسىدا

ئىختىيارى مۇخبىرلىرىمىز: ياڭ جېڭشىڭ، ئا يىڭ خەۋىرى،فوتوسى


سۈرەتتە: كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى ئابدۇرېشىت بارات دېھقانلارنىڭ چوڭ پارنىكىدا كۆكتاتلارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.

2019-يىلى 62 ئائىلىدىكى 242 ئادەم نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، نامراتلىقنىڭ يۈزبېرىش نىسبىتى %1.2كە تۆۋەنلىدى، پۈتۈن كەنتتىكى ئەمگەك ئىقتىدارى بار نامراتلىقتىن قۇتۇلالمىغان ئاھالىلەر، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاھالىلەر، كۆزىتىلىدىغان ئاھالىلەر، نامراتلىق گىرۋىكىدىكى ئاھالىلەر، ئادەتتىكى ئائىلىلەردىكى خادىملارنىڭ %100 ئىشقا ئورۇنلىشىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بۇ، يېڭىشەھەر ناھىيە يېڭىئاۋات يېزىسى دۆڭقىشلاق كەنتىنىڭ بىر نەتىجە قەغىزى.

بۇ نەتىجە قەغىزىگە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى ئابدۇرېشىت باراتنىڭ ئاممىغا قوشقان شەخسىيەتسىز تۆھپىسى مۇجەسسەملەنگەن.

ئەل قەلبىنى ئىللىتىش ــ ئاممىنىڭ سىردىشى بولۇش

«ئاممىنىڭ ئىشىدا كىچىك ئىش يوق» دېگەن گەپ بار. يېڭىئاۋات يېزىسىنىڭ دۆڭقىشلاق كەنتىدە كەنتتە تۇرۇشقا كېلىپلا، ئابدۇرېشىت كەنت ئاممىۋى خىزمەت پونكىتىنىڭ پونكىت باشلىقىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى. كەنتنىڭ ئەھۋالىنى تېزراق ئىگىلەش، ئاممىنىڭ دەۋا-تەلىپىنى تېخىمۇ مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن، ئابدۇرېشىت خىزمەتلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ھەر بىر ئائىلىگە بېرىپ، ئېتىز - ئېرىق باشلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ زىيارەت قىلىپ، كادىرلار، ئاممىنىڭ تەكلىپى ۋە تەلەپلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى.

گۇسۇنخان ھاشىم كەنتتىكى ھەممە ئادەم بىلىدىغان نامرات ئاھالە بولۇپ، ئائىلىسىدە ئەمگەك كۈچى كەمچىل، ئەر - خوتۇن ئىككىلىسى 70 ياشتىن ئاشقان، ئىككى ئېغىزلىق كېسەك ئۆيىلا بار بولۇپ، ئۆيىنىڭ ھويلا تېمىمۇ يوق ئىدى.

«بېيىش يولىدا بىر ئائىلە، بىرمۇ ئادەمنى چۈشۈرۈپ قويۇشقا بولمايدۇ». پىلانلاش ئارقىلىق، ئابدۇرېشىت ئىشنى كېسەك ئۆيلەردىن باشلاپ، كېسەك ئۆينى چېقىۋېتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئەر - خوتۇن ئىككىيلەنگە ئەمىن ئۆي سېلىپ بەردى، يەنە تەرەپ - تەرەپكە چېپىپ يۈرۈپ ئاقارتىش، توك بىلەن ئىسسىتىش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىش، پول، خىش ياتقۇزۇش قاتارلىق ئىشلارنى ماسلاشتۇرۇپ بېجىردى. ھازىر ئۇلارنىڭ ئەمىن ئۆيى كەڭرى، ئازادە، ئۆي ئىچىدە ھاجەتخانا، ئاشخانا بار، پار، سۇ تۇرۇبىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تولۇق سەپلەنگەن بولۇپ، ھويلا قاتتىقلاشتۇرۇلۇپ، ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىغا لازا قاتارلىق كۆكتاتلار تېرىلدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ياردىمىدە ئۈزۈم بارىڭىمۇ ياسالدى.

گۇسۇنخاننىڭ ئائىلىسىدىكى ئىشلاردىن باشقا، بالىلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشى، ئەر-خوتۇنلارنىڭ تالاش-تارتىشى، قوشنىلارنىڭ ئۇششاق-چۈششەك ئىشلار تۈپەيلىدىن ئارازلىشىپ قېلىشىغا ئوخشاش بىر قاتار ئىشلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بىر تەرەپ قىلىش داۋامىدا، ئامما بىلەن ئابدۇرېشىتنىڭ رىشتىسى زىچ باغلىنىپ، ئۇ ئاممىنىڭ سىردىشىغا ئايلاندى.

ئەمەلىي ئىشنى كۆزلەش ــ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يولىدا ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىش

2018-يىلى دۆڭقىشلاق كەنتى كەنت قىياپىتىنى زور كۈچ بىلەن تۈزىدى، ئەمما كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ قولىدىكى مەبلەغ چەكلىك بولغاچقا، نۇرغۇن خىزمەتلەرنى پۈتۈن كەنت بويىچە قانات يايدۇرۇشقا ئامالسىز ئىدى. بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ئابدۇرېشىت تىت - تىت بولدى. ئۇ، بۇ ئىشلارنى ھەل قىلىش ئۈمىدىدە كۆپ قېتىم ناھىيەگە بېرىپ، ئالاقىدار ئورۇنلار بىلەن كېڭىشىپ، بەزى كارخانىلار بىلەن ئۇچراشتى. ئۇنىڭ ئەجرى يەردە قالمىدى، 20 نەچچە كۈندىن كېيىن بىر قانچە چوڭ ئاپتوموبىلغا بېسىلغان 4000 مېتىردىن ئارتۇق رېشاتكا دۆڭقىشلاق كەنتىگە ئېلىپ كېلىندى. كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ۋاھىت شېرىپ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇ رېشاتكىلارغا ئېرىشىپ، ئاز دېگەندىمۇ 200 مىڭ يۈەن پۇلىمىز تېجىلىپ قالدى».

ئابدۇرېشىتنىڭ ماسلاشتۇرۇشى ئارقىسىدا، دۆڭقىشلاق كەنتىدە چوڭ ئېكران، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە گار، تىكتاك توپ ئۈستىلى، بىليارت تاختىسى بار بولدى. ئۇ دائىم سەپداشلىرىغا مۇنداق دەيدۇ: «بىز بۇ يەرگە نامراتلارنى يۆلەش ئۈچۈن كەلگەن ئىكەنمىز، ئاممىغا نەپ يەتكۈزۈشىمىز كېرەك، نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن كۆپچىلىك مېنى ئۇنتۇپ قېلىشى مۇمكىن، لېكىن ھېچ بولمىغاندا ئۆزۈمگە گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇرالايمەن، شۇڭا، مەن ھەرگىز پۇشايمان قىلمايمەن».

«ئۆگىتىش، ياردەم بېرىش، يېتەكلەش» ــ ئاساسىي قاتلامنىڭ «كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى»نى كۈچلۈك قۇرۇش

بىر قىسىم كەنت كادىرلىرىنىڭ ئىش بېجىرىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولماسلىقتەك ئەھۋالغا قارىتا، دۆڭقىشلاق كەنتى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار بىلەن كەنت كادىرلىرىنىڭ «ئۆگىتىش، ياردەم بېرىش، يېتەكلەش» بويىچە بىرلەشمە ئىش بېجىرىش تۈزۈمىنى يولغا قويدى. ئابدۇرېشىت كەنت كادىرلىرىنى باشلاپ ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، خىزمەت تەرتىپىنى سۆزلەپ، خىزمەت ئۇسۇلىنى ئۆگىتىپ، ھەر ۋاقىت ئۇلار بىلەن سىردىشىپ، خىزمەتتە ساقلانغان مەسىلىلەرنى ئانالىز قىلدى ھەمدە مۇۋاپىق تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«ئۆگىتىش، ياردەم بېرىش، يېتەكلەش» تۈزۈمى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، كەنت كادىرلىرى قاراپ تۇرىدىغان، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ئىشلەيدىغان ناچار كەيپىيات زور دەرىجىدە ئۆزگەرتىلىپ، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ۋە خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، بىرلىكتە ئىشلىشى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئىش قىلىشنى ئويلايدىغان، ئىش قىلالايدىغان، ئىش قىلىشنى بىلىدىغان، كەتمەيدىغان خىزمەت ئەترىتى بەرپا قىلىشقا پۇختا ئاساس سېلىندى.