باش بەت>تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى

تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدە ئات بەيگىسى، ئوغلاق تارتىشىش مۇسابىقىسى چارۋىچىلار شادلىقى ئارامگاھىنى جانلاندۇردى

يوللانغان ۋاقىت:2020-05-03 03:14:00 مەنبە:قەشقەر گېزىتى مۇھەررىر:پاتىمە مىجىت مەسئۇل مۇھەررىر:ئاماننىسا ئابابەكرى


سۇلۇق يەر يايلىقىدىكى گۈزەل مەنزىرىدىن ھۇزۇرلىنىش   ئات ئۈستىدىكى «سۈرئەت ۋە ھېسسىيات»نى تاماشا قىلىش

تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدە ئات بەيگىسى، ئوغلاق تارتىشىش مۇسابىقىسى چارۋىچىلار شادلىقى ئارامگاھىنى جانلاندۇردى


ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز چېن گوۋېن خەۋىرى، فوتوسى: 4-ئاينىڭ 26-كۈنى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيە ۋەچە يېزىسىنىڭ شەرەفىدى كەنتىدىكى سۇلۇق يەر باغچىسى بىر تۈركۈم «ئالاھىدە» مېھماننى كۈتۈۋالدى، بۇ ناھىيەنىڭ كۆكيار، تىزناپ، تاشقورغان، بەلدىر، دەفتەر ۋە ۋەچە يېزىلىرىدىن كەلگەن 100دىن كۆپرەك چەۋەنداز ئاتلىرىنى مىنىپ، مەردانە، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق ھالدا سۇلۇق يەر باغچىسى بەيگە مەيدانىغا كېلىپ، بىر مەيدان كەسكىن ئات بەيگىسى ۋە ئوغلاق تارتىشىش مۇسابىقىسى ئېلىپ باردى. بۇ، ھەم كۈچ سىنىشىدىغان، ھەم ئەقىل-پاراسەتنى نامايان قىلىدىغان ماھارەت مۇسابىقىسى، ھەم باتۇرلۇقتا بەسلىشىدىغان، ھەم چەۋەندازلىق ماھارىتى جەھەتتە مۇسابىقىلىشىدىغان، كوللېكتىپ ھەمكارلىققا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلىدىغان ھۇزۇرلىنىش خاراكتېرىگە ئىگە پائالىيەت بولدى.

شۇ كۈنى، بۇ ناھىيەنىڭ ھەرقايسى يېزا-بازارلىرىدىن كەلگەن دېھقان - چارۋىچىلار ۋە ئائىلىلەرنى ھۆددىگە ئالغان كادىرلار بولۇپ 400دىن ئارتۇق كىشى بۇ مەيدان ئات ئۈستىدىكى «سۈرئەت ۋە ھېسسىيات»نى بىرلىكتە تاماشا قىلدى ۋە سۈرەتكە ئالدى.

بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى شەرەفىدى كەنت پارتىيە باش ياچېيكىسى ئۇيۇشتۇرغان، شۇنداقلا «پەنلۇڭ قەدىمىي يولى ساياھەت مەنزىلگاھى  سۇلۇق يەر باغچىسى» 100 كىشىلىك ھېس قىلىش ساياھىتى پائالىيىتىنىڭ بىرى، شۇنداقلا شەرەفىدى كەنتى ئەتىياز پەسلى كىرگەندىن بۇيان تۇنجى قېتىم قانات يايدۇرغان ساياھەت پائالىيىتى ھېسابلىنىدۇ، بۇنىڭدىكى مەقسەت ساياھەتچىلەرگە شۇ جايدىكى ئۆزگىچە سۇلۇق يەر يايلىقىنىڭ مەنزىرىسىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت.

نامرات ئاھالە نۇزى خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى بىزنىڭ چارۋىچىلىق نۇقتىمىزدا چېدىر بار بولۇپ، ئۈنۈمىنى ياخشى جارى قىلدۇرالمىغانىدۇق، كەنت پارتىيە باش ياچېيكىسى بەرپا قىلغان سۇلۇق يەر باغچىسىنى كۆرۈپ ئۈمىدكە تولدۇق، بۈگۈن مەن كاۋاپ پىشۇرۇش ۋە پولو ئېتىپ سېتىپ 8000 يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلدىم».

«مەن يەنە بىر تۈركۈم ئىچىملىك كىرگۈزدۈم، بۈگۈن بىر ئاپتوموبىل ئىچىملىك سېتىلىپ بولدى». يولۋاس توكسىكلىتنى ھەيدىگەچ، مال يەتكۈزۈپ بەرگۈچى بىلەن تېلېفونىدا ئەنە شۇنداق ئالاقىلەشتى.

ئوغلاق تارتىشىش رېپىرى سەردار مۇنداق دېدى: «ئوغلاق تارتىشىشنىڭ قائىدىسى بىر قەدەر ئاددىي بولۇپ، پەقەت ئات مىنگۈچى ئوغلاقنى بۇلاپ ئالغاندىن كېيىن، يولبويى قوغلاۋاتقانلاردىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئوغلاقنى بەلگىلەنگەن ئورۇنغا قويالىسا، مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ھېسابلىنىدۇ».

مۇسابىقە نەق مەيدانىدا، نەچچە 10 چەۋەنداز ئوغلاق تارتىشىشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلاندى، بەزى چەۋەندازلار ئىككى پۇتى بىلەن ئاتنىڭ دۈمبىسىنى قىسىپ تۇرۇپ، ئورنىدىن تۇرۇۋېلىپ، ئوغلاقنى كۈچەپ تارتىشتى. ئات چاپتۇرۇش سۈرئىتىنىڭ تېزلىشىشى، تالىشىشنىڭ كەسكىنلىشىشى كىشىنى ئىختىيارسىز قاتتىق ھاياجانغا سالاتتى.

 4-ئاينىڭ 19-كۈنى، شەرەفىدى كەنتى ئۆز ئالدىغا قۇرغان «سۇلۇق يەر باغچىسى  قوتاز يادرولۇق توپى» رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، باغچىنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 180 مو بولۇپ، جەمئىي توققۇز كىگىز ئۆي تىكىلدى. تۈر مەبلىغىنىڭ ھەممىسىنى كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار ئۆزلىرى تەييارلىغان بولۇپ، كىگىز ئۆيلەر چارۋىچىلىق نۇقتىلىرىدىكى بوش قالغان چېدىرلاردىن پايدىلىنىپ تەييارلاندى، نۆۋەتتە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن توققۇز نامرات ئائىلە بۇ يەردە تىجارەت قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، سۇلۇق يەر باغچىسى تاۋارلارنى پارچە سېتىش، ياتاق، يېمەك-ئىچمەك، مىللىي ئۆرپ - ئادەتنى ھېس قىلىش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى ھازىرلىغان بولۇپ، ھەر يىلى 4-ئايدىن 10-ئايغىچە سىرتقا ئېچىۋېتىلىپ، ھەر كۈنى ئەڭ كۆپ بولغاندا 1000غا يېقىن ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىش پىلانلاندى، بۇ يىل 20 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىش مۆلچەرلەندى.

ليۇ گاڭ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى ئات بەيگىسى، ئوغلاق تارتىشىش مۇسابىقىسىدە شەرەفىدى كەنت پارتىيە باش ياچېيكىسى كەنتتە تۇرۇشلۇق ھەرقايسى تارماق كۈچلەر بىلەن چارۋىچىلار شادلىقى ئارامگاھى بويىچە كۈتۈۋېلىش ئائىلىلىرىنىڭ كوللېكتىپ 3000 يۈەن ئىئانە قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مۇكاپاتلاش ۋە پائالىيەت خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلدى. ئات بەيگىسى، ئوغلاق تارتىشىش بەدەننى ساغلاملاشتۇرۇپلا قالماي، يەنە دېھقان - چارۋىچىلارغا بىر مەيدان كاتتا زىياپەت تەقدىم قىلىپ، چارۋىچىلارنىڭ چارۋىچىلار شادلىقى ئارامگاھى ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتناشقان چارۋىچىلار شادلىقى ئارامگاھى ۋە تاۋارلارنى پارچە سېتىش ئائىلىلىرىنىڭ ئومۇمىي كىرىمى 30 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ، ھەر بىر ئائىلىگە 4000 يۈەندىن توغرا كەلدى».