باش بەت>قاغىلىق ناھىيىسى

قاغىلىق ناھىيەسىدىكى قاتناش ساقچىلىرى «پەلەك يولى»دا ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپكە، يۇرتىغا بىخەتەر يەتكۈزۈپ قويدى

يوللانغان ۋاقىت:2020-03-25 11:24:00 مەنبە:قەشقەر گېزىتى مۇھەررىر:پاتىمە مىجىت مەسئۇل مۇھەررىر:ئاماننىسا ئابابەكرى

12 يىلدا جەمئىي 10 مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق مۇساپىنى بېسىش

قاغىلىق ناھىيەسىدىكى قاتناش ساقچىلىرى «پەلەك يولى»دا ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپكە، يۇرتىغا بىخەتەر يەتكۈزۈپ قويدى

يېتەكچى مۇخبىرىمىز ۋاڭ جىخېڭ، مۇخبىرىمىز پەن يەنيۈن خەۋىرى: 3-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئەگرى-توقاي، تىك بولغان G219-تاشيولىنىڭ (شىنجاڭ-شىزاڭ تاشيولى) قاغىلىق بۆلىكىدە، ئىككى ساقچى ئاپتوموبىلى ۋە 10 نەچچە چوڭ ئاپتوبۇستىن تەركىب تاپقان ئاپتوموبىل ئەترىتى ئاستا-ئاستا يۈرۈۋاتقان بولۇپ، چوڭ ئاپتوبۇستا قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ شېخشۇ يېزىسىدىن ناھىيەگە قايتىپ ئوقۇيدىغان 288 نەپەر تولۇقسىز ئوتتۇرا، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئولتۇرغانىدى. قاغىلىق ناھىيەسىدىكى قاتناش ساقچىلىرى ناھىيە بازىرىدا ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنى ئاپىرىپ قويۇشنى 2008-يىلى باشلىغان بولۇپ، بۇ يىل 12-يىلى ئىدى.

شېخشۇ يېزىسى قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ ئەڭ چەت تاغلىق رايونىغا جايلاشقان، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 3500 مېتىر بولغان، ئۇيغۇر، قىرغىز، تاجىك قاتارلىق كۆپ مىللەتتىن تەركىب تاپقان چېگرا رايون يېزىسى بولۇپ، ھىندىستان ۋە پاكىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ. شېخشۇ يېزىسىدىن ناھىيە بازىرىغا بارىدىغان يولدا نۇرغۇن داۋاندىن ئۆتۈشكە توغرا كېلىدىغان بولۇپ، يول تىك ھەم ئەگرى-توقاي بولسىمۇ، ئەمما قاغىلىق ناھىيەسىدىكى قاتناش ساقچىلىرى قاتتىق سوغۇقتىن، جاپا-مۇشەققەتتىن قورقماي، 12 يىلدا جەمئىي 12 مىڭ 480 كىلومېتىردىن ئارتۇق يول يۈرۈپ، داۋاندىن 48 قېتىم ئۆتۈپ، 20 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنى مەكتەپكە، يۇرتىغا بىخەتەر يەتكۈزدى.

پۈتۈن ئاپتوموبىل ئەترىتىنىڭ بىخەتەر يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى، مۇھاپىزەت قىلىپ ئاپىرىپ قويىدىغان قاتناش ساقچىلىرى ۋە شوپۇرلار ئاپتوموبىلنى بىخەتەرلىك بويىچە تەكشۈرىدۇ ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە دېزىنفېكسىيە قىلىدۇ، 15 يىلدىن يۇقىرى شوپۇرلۇق ئىستاژىغا ئىگە شوپۇرلار سەپلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىخەتەرلىك خادىمى ئاپتوموبىلدا بىللە ماڭىدۇ ھەمدە بىر ساقچى ماشىنىسى ئالدىدا يول ئاچسا، يەنە بىر ساقچى ماشىنىسى ئارقىدا مېڭىش شەكلىنى قوللىنىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئاپتوموبىلغا چىققاندىن كېيىن، قاتناش ساقچىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىك تاسمىسىنى بىر-بىرلەپ تەكشۈرۈپ، ئادەمنى ساناپ، يۈك-تاقلارنى قويۇشقا ياردەملىشىدۇ. ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاپتوموبىل ئەترىتى يولبويى ئېھتىيات بىلەن يول يۈرىدۇ. بۇ قېتىمقى ئاپىرىپ-ئەكىلىش ۋەزىپىسىگە مەسئۇل بولغان چوڭ ئاپتوبۇسنىڭ شوپۇرى تۇرامەت تۇرسۇننىڭ قاتناش ساقچىلىرى بىلەن بىللە ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپكە، يۇرتىغا ئاپىرىپ-ئەكىلىۋاتقىنىغا 12 يىل بولغانىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن ھەر يىلى كېلىمەن، بىر يىلدا تۆت قېتىم قاتنايمەن، تاغدىكى بالىلارنى مەكتەپكە، يۇرتىغا بىخەتەر ئاپىرىپ-ئەكىلىشكە قاتناشقانلىقىمدىن مەن ئىنتايىن رازى، يولبويى قاتناش ساقچىلىرى مۇھاپىزەت قىلغاچقا، مەن ئىنتايىن خاتىرجەم».

شېخشۇ يېزىسىنىڭ كۇلۇشىڭكې كەنتىلىك ئاھالە شاكىر ئاق مۇنداق دېدى: «ھەر قېتىم يازلىق، قىشلىق تەتىلدە، قاتناش ساقچىلىرى ۋە مائارىپ ئىدارىسىنىڭ كادىرلىرى ئاپتوموبىل تەشكىللەپ ئوقۇغۇچىلارنى ئاپىرىپ-ئەكىلىدۇ، ئۇلار ئاپىرىپ-ئەكەلگەچكە مەن ئىنتايىن خاتىرجەم، ئۇلارغا كۆپ رەھمەت».

قاغىلىق ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: « 3-ئاينىڭ 15-كۈنى، بۇ ناھىيەنىڭ قاتناش ساقچىلىرى ئالدى بىلەن شېخشۇ يېزىسىدىكى مەكتەپكە قايتىپ دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان 124 نەپەر تولۇقسىز ئوتتۇرا 3-يىللىق ۋە تولۇق ئوتتۇرا 3- يىللىق  سىنىپ ئوقۇغۇچىسىنى ئەكىلىپ قويدى».