باش بەت>يېڭىسار ناھىيىسى

ھەممىمىز ئارزۇغا ئىنتىلگۈچىلەر

يوللانغان ۋاقىت:2020-04-22 10:30:00 مەنبە:قەشقەر گېزىتى مۇھەررىر:پەرىدەم مەخەت مەسئۇل مۇھەررىر:ئاماننىسا ئابابەكرى

ــ يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلغانلىقى توغرىسىدا كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىمىز

مۇخبىرلىرىمىز: خو رەن، گۈلگىنە ئەركىن خەۋىرى، فوتوسى

       سۈرەتتە: ئىشچىلار پېچىنە-پىرەنىك ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا پېچىنە-پىرەنىك تەييارلىماقتا.

4-ئايدىكى يېڭىساردا تال-تېرەكلەر بۈك-باراقسانلىشىپ، ئۆرۈك، شاپتۇللار ياپيېشىل بۇغدايلىق ئارىسىدا چېچەكلەپ، خۇددى بىر پارچە سۇ بوياق رەسىمگە ئوخشاپ قالغان، جىمجىت يېزا-كەنتلەر يېڭى ئۈمىدكە تولغانىدى.

زەمبۇرۇغ تاياقچىسىدىن تۇغۇلغان بېيىش ئارزۇسى

ماڭشىن بازىرىنىڭ قاراباش لەڭگەر كەنتىدىكى مور تېرىقچىلىقى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كىرگەندە، مۇخبىرلار زەمبۇرۇغلارنى ئوراش سېخىدىكى ھەيۋەتلىك مەنزىرىدىن ھەيران قالدى. رەتلىك قويۇلغان 150 مىڭ خالتا پىڭگۇ، شياڭگۇ زەمبۇرۇغ تاياقچىلىرى كۆز يەتكۈسىز بولۇپ، بۇ زەمبۇرۇغ تاياقچىلىرىغا نامرات كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش ئارزۇسى مۇجەسسەملەنگەنىدى.

كەنتتىكى نامراتلار ئىچىدىكى ئەڭ نامرات، قىيىنچىلىقى بارلار ئىچىدىكى ئەڭ قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرنى نامراتلىقتىن قانداق قۇتۇلدۇرۇش كېرەك؟ بۇ، شىنجاڭ رادىيو-تېلېۋىزىيە داشۆسىنىڭ قاراباش لەڭگەر كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىش ئىدى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا كىچىك ئىش يوق، خىزمەت ئەترىتى ئەۋەتكەن ئورۇن ئارقا تېرەك بولۇشى كېرەك. 2018-يىلى 9-ئايدا، شىنجاڭ رادىيو-تېلېۋىزىيە داشۆسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، قاراباش لەڭگەر كەنتىدە ئىككى كۈن نۇرى پارنىكى ۋە يېمەكلىك زەمبۇرۇغى يېتىشتۈرۈش جاھازىسى قۇرۇشنى قارار قىلدى. خىزمەت ئەترىتى نامراتلارنى يۆلەش تۈرىدىن پايدىلىنىپ زەمبۇرۇغ يېتىشتۈرۈش ئاقما لىنىيەسى قۇرۇپ، خالتىغا قاچىلاش ماشىنىسى، مىكروب يوقىتىش جاھازىسى سېتىۋېلىپ، 29 ئائىلىلىك نامرات ئائىلە پاي قوشقان «مور تېرىقچىلىقى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى» قۇردى. خىزمەت ئەترىتى يەنە شەندۇڭدىن تېخنىكلارنى تەكلىپ قىلىپ، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئىشقا ئورۇنلاشقان كەنت ئاھالىلىرىنى تەربىيەلىدى.

مۇخبىر ھەرىكەت قىلىشى قولايسىز بولغان ياقۇپ خۇدابەردى ۋە ئىگە-چاقىسىز يەتتە-سەككىز ياشانغان كىشىنىڭ كېرەكسىز ماتېرىياللارنى تايلاۋاتقانلىقىنى ياكى زەمبۇرۇغ تاياقچىسى ئۈچۈن تۆشۈك تېشىۋاتقانلىقىنى، يەنە بەزى نامرات ئاھالىلەرنىڭ خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن بىللە زەمبۇرۇغ تاياقچىلىرىغا سۇ قۇيۇش بىلەن ئالدىراش ئىكەنلىكىنى كۆردى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ياۋ شىنشيا مۇنداق دېدى: «ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ھەممىسى كەنتتىكى ئەڭ قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر، بىز ئۇلارغا كۈن نۇرى پارنىكى ياساپ بەردۇق ھەمدە تېخنىكا ئۆگەتتۇق، ھازىر ئۇلار يېمەكلىك زەمبۇرۇغى تۈرىنى ئېتىراپ قىلدى. ئۇلار بەس-بەستە ئائىلىسىدىكى بوش ئۆيلەرگە زەمبۇرۇغ تاياقچىسى ئورۇنلاشتۇردى، نۆۋەتتە، ئۇلارنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشتىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈك».

ئىگىلىنىشىچە، بۇ دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى ناھىيەدىكى تۆت چوڭ توپ تارقىتىش سودىگىرىنى ئۆزلىرى يېتىشتۈرگەن پىڭگۇ بىلەن مۇقىم تەمىنلەيدىغان بولۇپ، بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان 400-300 مىڭ يۈەن پايدا ئالغان، ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئىشقا ئورۇنلاشقان ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەربىرىنىڭ ئايلىق مائاشى 1800 يۈەندىن تۆۋەن بولمىغان، 29 نامرات ئائىلىدىكى پايچىك ئاھالىلەرگە يەنە پايدا ئايرىپ بېرىلگەن. ئايدا 3000 يۈەن مائاش ئېلىۋاتقان نۇرىمانگۈل ئابدۇكېرىم خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «ئائىلىمىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، تېخنىكا كوللېكتىپىغا ۋە زاكازغا ئىگە شىنجاڭ موياڭ جۈنتۈەن بىيو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى پات ئارىدا ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى ئۆتكۈزۈۋالىدۇ، يېمەكلىك زەمبۇرۇغى يېتىشتۈرۈش ۋە سېتىشنىڭ ئىستىقبالى تېخىمۇ پارلاق بولۇپ، بىز تېخىمۇ كۆپ تېخنىكىلارنى ئۆگىنىشكە تەقەززا بولۇۋاتىمىز».

ئىشقا ئورۇنلىشىپ يېڭى تۇرمۇش يارىتىش

دەريا سۈيى ئۆركەشلەپ ئاقماقتا، ياپيېشىل بۇغداي مايسىلىرى يەلپۈنمەكتە. مۇخبىرلار ماڭشىن بازىرىدىكى يېزا-قىشلاقلارنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلانغاچ، «كۇلالچىلىق كەنتى» ــ 260 مو كۆلەمدىكى جىنخەيۋەن ئېكولوگىيە ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىغا كەلدى. بۇ يەردە ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان بولۇپ، بەزىلىرى ئۆزى قول سېلىپ كاۋاپ پىشۇرۇۋاتاتتى، بەزىلىرى بېلىق تۇتۇۋاتاتتى، يەنە بەزىلىرى مېۋىلىك باغدا چېچەك سەيلىسى قىلىۋاتاتتى. مەيىن شامالدا ئۆرۈك چېچەكلىرى ئاستا-ئاستا تۆكۈلدى، ساياھەتچىلەر گۈزەل چېچەك مەنزىرىسىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلاندى.

ئېكولوگىيە ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىنىڭ باش جىڭلىسى ۋاڭ يىڭخۇا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «‹كۇلالچىلىق كەنتى›دىكى نۇرغۇن نامرات ئاھالىلەر يېرىنى ئېكولوگىيە ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىغا ئوبوروت قىلىشقا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، ئۆزلىرى بەس-بەستە ئېكولوگىيە ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىغا كېلىپ ئىشلىدى، ئۇلار ھەر ئايدا ئاز بولغاندا 1500 يۈەن مائاش ئالالايدۇ».

50 ياشلىق ئايشەمگۈل سادىق مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «ئېكولوگىيە ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسى بۇلتۇرنىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا تىجارەت باشلىغاندىن بۇيان، باغچە 30 نەپەر نامرات ئاھالىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، ھەربىرەيلەن ھەر ئايدا 1500 يۈەن كىرىم قىلالايدۇ. ئائىلىمىزنىڭ ھەر يىلى يەنە 2000 يۈەن يەر ئوبوروت قىلىش پۇلى بار، مۇشۇنداق ھېسابلىغاندا، ئائىلىمىز بىر يىلدا ئاز دېگەندىمۇ 38 مىڭ يۈەن كىرىم قىلالايدۇ، بۇ يىل پۈتۈن ئائىلىمىز بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىمىزدا مەسىلە يوق».

ۋاڭ يىڭخۇا ئىشەنچكە تولغان ھالدا مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ھازىرقى نىشانىم كۆپرەك دەل-دەرەخ، ئوت-چۆپ، گۈل-گىياھ ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ نامرات ئاھالىنى ئېكولوگىيە باغچىسىدا ئىشلەشكە قوبۇل قىلىپ، باغچىنى پۈتۈنلەي يېشىللاشتۇرۇپ، گۈزەللەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ نامرات ئاھالىنى ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، كەنتتىكى بارلىق نامرات ئاھالىنى بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلبە قىلىشى ئۈچۈن كۈچ قوشۇشتىن ئىبارەت!»

پېچىنە-پىرەنىكلەرنىڭ مەززىلىك ھىدىغا تولغان نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش يولى

بۇ يىل، «كۇلالچىلىق كەنتى»گە كېلىپ ئىگىلىك تىكلىگەن قەيسەر ئەركىننىڭمۇ نامرات ئاھالىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا يېتەكلەش ئارزۇسى بار.

قەيسەر ئەركىن يېڭىشەھەر ناھىيەسىلىك بولۇپ، ئالىي تېخنىكومنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئىچكىرى ئۆلكىلەردە شىنجاڭنىڭ خاس يېمەك - ئىچمەك كەسپى بىلەن شۇغۇللانغان. «كۇلالچىلىق كەنتى»نىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، بۇ يىل ئۇ قىلچە ئىككىلەنمەي «كۇلالچىلىق كەنتى»گە كېلىپ پېچىنە - پىرەنىك پىشۇرۇش ھەمكارلىق كوپىراتىپى، ناۋايلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇردى.

مەززىلىك ھىد تاراپ تۇرغان پېچىنە-پىرەنىك پىشۇرۇش سېخىغا كىرگىنىمىزدە، ھەمكارلىق كوپىراتىپى قوبۇل قىلغان 32 نامرات ئاھالە ئالدىراش ئىشلەۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بولكا، تورت پىشۇرۇۋاتاتتى، بەزىلىرى ئەشمە قۇيماق سېلىۋاتاتتى، قەنت-گېزەك تەييارلاۋاتاتتى؛ يەنە بەزىلىرى ھەرخىل پېچىنە-پىرەنىكلەرنى كۆڭۈل قويۇپ پىشۇرۇۋاتاتتى، ئوراپ قاچىلاۋاتاتتى. ئىگىلىنىشىچە، ئۇلار پىشۇرغان پېچىنە-پىرەنىكلەر ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ ئاشخانىلىرىغا سېتىلغاندىن سىرت، يەنە پۈتۈن ناھىيەدىكى بالىلار باغچىلىرى، ھەرقايسى يېزا-بازارلاردىكى تاللا بازارلىرىغا يەتكۈزۈلىدىكەن، بەزىدە ئۇلار يەنە ئۆزلىرى ئىشلەپچىقارغان پىچىنە-پىرەنىكلەرنى يېزا-بازار بازىرى، ناھىيە بازىرىدىكى ئائىلىلىكلەر قورۇسىغا ئاپىرىپ ساتىدىكەن. «بىز پىشۇرغان پېچىنە-پىرەنىكلەرنىڭ بۇنچە ياقتۇرۇشقا ئېرىشكەنلىكىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدۇق. بىز غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، تېخىمۇ كۆپ مەززىلىك پېچىنە-پىرەنىكلەرنى پىشۇرۇپ، تېخىمۇ چوڭ بازارلارنى ئېچىپ، ‹كۇلالچىلار› پېچىنە-پىرەنىكى دېگەن بۇ ماركىنى كۇلالچىلار ۋە ‹كۇلالچىلىق كەنتى›گە ئوخشاش شۆھرەتكە ئىگە قىلىمىز» دېدى پېچىنە-پىرەنىك پىشۇرۇۋاتقان ئىبادەت توختى ئىشەنچكە تولغان ھالدا.

«نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئۈنۈمىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، مەن يەنە قېتىقچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى، ياغچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى ۋە قارا بۇغداي، كۆممىقوناقنى ئاساس قىلغان تاش تۈگمەن خاس ئۇن زاۋۇتىنى قۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ نامرات ئاھالىنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا  ئىشقا قوبۇل قىلىپ، ‹كۇلالچىلار› پېچىنە-پىرەنىكى، سۈييېغى، ئالاھىدە ئۇنلارنى ئىچكىرى ئۆلكە بازارلىرىغا كىرگۈزۈپ، بەختلىك، گۈزەل ئەتىنى ئورتاق يارىتىشنى ئويلاۋاتىمەن!» دېدى قەيسەر ئەركىن ئۆزىنىڭ تېخىمۇ چوڭ ئارزۇسى ئۈستىدە توختىلىپ.

يىراقتا ئۇلارنىڭ يىپيېڭى تۇرمۇشى بار

مۇخبىر سىرتقا ئىشلىگىلى كەتكەن ئەگۈس يېزىسىنىڭ ھويلا مەھەللىسى كەنتىلىك «چولپان»ــ تۇرسۇننسا تۇرغۇننىڭ بۇ ئىككى كۈندە توي قىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، ھويلا مەھەللىسى كەنتىگە بېرىپ، چىرايلىق گىرىم قىلغان، تېتىك ۋە روھلۇق تۇرسۇننىسا تۇرغۇن بىلەن كۆرۈشتى.

كەنتتە تۇرغىنىغا ئىككى يىل بولغان شىنجاڭ كۆمۈر كان بىخەتەرلىكى رېۋىزىيە ئىدارىسى ئورگان پارتىيە كومىتېتىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن شۇجىسى، ھويلا مەھەللىسى كەنتىنىڭ 1-شۇجىسى ۋۇ ۋېي ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «تۇرسۇننىسا تۇرغۇننىڭ ئائىلىسى مەن ھۆددىگە ئالغان ئائىلە، مەن تۇنجى قېتىم ئۇنىڭ ئۆيىگە بارغاندا، ئۇ ئانىسىنىڭ پاختىلىق چاپىنىنى كىيىۋالغان بولۇپ، چىرايى ئىنتايىن سۇلغۇن ئىدى. ھازىر ئۇ باشقىچىلا بىر ئادەمگە ئايلاندى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنى ‹چولپان›لاردەك چىرايلىق دېيىشىدۇ!»

تۇرسۇننىسا تۇرغۇن ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كەلگەنىدى، ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭدىن ئىنتايىن ئەندىشە قىلاتتى. 2018-يىلى3-ئايدا، ۋۇ ۋېي تۇرسۇننىسا تۇرغۇننى شىنجاڭ كۆمۈرچىلىك مېھمانخانىسىدا مۇلازىمەتچىلىككە ئورۇنلاشتۇردى. خىزمەت فورمىسى كىيىپ تەربىيەلەنگەندىن كېيىن، تۇرسۇننىسا تۇرغۇن ناھايىتى تېزلا مۇلازىمەتچىلىك خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان بولدى، ئاساسىي مائاش بىلەن ئىش ئۈنۈم مائاشىنى قوشقاندا، ھەر ئايدا 3000 يۈەن مائاش ئالدى، شۇ يىلى ئۇنىڭ ئائىلىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. ئۇ دائىم ئۆزىنىڭ خىزمەت ئەھۋالى ۋە مۇھىتىنى سىنغا ئېلىپ ۋۇ ۋېيغا ئەۋەتىپ بېرىپ، بۇ سىننى كەنتتىكى دېھقانلار كەچلىك مەكتىپىنىڭ چوڭ ئېكرانىدا قويۇش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنى سىرتقا چىقىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ئىلھاملاندۇردى. ۋۇ ۋېي تۇرسۇننىسا تۇرغۇننىڭ ئەقىللىق، قابىلىيەتلىك ئىكەنلىكىنى، كۆپ قېتىم مېھمانخانىنىڭ تەقدىرلىشىگە ئېرىشكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇنى كەنتكە كېلىپ ئاممىغا لېكسىيە سۆزلەش، ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى.

تۇرسۇننىسا تۇرغۇن مېھمانخانا رەھبەرلىرى بىلەن بىللە ئەگۈس يېزىسىغا كېلىپ، كۆپلىگەن كەنتلەردە ئاممىغا لېكسىيە سۆزلەپ كۈچلۈك ئىنكاس قوزغاپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلەش قىزغىنلىقىنى زور دەرىجىدە ئۇرغۇتتى.

يېڭىسار ناھىيەسىدە تۇرسۇننىسا تۇرغۇنغا ئوخشاش سىرتقا چىقىپ ئىشلەيدىغان نامرات ئاھالىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى.

يىراقتا ئۇلارنىڭ گۈزەل ئارزۇسى بار، ئۇلارنىڭ توختىماي قىلغان كۈرەشلىرى بار، تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇلارنىڭ بەختلىك، گۈزەل يېڭى تۇرمۇشى بار.