باش بەت>يېڭىسار ناھىيىسى

يېڭىسار ناھىيەسى كۆپ خىل تەدبىرلەرنى تەڭ قوللىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشقا ئاساس سالدى

يوللانغان ۋاقىت:2020-04-23 17:37:00 مەنبە:قەشقەر گېزىتى مۇھەررىر:ئابدۇسالامجان ئابدۇغېنى مەسئۇل مۇھەررىر:ئاماننىسا ئابابەكرى

كەسىپ ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تۇتقا قىلىش  كىرىمنى ئاشۇرۇشنى نىشان قىلىش

يېڭىسار ناھىيەسى كۆپ خىل تەدبىرلەرنى تەڭ قوللىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشقا ئاساس سالدى

مۇخبىرىمىز خو رەن خەۋىرى، فوتوسى: 4-ئاينىڭ 11-كۈنى، يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ 14 يېزا-بازىرىدىكى 1600 نەپەر نامرات ئاھالە ناھىيەلىك ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىرىش مەركىزىدىكى كادىرلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئارقا-ئارقىدىن پويىزغا ئولتۇرۇپ خوشۇت، باغراش ناھىيەلىرىگە ئىشلەمچىلىككە ماڭدى. بۇ، بۇ ناھىيەنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىشتا، دۇمباق ساداسىغا ئەگىشىپ ئالغا ئىلگىرىلىگەنلىكىنىڭ جانلىق كۆرۈنۈشى، شۇنداقلا كەسىپ ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تۇتقا قىلىپ، كۆپ خىل تەدبىرلەرنى تەڭ قوللىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشتىكى كونكرېت ھەرىكىتى ھېسابلىنىدۇ.

يېڭىسار ناھىيەسىدە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات نوپۇس 28 مىڭ 391 ئائىلىدىكى 127 مىڭ 197 كىشى بولۇپ، بۇلتۇرغا قەدەر، 26 مىڭ 627 ئائىلىدىكى 119 مىڭ 301 كىشى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، 117 نامرات كەنت نامراتلىقتىن چېكىندى. بۇ يىل، بۇ ناھىيە 1764 ئائىلىدىكى 7896 كىشىنى قەرەلىدە نامراتلىقتىن  قۇتۇلدۇرۇپ، 24 نامرات كەنتنى نامراتلىقتىن چېكىندۈرۈپ، نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋېتىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۈتۈن ناھىيەدىكى 309 مىڭ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن تەڭ قەدەمدە ھاللىق سەۋىيەگە ئاتلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

 يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش دەخلى قىلغان ۋاقىتنى قايتۇرۇپ كېلىش، كېلىپ چىققان زىياننى تولۇقلاش ئۈچۈن، يېڭىسار ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە يوليۇرۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن ناھىيەدىن بىر قولدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تۇتۇش، يەنە بىر قولدا ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلا قول قاتتىق بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. بۇ ناھىيە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭ قىلىش قوماندانلىق ئىشتابى قۇردى، ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ناھىيەلىك نامراتلارنى يۆلەش-روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى قوشۇمچە باش قوماندانلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى، قارىمىقىدا كەمتۈكلۈك، ئاجىز تۈر خىزمەت بۆلۈمىدىن ئالتىنى تەسىس قىلىپ، پۈتۈن ناھىيە بويىچە 2020-يىلى چېكىنىپ چىقىدىغان 24  نامرات كەنت، نامراتلىقتىن قۇتۇلمىغان 1764 ئائىلىدىكى 7896 كىشىگە قارىتا ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭ قىلىشنى يولغا قويدى؛ ئۆلكە، مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ئىككى رەھبەر، ۋىلايەت، نازارەت دەرىجىلىك يەتتە رەھبەر، ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىك 17 رەھبەر جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلدى، ناھىيە، يېزا-كەنتلەر قاتلاممۇقاتلام بېسىم يەتكۈزۈپ، نىشان-ۋەزىپىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تاماملاش ۋاقىت چېكىنى بەلگىلەپ، مەسئۇلىيەتنى ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈردى.

بۇ ناھىيە نامرات ئائىلىلەر، نامرات كەنتلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆلچىمى ۋە نامرات ناھىيەلەرنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋېتىش ئۆلچىمىنى چىڭ كۆزلەپ، كەمتۈكلۈك، ئاجىز تۈرلەرنى تولۇقلاشنى مۇھىم نۇقتا، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئاساسىي ھۇجۇم نىشانى، كەسىپ ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تۇتقا قىلىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلىنىپ، مىنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش كەلتۈرۈپ چىقارغان تەسىرنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈردى. بۇ ناھىيە 7500 ئەمگەك كۈچىنى شىمالىي شىنجاڭغا  3-ئايدىلا يۆتكەپ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، قەشقەردىكى ئاممىۋى پاراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئىش ئورۇنلىرىغا 846 ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، 4-ئايدىن بۇيان، بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا 4000 نەپەر قىسقا مۇددەتلىك پەسىللىك ئىشچى ئەۋەتتى.

«بۇ قېتىم خوشۇت، باغراش ناھىيەلىرىگە بېرىپ لازا، شوخلا تېرىيدىغان قىسقا مۇددەتلىك پەسىللىك ئىشچىلارنىڭ ھەر بىرىگە كۈنىگە 200 يۈەن مائاش بېرىلىدۇ، ئايلىق كىرىمى 6000 يۈەنگە يېتىدۇ. لازا، شوخلىلار پىشىپ، كېۋەزلەر ئېچىلغاندا، ئۇلار يەنە بېرىپ ئىشلەيدۇ. شۇ جايدا ئۇزاق مۇددەت تۇرۇپ ئىشلەشنى خالايدىغانلار ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئۇزاق مۇددەت ئىشلەشكە تىزىملاتسا بولىدۇ». يېڭىسار ناھىيەلىك ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىرىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى شياڭ ۋېنيۇ مۇنداق دېدى: «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەش، كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يېڭىسار ناھىيەسى دىققەتنى نامراتلىقتىن قۇتۇلمىغان ئائىلىلەر، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بويىچە كۆزىتىلىدىغان ئائىلىلەر، نامراتلىق گىرۋىكىدىكى ئائىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، سىرتقا 24 مىڭ ئادەم قېتىم ئەمگەك كۈچى چىقاردى، بىزنىڭ پۈتۈن يىللىق ئەمگەك كۈچى چىقىرىش نىشانىنى تاماملاش ئىشەنچىمىز تولۇق».

بۇ ناھىيەدە ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلۇشى، تۈر قۇرۇلۇشىدا ئومۇميۈزلۈك ئىش باشلىنىشىغا ئەگىشىپ، ناھىيە تەۋەسىدىكى كارخانىلار، نامراتلارنى يۆلەش سېخلىرى، ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى ۋە دۇكانلارنىڭ ھەممىسى ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈردى، پۈتۈن ناھىيە بويىچە ئەمگەك ئىقتىدارى بار نامرات ئامما ئارىسىدا «بىر ئائىلىدىن بىر ئادەم ئىشقا ئورۇنلىشىش، بىر ئائىلىدىن كۆپ ئادەم ئىشقا ئورۇنلىشىش» نىشانى ئەمەلگە ئاشتى، كادىرلار، ئامما قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋېتىش خىزمىتىنى تەرتىپلىك، كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرمەكتە.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ ناھىيە «دۆلەت A3 دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى»، «جۇڭگونىڭ گۈزەل ئىستراھەت يېزا-كەنتى»، «جۇڭگو دارۋازلىق يۇرتى»دىن ئىبارەت مول ساياھەت بايلىقىنى چۆرىدەپ، ھۈنىرى بار دېھقانلارنىڭ «ساياھەت تامىقى» يېيىش، «ساياھەت پۇلى» تېپىشىغا ئامال-چارە تېپىپ ياردەم بەردى. «بۇلتۇر، ناھىيەمىزدىكى بەش كۇلالچىلىق دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى قولدا ياسالغان يەرلىك ساپال ئىدىش، ساپال قاچا سېتىپ، 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدى. ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكى ئۈچ نامرات ئائىلە بۇ يىل جەزمەن نامراتلىقتىن قۇتۇلىدۇ» دېدى ماڭشىن بازىرى تۆۋەن ئارامەھەللە كەنتىدىكى كۇلالچى مەمەتتۇرسۇن مۇسا.

بۇنىڭدىن باشقا، بۇ ناھىيە يەنە ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، نامرات ئائىلىلەرنى ئەمگىكىگە تايىنىپ بېيىشقا يېتەكلىدى. بۇ يىل يېڭىدىن 77 قۇياش نۇرى پارنىكى، 15 مىڭ ئەگمە پارنىك ياساپ، 47 مىڭ 200 مو ئوچۇق يەر ۋە 25 مىڭ 900 مو كۆلەمدىكى پارنىكقا كۆكتات تېرىشنى پىلانلىدى. بۇ ناھىيە پۇختا، مۇقىم بولغان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، قىسقا مۇددەتلىك ئىشلەمچىلىك ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، سېخ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ۋە كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق پۈتۈن ناھىيەدىكى نامرات ئائىلىلەرنىڭ ھەممىسى پۇل تاپالايدىغان بولۇش، ھەممە ئادەمنىڭ قىلىدىغان ئىشى بولۇش، ھەممە ئادەمنىڭ ئارزۇسى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامرات ئاممىنىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇش، پۈتۈن ناھىيەنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋېتىش ئاساسىنى پۇختىلىدى.