باش بەت>يوپۇرغا ناھىيىسى

داۋاكۆل مەنزىرە رايونى تەرەپ-تەرەپتىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى

يوللانغان ۋاقىت:2019-05-10 02:48:00 مەنبە:قەشقەر گېزىتى مۇھەررىر:تۇمارس يالقۇن مەسئۇل مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

سۈرەتتە: ئۇيغۇرلارنىڭ توي مۇراسىمى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئۇسسۇللۇق تىياتىردىن كۆرۈنۈش.

ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز رېن لىيىڭ، ئەكبەر ئەركىن خەۋىرى، فوتوسى: ماي بايرىمى مەزگىلىدە، يوپۇرغا ناھىيەسىدىكى داۋاكۆل ساياھەت مەنزىرە رايونى دۆلىتىمىز ئىچى-سىرتىدىن كەلگەن 5000دىن كۆپرەك ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى، ساياھەتچىلەر قۇملۇق بىلەن سۇ گىرەلەشكەن ئالاھىدە قۇملۇق ئېكسپېدىتسىيەسى ۋە ئالاھىدە يېمەكلىكلەردىن ھۇزۇرلاندى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يوپۇرغا ناھىيەسى ناھىيەنى مۇقىم ئىدارە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ ناھىيەنى گۈللەندۈرۈش، مەدەنىيەتتە كۈچلۈك ناھىيە بەرپا قىلىش ئىستراتېگىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، پۈتۈن رايون ئالاھىدە ساياھەتچىلىكىنى بەرپا قىلدى. بۇ ناھىيە يەنە، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىلەرنى يەرلىكنىڭ ئۆزگىچە ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتىنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش، داۋاكۆل مەنزىرە رايونىدىكى رىۋايەتلىك ھېكايىلەرگە بىرلەشتۈرۈش ئۈچۈن، 1-ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمى مەزگىلىدە، «شىنجاڭلىق گۈلى. داۋاكۆلدە ئۇچرىشىش» تېمىسىدىكى ئۇسسۇللۇق ۋەقەلىك تىياتىرنى تەييارلىغان بولۇپ، تىياتىردا ئۇيغۇرلارنىڭ تويىنىڭ پۈتكۈل جەريانى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، قىزىپ كەتكەن توي مەنزىرىسى كەڭ ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى، ساياھەتچىلەر تويدا ئۇسسۇل ئويناپ، ناخشا ئېيتىپ، خۇشال بايرام كەيپىياتىغا چۆمدى.