باش بەت>يوپۇرغا ناھىيىسى

يوپۇرغا ناھىيەسىدە ئېڭىز ئورنىغا كۆممىقوناق تېرىش ئومۇميۈزلۈك ئاياغلاشتى

يوللانغان ۋاقىت:2019-06-26 13:26:00 مەنبە:قەشقەر گېزىتى مۇھەررىر:پاشاگۈل ئابدۇراخمان مەسئۇل مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر


سۈرەتتە: دېھقانلار كۆممىقوناق تېرىماقتا.

ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز گۈلجامال، ئەخمەتجان خەۋىرى: نۆۋەتتىكى «يازنىڭ ئۈچ ئىشى»نىڭ ئالدىراش مەزگىلىدە، يوپۇرغا ناھىيەسىنىڭ ھەر قايسى يېزا (بازار)لىرى دېھقانلارنى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، كۈزگى بۇغداينى تېز ئورۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، پايدىلىق پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي، ئېڭىز ئورنىغا كۆممىقوناق تېرىش خىزمىتىنى تېزلىتىشكە تەشكىللەپ، يازلىق يىغىم ۋە تېرىم ئىشلىرىنىڭ سۈرئىتىگە كاپالەتلىك قىلدى.

بۇ يىل بۇ ناھىيە 106 مىڭ مو ئېڭىز ئورنىغا كۆممىقوناق تېرىشنى پىلانلىغان بولۇپ، «بىر دائىرىنىڭ پىشسا، شۇ دائىرىنى ئورۇش، شۇ دائىرىنى سۇغىرىش، شۇ دائىرىنى تېرىش»تىن ئىبارەت خىزمەت تەلىپىگە ئاساسەن، 6-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن بۇرۇن تېرىشنى ئومۇميۈزلۈك تاماملىغان. تېرىش سۈرئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش، تېرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، كۆممىقوناقتا كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ۋە زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بۇ ناھىيە كەنت ئاھالىلىرىنى يېڭىچە تېرىقچىلىق ئەندىزىسى ۋە تېرىش تېخنىكىسىنى قوللىنىشقا پائال يېتەكلەپ، 70 سانتىمېتىرلىق تار يوپۇق يېپىش ماشىنىسىدىن پايدىلىنىپ، كۆممىقوناقنىڭ مو بېشىغا ئوتتۇرىچە توغرا كېلىدىغان تۈپ سانىنى 6500گە كۆپەيتىپ، بىخلىنىش نىسبىتىنى ئۈنۈملۈك ئاشۇردى ھەمدە تېخنىك خادىملارنى مەخسۇس ئېتىز بېشىغا بېرىپ تېرىقچىلىققا يېتەكچىلىك قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئېڭىز ئورنىغا تېرىغان كۆممىقوناقتىن مول ھوسۇل ئېلىشقا كۈچ سەرپ قىلدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئالاقىدار تارماقلارنى يەنە پائال ماسلاشتۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ قوناق سېتىپ چىقىرىش يوللىرىنى ئېچىشىغا ياردەملىشىپ، دېھقانلارنى ئېڭىز ئورنىغا خاتىرجەم ھالدا كۆممىقوناق تېرىش، سېتىپ چىقىرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.