باش بەت>پوسكام ناھىيىسى

يېزا-كەنت مىللىي ئۆرپ-ئادەت ساياھىتى پوسكام ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى

يوللانغان ۋاقىت:2019-06-04 12:22:00 مەنبە:قەشقەر گېزىتى مۇھەررىر:پاشاگۈل ئابدۇراخمان مەسئۇل مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر


ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: ۋاڭ دەنجۈەن

سۈرەتتە: 5-ئاينىڭ 30-كۈنى، بۇيلۇق تاجىك ئۆرپ-ئادەت كىچىك بازىرىدىكى بۈركۈت مەدەنىيەت مەيدانىدا، تاجىك خەلق سەنئەتكارلىرى ساياھەتچىلەرگە تاجىكچە ئۇسسۇل ئويناپ بەرمەكتە.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پوسكام ناھىيەسى ئالتۇن توغراق A5 دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىغا تايىنىپ، «تەبىئىي ئېكولوگىيە ، يىپەك يولى مەدەنىيىتى، مىللىي ئۆرپ-ئادەت» ئاساسىي تېمىسىنى چۆرىدەپ، مىللىي ئۆرپ-ئادەت ساياھىتىنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان دېھقانلار ئائىلە شادلىقى ئارامگاھى ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنى مىللىي ئۆرپ-ئادەت، ئېكولوگىيە ساياھىتى، ئىستراھەت-ئارام ئېلىشتىن ھۇزۇرلىنىشقا جەلپ قىلدى.

ئالتۇن توغراق ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش مىللىي ئۆرپ-ئادەت، مەدەنىيەت كەنتىدە «يېخېتەن دېھقانلار ئائىلە شادلىقى ئارامگاھى» تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئابدۇغېنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: دېھقانلار ئائىلە شادلىقى ئارامگاھىدا 3-ئاينىڭ ئاخىرىدا تىجارەت باشلانغاندىن بۇيان، سودا بارغانسېرى ياخشى بولدى، ھازىر كىرىمىمىز 20 مىڭ يۈەنگە يەتتى.

ئالتۇن توغراق ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش مىللىي ئۆرپ-ئادەت، مەدەنىيەت كەنتىدە قويۇق مىللىي ئۆرپ-ئادەت پۇرىقى بار بولۇپ، ساياھەتچىلەر گىرەلىشىپ كەتكەن ھويلا-ئاران، سۈپسۈزۈك ئېقىنلار، رەتلىك قەدىمىي كوچىلار، ئۆزگىچە قول ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى قاتارلىقلاردىن مېھرىنى ئۈزەلمەي قالىدۇ.

ئالتۇن توغراق ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش مىللىي ئۆرپ-ئادەت، مەدەنىيەت كەنتىنىڭ يېنىدىكى بۇيلۇق تاجىك ئۆرپ-ئادەت كىچىك بازىرىدا بۈركۈت مەدەنىيەت مەيدانى، دېھقان-چارۋىچىلار چېنىقىش مەيدانى، بۈركۈت كۆلى ئىستراھەت رايونى، ئۆزگىچە كىگىز ئۆي يېشىللىق رايونى، مىللىيچە تۇرالغۇ رايونى، تاجىكلارنىڭ ئۆزگىچە توي مۇراسىمى سارىيى، قول ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى سارىيى قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرى بار. بۈركۈت مەيدانىدا تاجىك خەلق سەنئەتكارلىرى بۈركۈت نېيى بىلەن داپ چېلىپ، بۈركۈت ئۇسسۇلى ئويناپ، ساياھەتچىلەرگە تاجىك مىللىتىنىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىدۇ.

بۇ ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە، رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئالتۇن توغراق A5 دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىدا، ئۆزگىچە يېمەك-ئىچمەك، مىللىي ئۆرپ-ئادەتنى تايانچ، مىللىي ئۆرپ-ئادەت ساياھىتىنى ئاساسىي تېما، دېھقانلارنىڭ ھويلا-ئارانلىرىنى ۋاسىتە قىلىپ، ئۆزگىچە مىللىي ئۆرپ-ئادەت يېزا-كەنت ساياھىتىنى بەرپا قىلىش ئارقىلىق، مىللىي ئۆرپ-ئادەتتىن ھۇزۇرلىنىش، يېزا ئىگىلىك ئېكولوگىيە ساياھىتى، ئارام ئېلىش، كۆڭۈل ئېچىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىدىغان مىللىي مەدەنىيەت-ساياھەتتە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، يېزا-كەنت ساياھەت ئىقتىسادىنىڭ ساغلام، تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.