باش بەت>پوسكام ناھىيىسى

پوسكام ئاقىل چاقىرىش ئىقتىدار رايونىغا ۋېۋىسكا ئېسىلدى

يوللانغان ۋاقىت:2019-07-30 16:37:00 مەنبە:قەشقەر گېزىتى مۇھەررىر:تۇمارىس يالقۇن مەسئۇل مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

سۈرەتتە: پوسكام ئاقىل چاقىرىش ئىقتىدار رايونىنىڭ ۋېۋىسكا يوپۇقى ئېچىلدى.

مۇخبىرىمىز چېن ۋېنجۈن خەۋىرى، فوتوسى: «ياخشىمۇسىز، سىز ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلغانلىقىمدىن خۇشالمەن، سىزگە قانداق ياردەم كېرەك؟» 7-ئاينىڭ 25-كۈنى، پوسكام ئاقىل چاقىرىش ئىقتىدار رايونىدا پوسكام ئاقىل چاقىرىش ئۇچۇر پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ كۆچمە خەۋەرلىشىش خېرىدارلار مۇلازىمەتچىسى خېرىدارلارغا ئالدىراشلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىۋاتاتتى. شۇ كۈنى پوسكام ئاقىل چاقىرىش ئىقتىدار رايونىنىڭ ۋېۋىسكا يوپۇقى ئېچىلىپ، تىجارەت باشلاندى.

پوسكام ئاقىل چاقىرىش ئىقتىدار رايونى 2019-يىلى 3-ئايدا قۇرۇلغان، بۇ ئىقتىدار رايونىغا شاڭخەي ئۇچۇر مەبلەغ سېلىش، مەسلىھەت بېرىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، شاڭخەي خاڭجوۋۋەن بېيئەن ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسىپى تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى بىرلىكتە مەبلەغ سالغان، پوسكام ئاقىل چاقىرىش ئۇچۇر پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى يۈرۈشتۈرۈش ۋە تىجارەت سۇبيېكتى بولغان بولۇپ، شاڭخەي شەھىرىنىڭ كەسىپ جەھەتتە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى يۇقىرى دەرىجىلىك تۈرى ھېسابلىنىدۇ.

نۆۋەتتە، بۇ ئىقتىدار رايونىنىڭ 1-قارارلىق قۇرۇلۇشى ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلۈپ، 515 ئورۇن بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ، 800 كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرالايدىكەن. 2-قارارلىق قۇرۇلۇشىغا تەييارلىق قىلىنىۋاتقان بولۇپ، 1565 ئورۇن بىلەن تەمىنلەپ، 1800 كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانلانغان. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ ئىقتىدار رايونىنىڭ مۇلازىمىتى يەنە پۇل مۇئامىلە، سۇغۇرتا، ئېلېكتىرونلۇق سودا، ماددىي ئەشيا ئوبوروتى-تىرانسپورت، ئۇچۇر مۇلازىمىتى، ئەدەبىي ئىجادىيەت قاتارلىق كەسىپلەرگە چېتىلىدىغان بولۇپ، ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە، ئىلغار، ئۈلگىلىك خاراكتېردىكى «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى ئالاھىدە كەسىپ مەنزىلگاھى بەرپا قىلىشنى مەقسەت قىلغان. نۆۋەتتە بۇ يەرگە تىنچ ئوكيان سۇغۇرتىسى، ئەشيا ئوبوروتى جەمگاھى، جىڭدۇڭ سودا شەھەرچىسى، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى، جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىشى قاتارلىق نەچچە يۈز كارخانا ماكانلاشتى. بۇ ئىقتىدار رايونى قۇرۇلغاندىن بۇيان، قەشقەر داشۆسى، قەشقەر كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى، پوسكام كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى قاتارلىق مەكتەپلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، پىراكتىكا بازىسى قۇرۇپ، يەرلىكتىكى ئالىي مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش پىراكتىكىسىنى ياخشى خىزمەت مۇھىتىغا ئىگە قىلدى.

پوسكام ئاقىل چاقىرىش ئۇچۇر پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ۋۇ جۈن مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئاقىل چاقىرىش ئۇچۇر پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى ئاقىل كەسىپ رايونىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئاساسىدا، پوسكام ئاقىل چاقىرىش ئىقتىدار رايونىنى قۇردى. بۇنىڭدىن كېيىن، شىركىتىمىز ئاقىل چاقىرىش كەسىپ مۇلازىمەت فۇنكسىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق شاڭخەي شەھىرى ياردەم بېرىۋاتقان تۆت ناھىيەدە تېخىمۇ كۆپ كەسىپ رايونى قۇرۇشنى پەيدىنپەي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاخىرىدا «بىر رايوندا تۆت كەسىپ رايونى» بولغان كەسىپ بىرلەشمە ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ياردەمگە ئېرىشكۈچى جايلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.

قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى فېڭ جيەنۋېي، ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، شاڭخەي شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى، پوسكام ناھىيەسىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى ۋە ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋېۋىسكا يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.