باش بەت>پوسكام ناھىيىسى

كوئېنلۇن تېغى باغرىدىن چىقىپ يېڭى تۇرمۇشنى باشلاش

يوللانغان ۋاقىت:2020-04-17 11:20:00 مەنبە:قەشقەر گېزىتى مۇھەررىر:ئابدۇسالامجان ئابدۇغېنى مەسئۇل مۇھەررىر:ئاماننىسا ئابابەكرى

ــ پوسكام ناھىيەسىنىڭ تۇڭئەن يېزىسىدىكى ئاھالىلەرنى كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلغانلىقى توغرىسىدا

مۇخبىرىمىز: ئابدۇقادىر ئابباس، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: ۋاڭ دەنجۈەن خەۋىرى، فوتوسى

          سۈرەتتە: ئىشچىلار نامراتلارنى يۆلەش سېخىدا رەخت توقۇماقتا.

-2018يىلى 8-ئايدا، ئۇزۇندىن بۇيان تاغنىڭ ئىچكىرىسىدە ياشاپ كەلگەن 1139 ئائىلىلىك دېھقان-چارۋىچى كوئېنلۇن تېغى بىلەن خوشلىشىپ، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاقتۇ ناھىيەسى كوسراپ يېزىسىدىن پوسكام ناھىيەسىنىڭ تۇڭئەن يېزىسىغا كۆچۈپ باردى، بۈگۈنكى تۇڭئەن يېزىسىدا يوللار تۈپتۈز، ئۆيلەر رەتلىك بولۇپ، بۇغداي مايسىلىرى كەڭ زېمىننى يېشىللىققا پۈركەپ، يېڭىدىن تىكىلگەن كۆچەتلەر بىخ چىقارغان، مەكتەپتە ياڭرىغان جاراڭلىق كىتاب ئوقۇش ساداسى، ئىشلەپچىقىرىش سېخىدىكى كىيىم تىكىش ماشىنىسىنىڭ ئاۋازى ئىناق، ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان، گۈللەپ ياشناۋاتقان يېڭى تۇڭئەننى سۈرەتلەپ بېرىپ، تۇڭئەنلىكلەرنىڭ نامراتلىق ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىش روھىنى نامايان قىلدى.

دائىرىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش

پوسكام ناھىيەسى يۇقىرى نۇقتىدىن تۈرتكە بولۇپ، دىققەتنى تۇڭئەن يېزىسىدىكى قېپقالغان 184 ئائىلىدىكى 559 نامرات نوپۇسنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە ئىككى ئېغىر نامرات كەنتىنى نامراتلىقتىن چېكىندۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، دائىرىگە ئايرىپ «نىشان بەلگىلەپ جەڭ قىلدى»، بۇ ناھىيە بارلىق بايلىق، بارلىق كۈچلەرنى بىرىكتۈرۈپ، دائىرىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، تۇڭئەن يېزىسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتتى. يېزا بويىچە ئىككى كەنتتىكى توققۇز كەنت ئاھالىلىرى گۇرۇپپىسىنى ھەربىر دائىرىدە 70تىن 80گىچە ئائىلە بولغان 15 دائىرىگە ئايرىدى. ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى باشلامچى بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا تۇڭئەن يېزىسىدىكى ئىككى كەنتنى ھۆددىگە ئېلىپ ئالاقىلەشتى. ناھىيەگە بىۋاسىتە قاراشلىق 22 ئورۇن 15 دائىرىنى ھۆددىگە ئېلىپ ئالاقىلەشتى، ناھىيە، يېزىدىكى 533 نەپەر پارتىيە ئەزاسى، كادىر دائىرىگە چوڭقۇر چۆكۈپ ياردەم بېرىش-يۆلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، يۇقىرى-تۆۋەن بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىدىغان، ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان خىزمەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى. تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلار چىن مېھرى، چىن قەلبى ئارقىلىق ھۆددىگە ئېلىپ ئالاقىلىشىدىغان ئائىلىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم بەردى، ئۇلار ھەر كۈنى دېھقانلارنىڭ ئېتىز-ئېرىق باشلىرىدا، ھويلا-ئاران، قوتانلىرىدا قاتراپ يۈرۈپ، ياردەم بېرىپ-يۆلەيدىغان نامرات ئائىلىلەرنىڭ پىكىر يولىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىشىغا ياردەم بەردى. بۇ ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى تۇڭئەن يېزىسىنىڭ كۆكلۈك كەنتىدىكى 3-دائىرىنى ھۆددىگە ئېلىپ ئالاقىلەشكەن بولۇپ، ئۇلار داۋالاش ئورنىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، بۇ دائىرىدىكى 68 ئائىلىلىك ئاھالىنىڭ كېسىلىنى ھەقسىز كۆرۈپ ۋە ساغلاملىق بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىپ، ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى ئالغا سىلجىتتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئامانلىق ساقلاش، تازىلىق قىلىش، ئارقا سەپ، مالىيە، كادىرلار ئىشلىرى قاتارلىق 26 ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بەردى.

«كۆپ چاقلىق قوزغىتىش» ئارقىلىق ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىش

تۇڭئەن يېزىسىغا كىرسىڭىز، ھەممە يەردە ئاممىنىڭ باھار نۇرىنى قەدىرلەپ ئىشچانلىق بىلەن ئىشلەۋاتقانلىقىدەك مەنزىرىلەرنى كۆرىسىز. كەنت ئاھالىلىرى «ئالدى ھويلا، ئوتتۇرىسى باغ، كەينى قوتان» بولۇش ئەندىزىسى ئارقىلىق، «بىر كۆكتاتلىق، بىر مېۋىلىك باغ (بىر نەچچە تۈپ مېۋىلىك دەرەخ)، بىر ئۈزۈم بارىڭى، بىر قوتان» بولۇشتىن ئىبارەت بېيىش كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئىقتىسادىي كىرىمنى ئاشۇرۇپ، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلىدى. مۇخبىر نامرات ئاھالە شېرىپ ئىسمايىلنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە، ئۇ ھويلىسىدىكى يەرگە سۇ قۇيۇپ، بېدە تېرىشقا تەييارلىق قىلىۋاتاتتى، شېرىپ ئىسمايىل مۇنداق دېدى: «يېرىمگە بېدە ۋە ئوت-چۆپ تېرىسام، ئۆيۈمدىكى ئىككى تۇياق كالا ۋە بەش تۇياق قوينىڭ يەم-خەشەك مەسىلىسى ھەل بولىدۇ.» قوشنىسى تۇرغۇن تۇرسۇنمۇ بىكار تۇرمىغان بولۇپ، كەپتەرخانا ۋە قوتانلارنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى ياساۋاتاتتى، «مەن كەپتەر قاتارلىق ئۆي قۇشلىرىنى بېقىپ، ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تۇرمۇشىمىزنى بارغانسېرى ياخشىلاشنى ئويلاۋاتىمەن» دېدى تۇرغۇن تۇرسۇن تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن.

كۆكلۈك كەنتىدىكى نامرات ئاھالە تۇرسۇن ئىسلامنىڭ ئىككى ئوغلى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بولۇپ، ئۇ ئائىلە باقمىچىلىقىغا كۆپ كۈچ سەرپ قىلىپ، بۇ يىل 70 تۇياق قوي باقتى. قوي باققاندىن باشقا، تۇرسۇن يەنە «ۋاسىتىچى» بولۇپ، قوي ئېلىپ-ساتتى، ئۇ ئەتراپتىكى باقمىچىلارنى يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش بىلىملىرى بىلەن تەمىنلەپلا قالماستىن، يەنە ئۇلارنىڭ سېتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى. ئاھالىلەر كۆچۈرۈلگەندىن بۇيان، تۇڭئەن يېزىسى كۆچمەن ئاممىنىڭ ئۇزۇن مەزگىل چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغانلىقىدەك ئەۋزەللىكىنى چىڭ تۇتۇپ، چارۋىچىلىق كەسپىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئەسلىدىكى چارۋامال قوتان قالدۇقى 1 مىليون 10 مىڭ تۇياق (دانە) بولۇش، 868 ئېغىل-قوتان بولۇش ئاساسىدا، 2020-يىلى يېڭىدىن بىر باقمىچىلىق ئولتۇراق رايونى قۇرۇپ، 154 قوتان سېلىپ، 512 كەپتەرخانا ياسىدى ۋە 70 مىڭ دانە ئۆي قۇشى باقتى. بۇ يېزا چارۋامال-ئۆي قۇشلىرىدا كۆرۈلىدىغان يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش، ئىلمىي بېقىش ۋە سىلوس تەييارلاش قاتارلىق تېخنىكا يېتەكچىلىكى مۇلازىمەت خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، «دېھقان ئائىلىسى+ ھەمكارلىق كوپىراتىپى» باقمىچىلىق ئەندىزىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى ئىشىك ئالدىدىلا كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش

تۇڭئەن يېزىسىنىڭ يېڭىئاۋات كەنتىدىكى رەخت توقۇش سېخىدا سەھەردىلا ماشىنىلارنىڭ ئاۋازى ياڭرىدى، «بۇ نامراتلارنى يۆلەش سېخىدا بىر مېتىر رەخت توقۇسا 10 يۈەن تاپقىلى بولىدۇ، ھەربىر ئادەمنىڭ خىزمەت مىقدارىغا ئاساسەن مائاش ھېسابلىنىدۇ، ۋاقىتمۇ بىر قەدەر ئەركىن، ھەر ئايدىكى مۇقىم كىرىمىمگە ئېرىمنىڭ ئىشلەمچىلىك قىلىپ تاپقان كىرىمىنى قوشقاندا، تۇرمۇشىمىزنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن!» دېدى ئايجامال ئەبەيدۇللا تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن. ئاممىنى خاتىرجەم ئىشقا ئورۇنلىشىپ، تىرىشىپ كىرىم يارىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، تۇڭئەن يېزىسى بەخت ساناتورىيەسى ۋە يەسلىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بالىلارغا ھاۋالىلىك قاراش، ياشانغانلارنى ھاۋالىلىك بېقىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاممىنى ھەقىقىي تۈردە غەم-ئەندىشىدىن خالاس قىلدى. يېزا-كەنت ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىش ئورنىنى بېكىتىش، ۋاقىتنى بېكىتىش ۋە نورما بەلگىلەش تەدبىرىنى قوللىنىپ، ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىش نورمىسىنى تاماملىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئايلىق مائاشىنى تۈرلۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق 1200 يۈەندىن ئاشۇردى. ئىش ئورنىنى پائال ئېچىپ، ئادەم بىلەن ئىش ئورنىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى. ئەسلىدىكى 263 نەپەر ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنىڭ ھەممىسىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، تۇڭئەن يېزىسىدىكى نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك ئىقتىدارى بار 1585 كىشىنىڭ ھەممىسىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.