باش بەت>پوسكام ناھىيىسى

نامراتلارنى يۆلەشنى خەلق تۇرمۇشى ئاساسىدىن باشلاش

يوللانغان ۋاقىت:2020-04-23 14:49:00 مەنبە:قەشقەر گېزىتى مۇھەررىر:پاتىمە مىجىت مەسئۇل مۇھەررىر:ئاماننىسا ئابابەكرى

ــ پوسكام ناھىيەسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىدىن ئومۇمىي بايان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: ۋاڭ دەنجۇەن، مۇخبىرىمىز: ئابدۇقادىر ئابباس خەۋىرى، فوتوسى

       سۈرەتتە: ئىشچىلار يېزا-كەنت ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا چىلان ئىلغىماقتا.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پوسكام ناھىيەسى كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تايىنىپ، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى ئۆز جايىدا، يېقىن جايدا شەھەر-بازار، كارخانا، كەسىپ باغچىسىغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئاپتونوم رايون ئىچىدە ۋىلايەت ئاتلاپ يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئاپتونوم رايون سىرتىغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە يېزا-كەنت 1-، 2-، 3-كەسىپلىرىگە يۇغۇرما يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەرنى ئالغا سىلجىتىپ، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئەمگەك ئىقتىدارى بار ئائىلىلەرگە قارىتا يۆتكەشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق يۆتكەشنى ئىشقا ئاشۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېخنىكا-ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى سەۋىيەسى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش تېخنىكا-ماھارىتىنى ئۆستۈرۈپ،يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلىشىدىغانلارنى مۇقىم تۇرۇش، قېپقېلىش، ياخشى ئىشلەش، بېيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

سىياسەت مېڭىگە، قەلبكە سىڭدۈرۈلدى   بېيىش ئىشەنچىسى بار بولدى

نامراتلارنى يۆلەشتە ئالدى بىلەن ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش كېرەك. پوسكام ناھىيەسى ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، نامرات ئاممىنىڭ «ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشنى ساقلاپ تۇرۇش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىشكە تايىنىۋېلىش»تەك پاسسىپ تەپەككۇرى ۋە «نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى خالىماسلىق، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا جۈرئەت قىلالماسلىق»تەك قالاق قارىشىنى ئۆزگەرتىپ، نامرات ئاممىنىڭ قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلۇش كۈرەش ئىرادىسى ۋە ئەمگەك قىلىپ بېيىش جاسارىتى تۇرغۇزۇشىغا ياردەم بېرىپ، روھىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتتى.

ئابلەت ئۆمەر ئەسلىدە پوسكام يېزىسىنىڭ دەريابويى كەنتىدىكى نامى چىققان ھۇرۇن بولۇپ، ياپياش تۇرۇپلا ھەمىشە قۇتقۇزۇش ياردىمى تەلەپ قىلاتتى، پوسكام ناھىيەلىك تەمىنات-سودا كوپىراتىپىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ كۆپ قېتىم ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ خىزمەت ئىشلىشى، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش تىپلىرىنى ئۈلگە قىلىپ ياردەم بېرىشى، يېتەكلىشى ئارقىسىدا، ئابلەتنىڭ ئىدىيەسىدە ئاستا-ئاستا ئۆزگىرىش بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىشەنچىسى كۈچىيىپ، بېيىش قىزغىنلىقى ئېشىپ، ئائىلە باقمىچىلىقى، ھويلا - ئاران ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىش، پەسىللىك ئىشلەمچىلىك قىلىشتىن ئىبارەت كۆپ مەنبەلىك كىرىمنى كۆپەيتىش يولىدا مېڭىپ، تۇرمۇشى ياخشىلىنىپ، نامراتلىق قالپىقىنى ئوڭۇشلۇق ئېلىۋېتىپلا قالماي، يەنە يىراق-يېقىندا نامى بار نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش تىپىغا ئايلاندى.

ئاياللار يېرىم دۇنيا. بۇ ناھىيە «ئاياللارنىڭ لاتاپىتىنى نامايان قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا ياردەم بېرىش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، ئاياللارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاياللارنى ئائىلە كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم كۈچكە ئايلاندۇردى. پوسكام ناھىيە ئىككىسۇ يېزا تاغارچى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئاماننىسا ئەبەيدۇللا كەنتتىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە بولۇپ، تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بولسىمۇ، كونا ئىدىيەنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا، نامراتلىققا تەن بېرىپ، ياش تۇرۇپلا بىكارچى بولۇپ قالغانىدى، ئاياللار تەشۋىقات ئەترىتىدىكىلەرنىڭ سىردىشىشى، سىياسەت سۆزلىشى ئارقىلىق ئاماننىسانىڭ ئىدىيەسى ئازاد بولۇپ، كەنتنىڭ يېزا - كەنت ئىشلەپچىقىرىش سېخىغا ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ھەر ئايدا 2000 يۈەن كىرىم قىلالايدىغان بولدى. ئاماننىسا مۇنداق دېدى: «ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارقىلىق ئۆز قىممىتىمنى تاپتىم، تۇرمۇشۇمدا قىزغىنلىق، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ پەيدا بولغانلىقىنى ھېس قىلدىم».

بۇ ناھىيە مەركەزلىك سۆزلەش، يۈزتۇرا سۆزلەش، تىپلار ئۈلگىلىك سۆزلەش، تاراتقۇلاردا كەڭ كۆلەمدە سۆزلەش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى تۈمەنلىگەن ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈپ، نامرات ئاممىنىڭ ئىدىيەسىدىكى تۈگۈننى يېشىپ، ئەتراپتىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش تىپلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، «بەخت كۈرەش قىلىشتىن كېلىدۇ» دەيدىغان ئىدىيەنى نامرات ئاھالىلەرنىڭ ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىغا ئايلاندۇرۇپ، نامرات ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشتىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، «مېنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرىدۇ»دىن «مەن نامراتلىقتىن قۇتۇلىمەن»گە ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

ھەممە ئائىلىدە ئىشقا ئورۇنلاشقانلاربار بولدى   بېيىشتا ئىرادە بار بولدى

پوسكام ناھىيە گۈلباغ يېزا ئەگرىتېرەك كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ياسىن سىدىق يېزا ئۇيۇشتۇرغان قىش پەسىللىك تېخنىكا-ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشكە قاتنىشىش ئارقىلىق، پولات چىۋىق تېخنىكىسىنى پىششىق ئىگىلىدى، ھازىر قۇرۇلۇش ئىش ئورنىدا ئىشلەمچىلىك قىلىپ، ھەر كۈنى 300 يۈەن كىرىم قىلىدۇ. «يەنىلا بىرەر ھۈنىرى بولسا ياخشى ئىكەن، ئىلگىرى تېخنىكا بىلمىگەچكە، بىر كۈن پارچە-پۇرات ئىش قىلىپ ئاران نەچچە ئون يۈەن تاپالايتتىم، ھازىر كىرىمىم نەچچە قاتلاندى» دېدى ياسىن سىدىق ھاياجانلانغان ھالدا. باشقىلارغا بېلىق بەرگەندىن، بېلىق تۇتۇشنى ئۆگەتكەن ئەۋزەل. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ ناھىيە نامرات ئاھالىلەر ۋە ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىگە قارىتا توختاملىق بولۇش، ئىش ئورنىنى بېكىتىش، نىشانلىق بولۇشنى ئاساسىي شەكىل قىلغان كەسپىي تېخنىكا-ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىشىنى مۇقىم ئالغا سىلجىتىپ، قىشتىكى ئارىسال ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى تېخنىكا-ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ كەسپىي تېخنىكا ماھارىتى ۋە ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردى.

بۇ ناھىيە خاس باغ-ئورمانچىلىق كەسپىگە تايىنىپ،1-كەسىپ ئارقىلىق ئىش ئورنىنى ھەل قىلدى. ئابلىمىت بارات 22 مو يەرگە ياڭاق ئۆستۈرۈپ، ياڭاقچىلىقتا ئۈلگە كۆرسىتىش بېغى بەرپا قىلىپ، كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىش ئارقىلىق ياڭاقتىن قىلغان پايدىسى مۇقىم، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇپ، ھەر يىلى 70 مىڭ يۈەندىن 80 مىڭ يۈەنگىچە كىرىم قىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ ناھىيە باغ-ئورمانچىلىقتا سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق باغ-ئورمانچىلىقتىن قىلىنغان كىرىمنى دېھقانلار ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ %50ىدىن ئاشۇردى. خاس باغ-ئورمانچىلىقنىڭ ئۆلچەملەشكەن ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، باغۋەنلەرنىڭ سەرخىللاشتۇرۇش يولىغا مېڭىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەلا سۈپەتلىكلىرىنىڭ باھاسى يۇقىرى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باغ-ئورمانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ماركا قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، باغ-ئورمانچىلىقنىڭ «ئالتۇن خەتلىك ۋىۋىسكىسى»نى بەرپا قىلدى.

نۇرمەمەت ئوبۇل ئىككىسۇ يېزىسىنىڭ توغراقلىق كەنتىدىكى ياپەي ئۆي جاھازىلىرى زاۋۇتىنىڭ ئىشچىسى بولۇپ، ئۇستا ياغاچچى بولغاچقا، ھەر ئايدا 7000 يۈەندىن كۆپرەك مائاش ئالىدۇ. سەدەپ تۆمۈر پوسكام ناھىيە ئايكۆل يېزىسىنىڭ ئايدىڭكۆل كەنتىلىك ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە بولۇپ، يېزا-كەنت ئىشلەپچىقىرىش سېخىنىڭ ئىشچىسى بولغاندىن كېيىن، ئۇ تىككۈچىلىك تېخنىكىسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، ھەر ئايدا 2000 يۈەن كىرىم قىلدى، پۈتۈن ناھىيەدە سەدەپ تۆمۈرگە ئوخشاش نامرات ئاھالىلەر خېلى كۆپ. بۇ ناھىيە، ناھىيە دائىرىسىدىكى 67 يېزا-كەنت ئىشلەپچىقىرىش سېخىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، دېھقانلارنى ئىشىك ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىپ، مۇقىم كىرىمگە ئىگە بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

يىما يېزىسىنىڭ چاقا كەنتىلىك نامرات ئاھالە تىللانىسا مەمەت شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ يەنتەي شەھىرى لەيشەن رايونىدىكى بىر سۇ مەھسۇلاتلىرى شىركىتىدە ئىشلەپ، ھازىر سېختا گۇرۇپپا باشلىقى بولدى، ھەر ئايدا 4000 يۈەندىن كۆپرەك مائاش ئالىدۇ، ئۇ بەلگىلىك سوممىدا پۇل ئامانەت قويۇپ، ئاپتوموبىل سېتىۋېلىپلا قالماي، يەنە پوسكام ناھىيە بازىرىدىن 100 كىۋادرات مېتىرلىق بىر يۈرۈش ئۆي سېتىۋالدى. «مەن ياخشى ئىشلەپ تىرىشىپ پۇل تېپىپ، يەنتەي شەھىرىدىن ئۆي سېتىۋېلىپ، ئۆيۈمدىكىلەرنى بۇ يەرگە ئەكىلىپ، بالىلىرىمنى يەنتەيدە ئوقۇتۇشنى قولغا كەلتۈرىمەن.» تىللانىسا كەلگۈسى پىلانى ئۈستىدە توختالغاندا ئۈمىد ۋە ئىشەنچكە تولدى. 2020-يىلى پوسكام ناھىيەسى «ھەممە ئادەمنىڭ قىلىدىغان ئىشى بولۇش، كۈندە كىرىمى بولۇش» تەلىپىگە ئاساسەن، ئەمگەك كۈچلىرىنى تەشكىللىك يۆتكەش سالمىقىنى زورايتىپ، 3-ئايدىلا ناھىيە بويىچە 29 تۈركۈم قېتىمدا 1128 ئادەمنى ئاپتونوم رايون ئىچى-سىرتىغا تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

كەسپىي تارماقلارنىڭ ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىش ئورۇنلىرىنى ئېچىش ۋە مەبلەغ ئىشلىتىشىگە ئالاقىدار بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىش ئورۇنلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئېچىپ، كەنت كوللېكتىپىنىڭ پايدىسىدىن پايدىلىنىپ نەسىللىك چارۋا كۆپەيتىش مەركىزى، باقمىچىلىق رايونى، چارۋىچىلىق يۇقۇم مۇداپىئە خادىمى، باغ-ئورمانچىلىق كەسپىي مۇلازىمەت ئەترىتى، ياتاقلىق تۈزۈمدىكى مەكتەپنىڭ ياتاق باشقۇرغۇچىسى ۋە ئاشپىزى، ئىگە-چاقىسىز ياشانغانلار ۋە ئۆيدە قالغان بالىلارغا قاراش، تازىلىق قىلىش-كۆكەرتىش، ئامانلىقنى ھەمكارلىشىپ باشقۇرۇش، يېزا-كەنت يوللىرىنى ئاسراش، سۇ، توك يوللىرىنى رېمونت قىلىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىش ئورنىنى نۇقتىلىق ئېچىشقا ئىلھام بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يىللىق كىرىمىنى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشۇردى. كۆپ تەرەپتىن تەڭ تۇتۇش قىلىش ئارقىلىق، ناھىيە بويىچە 80 مىڭدىن ئارتۇق ئەمگەك كۈچى بىر ئادەم بىر ئىش ئورنىدا تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇردى.