باش بەت>باش ماقالە

كېسەك ئالتۇن ھەمكارلىقى ۋە تەرەققىياتىنىڭ يېڭى دەرۋازىسى ئېچىلدى

يوللانغان ۋاقىت:2017-09-07 16:54:00 مەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى مۇھەررىر:پاشاگۈل ئابدۇراخمان

ــ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ شيامېن ئۇچرىشىشى يۈرۈشلۈك پائالىيىتىگە قاتناشقانلىقى توغرىسىدا

«مەن شيامېن ئۇچرىشىشىنىڭ بىزگە يېڭى ھەمكارلىق دەرۋازىسى، تەرەققىيات دەرۋازىسى ئېچىشىنى، كېسەك ئالتۇن ھەمكارلىقىنىڭ ئىككىنچى ‹ئالتۇن 10 يىلى›نى كۈتۈۋېلىپ، گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ پارلاق كەلگۈسىنى يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

- شى جىنپىڭ

شيامېن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن مېھمانلارغا كەڭ قۇچاق ئېچىپ، ئۇلارنى قىزغىن كۈتۈۋالدى.

رەئىس شى جىنپىڭ 2017–يىل 9–ئاينىڭ 3–كۈنىدىن 5–كۈنىگىچە فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ شيامېن شەھىرىدە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 9–قېتىملىق ئۇچرىشىشى ۋە گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ۋە رىياسەتچىلىك قىلدى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى سودا–سانائەت مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

چوڭ–كىچىك دائىرىدىكى يىغىنلارغا رىياسەتچىلىك قىلىش، نۇتۇق سۆزلەش، تەبرىك سۆزى قىلىش، يىغىنغا قاتناشقان چەت ئەل رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىش... رەئىس شى جىنپىڭ يېڭى 10 يىلنىڭ باش پەللىسىدە تۇرۇپ، مەۋقەنى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىگە قويۇپ، دۇنياغا نەزەر سېلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە ئورتاق تەرەققىي قىلىش، يۈكسىلىشنىڭ يېڭى ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزدى.

شيامېننىڭ مەنزىسى سۈرەتتەك گۈزەل. لۇداۋ ئارىلى كېسەك ئالتۇن ھەمكارلىقىنىڭ بۇ يەردە كۆزنى تېخىمۇ چاقناتقانلىقىغا، جۇڭگو ساداسىنىڭ دۇنيا سەھنىسىدە تېخىمۇ كۈچلۈك ياڭرىغانلىقىغا شاھىت بولدى.

چوڭ دۆلەتنىڭ يېتەكچىلىكىدە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ كۈچى مۇجەسسەملەندى

دۇنيا بۇ قېتىم دىققىتىنى شيامېنغا ئاغدۇرۇپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنىڭ قانداق يېڭى سەھىپىلەرنى پۈتىدىغانلىقىغا دىققەت قىلدى.

9–ئاينىڭ 4–كۈنى سەھەردە تاغ–دەريالار ئارىسىدا بىر گۈزەل ھەسەن–ھۈسەن پەيدا بولدى.

قارىماققا غايەت زور چاققا ئوخشايدىغان خەلقئارا يىغىن مەركىزىنىڭ مېھمان كۈتۈش كارىدورى خۇددى پەرۋاز قىلىۋاتقان ئۇقارنىڭ قانىتىدەك سوزۇلۇپ تۇراتتى. قىزىل پاياندازنىڭ ئىككى يېنىدا جەسۇر، قەددى– قامەتلىك ھۆرمەت قاراۋۇللىرى مەردانىلىك بىلەن تىك تۇراتتى.

رەئىس شى جىنپىڭ ئۇقار زالىغا بالدۇرلا كېلىپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن تۆت دۆلەت مېھمانلىرىنى قارشى ئالدى.

2017–يىلى يېڭى يىل باشلىنىشى بىلەن، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ خېتى تۆت دۆلەت رەھبىرىگە ئەۋەتىلىپ، رەئىس دۆلەتنىڭ تەسەۋۋۇرى تونۇشتۇرۇلدى، شۇنىڭ بىلەن كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ «جۇڭگو يىلى» باشلاندى.

10 يىل جاپا–مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ بىللە ئىلگىرىلىدى. سالمىقى ۋە سۈپىتىدىن قارىغاندا، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىقى يەرشارى تەرەققىياتىدا مۇھىم ئورۇندا تۇردى.

جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى زۇما، بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى تېمېر، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، ھىندىستان زۇڭلىسى مودى ۋاقتىدا يېتىپ كەلدى، رەئىس شى جىنپىڭ يىراقتىن كەلگەن بۇ ئەزىز مېھمانلار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى.

بەش دۆلەت رەھبىرى ھەرقايسى دۆلەت مۇخبىرلىرى ئالدىدا پەيدا بولدى. «بىز قول تۇتۇشايلى!» رەئىس شى جىنپىڭ شۇنداق دېگىنىچە رەھبەرلەرگە ئىككى قولىنى سۇندى. شۇ دەقىقىدە فوتو ئاپپاراتلار چاراسلاپ، بۇ تارىخىي پەيت خاتىرىلەندى.

سۇمۇرغ زالىدا بەش رەھبەر يۇمۇلاق ئۈستەلنى چۆرىدەپ ئولتۇردى. يۇمۇلاق ئۈستەلنىڭ مەركىزىدە بەش دۆلەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغان گۈل بەرگىسى كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى. رەئىس شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 9–قېتىملىق ئۇچرىشىشىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.

«‹مەقسەت بىر بولسا، ئارىلىق يىراق بولسىمۇ، ياخشى دوستلاردىن بولۇپ، ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم ئۇيۇشقىلى بولىدۇ›، كېسەك ئالتۇن ھەمكارلىقىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىدىكى ئاچقۇچ ھەمكارلىق يولىنى توغرا تاپقانلىقىمىزدا». رەئىس شى جىنپىڭ دەبدەبىلىك سۆزلىرى ئارقىلىق تاغ–دەريالار بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدىغان كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ بىر يولدا بىللە مېڭىشىنىڭ ھەمكارلىق ئاساسىنى شەرھلىدى.

ئۆتمۈش يېڭى كەلگۈسىدىن بېشارەت بېرىدۇ. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى سودا–سانائەت مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرنىڭ سودا–سانائەت ساھەسىدىكى زاتلار ھەم ئالاقىدار خەلقئارا تەشكىلات ۋە ئاپپاراتلارنىڭ 1000دىن كۆپرەك ۋەكىلىگە ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلەپ، كېسەك ئالتۇن ھەمكارلىقى ۋە تەرەققىياتىنىڭ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر كۆرسىتىپ بەردى.

باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قالىمىز. بىرلا كىشىنىڭ گېپى گەپ بولىدىغان ئىشنى قىلمايمىز، ھەممە ئىشنى كۆپچىلىك كېڭىشىپ بىر تەرەپ قىلىمىز؛

راستچىللىق بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىمىز. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئىقتىدارسىز، قۇرۇق گەپ ساتىدىغانلارنىڭ سورۇنى ئەمەس، بەلكى بىلىش بىلەن ھەرىكەتنى بىرلەشتۈرىدىغان ھەرىكەت ئەترىتى؛

كۆڭلىمىزگە پۈتۈن دۇنيانى پۈكۈپ، ئۆزىمىز مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش بىلەن بىللە، باشقىلارنىمۇ مۇۋەپپەقىيەتكە يېتەكلەيمىز. كېسەك ئالتۇن ھەمكارلىق ئىدىيەسى بارغانسېرى كۆپ چۈشىنىش ۋە ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشىپ، خەلقئارا جەمئىيەتتىكى ئاكتىپ كۈچكە ئايلاندى.

ۋاقىتنى 2013–يىلىنىڭ بېشىغا قايتۇرساق، شى جىنپىڭ رەئىسلىككە تەيىنلىنىپ، تۇنجى قېتىم جەنۇبىي ئافرىقىدىكى دۇرباندا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىغا قاتناشقاندا جۇڭگونىڭ مەيدانىنى ئەتراپلىق شەرھلەپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ «بىر گەۋدىلەشكەن چوڭ بازار، كۆپ قاتلاملىق چوڭ ئوبوروتنى شەكىللەندۈرۈش، قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا چوڭ ئالاقىسىنى يولغا قويۇش، مەدەنىيەتنى كەڭ كۆلەمدە ئالماشتۇرۇش»تىن ئىبارەت تۆت چوڭ نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.

بەش يىللىق مۇساپە پۇختا بېسىلدى. بىرازىلىيەدىكى فورتالېزادا «ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ھەمكارلىشىش، ئورتاق پايدا ئېلىش»ىن ئىبارەت كېسەك ئالتۇن روھى تەشەببۇس قىلىندى؛ رۇسىيەدىكى ئۇفادا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ «تۆت چوڭ ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى»نى ئورنىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛ ھىندىستاندىكى گوئادا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ «دوستلۇق چەمبىرىكى»نى كېڭەيتىش ۋە مۇستەھكەملەش جاكارلاندى.

ھەر بىر ھەرىكەتتە جۇڭگونىڭ تىرىشچانلىقى تولۇق نامايان قىلىندى.

كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى تۇنجى قېتىم بىرلىشىپ سۈرەتكە ئالغان «ۋاقىت نەگە كەتتى» ناملىق فىلىم پات ئارىدا دۇنيا مىقياسىدا قويۇلىدۇ.

9–ئاينىڭ 4–كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلقئارا يىغىن مەركىزىنىڭ چوڭ زالىدا رەئىس شى جىنپىڭ تۆت دۆلەت رەھبەرلىرىنى «ۋاقىت نەگە كەتتى» ناملىق فىلىمدىن ئارىيە كۆرۈشكە تەكلىپ قىلدى.

تۇنجى قېتىم تاراتقۇ يۇقىرى دەرىجىلىكلەر مۇنبىرى ئۆتكۈزۈش، تۇنجى قېتىم تاراتقۇ بىرلەشمە فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈش، تۇنجى قېتىم تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش... بىر قاتار تۇنجى قېتىملار ساھىبخانا دۆلەت جۇڭگونىڭ چېۋەرلىكىنى نامايان قىلدى.

بەش دۆلەت رەھبىرى ئاق رەڭلىك قۇت بۇلۇت تۈۋرۈكى ئالدىدا بىرلا ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ ئالدىدىكى جۇڭگو مۆھىرىنى باستى، ئېكراندا شۇ ھامان كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ خەنزۇچە دۆلەت ئىسمى ئويۇلغان تامغا كۆرۈندى. شۇنىڭ بىلەن كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ مەدەنىيەت بايرىمى باشلاندى.

ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە، سىياسىي، بىخەتەرلىكتىن ئادىمىيەت ئالاقىسىغىچە، جۇڭگونىڭ ھەرىكىتى كېسەك ئالتۇن ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى تۈۋرۈكىنى بەرپا قىلىپ، «ئۈچ چاق بىلەن ھەرىكەتلەندۈرۈش»نىڭ يېڭى باسقۇچىنى باشلىدى.

چەت ئەل تاراتقۇلىرى: كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان خەلقئارا ۋەزىيەتتە ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىشىدە جۇڭگونىڭ يېتەكچىلىك رولى كەم بولسا بولمايدۇ، دەپ باھا بەردى.

پەخىرلىنىشكە ئەرزىيدىغان بۇ قىسقىغىنە 10 يىلدا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىقى يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، تېيىزلىقتىن چوڭقۇرلىشىپ، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، كۈچلۈك ھاياتىي كۈچكە تولدى؛

ھەمكارلىقنىڭ كۈتۈشكە ئەرزىيدىغان ئىككىنچى 10 يىلىغا قەدەم قويغان مۇھىم پەيتتە، رەئىس شى جىنپىڭ ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن چوڭ پىلان ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كېسەك ئالتۇن ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسىگە قاراپ مەزمۇت قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەشكە يېتەكلىدى.

چوڭ دۆلەت مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى تەرتىپكە سېلىشقا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى

بىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇمات جۇڭگونىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتىنى نامايان قىلدى ـــ

تۇنجى قاراردا 500 مىليون يۈەن خەلق پۇلى ئاجرىتىپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىساد–تېخنىكا ھەمكارلىقى ۋە ئالاقە پىلانىنى تەسىس قىلدى؛ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى يېڭى تەرەققىيات بانكىسى تۈرىنىڭ تەييارلىق فوندىغا 4 مىليون دوللار مەبلەغ قوشتى؛ جەنۇب–جەنۇب ھەمكارلىقى ياردەم فوندى تۈرىگە 500 مىليون دوللار ياردەم قىلدى؛ كەلگۈسى بىر يىلدا باشقا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى 40 مىڭ كىشىلىك تەربىيەلەش نورمىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ئىككى پارچە ھۆججەت رەئىس دۆلىتىنىڭ مەسئۇلىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىسىگە ئالغانلىقىنى نامايان قىلدى ـــ

ئىقتىسادىي ئەمەلىي ھەمكارلىق، دۇنيا ئىقتىسادىنى تەرتىپكە سېلىش، خەلقئارا تىنچلىق ۋە خەۋپسىزلىك، ئادىمىيەت ئالاقىسى... 40 بەتلىك «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ شيامېن خىتابنامىسى»غا 71 تۈرلۈك نەتىجە كىرگۈزۈلۈپ، دۇنياغا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئورتاق ئىرادىسى نامايان قىلىندى؛ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، جەنۇب–جەنۇب ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، تەرەققىيات ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش... «گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر سۆھبەت يىغىنىنىڭ رەئىس باياناتى»دا كەلگۈسى نەزەردە تۇتۇلۇپ، تەنتەنىلىك ۋەدە بېرىلدى.

9–ئاينىڭ 5–كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلقئارا يىغىن مەركىزىنىڭ «گۇلاڭ» زالىدا رەئىس شى جىنپىڭ قاتارلىق كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى مىسىر، گىۋىنېيە، مېكسىكا، تاجىكىستان، تايلاندتىن ئىبارەت بەش دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن بىللە گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر سۆھبەت يىغىنىنى ئۆتكۈزدى.

ھەر بىر ئىنچىكە ھالقىدا سەمىمىيلىك نامايان قىلىندى: يىغىن مەيدانىنىڭ ئىچى–سىرتىدىكى ھەممە جايدا دېگۈدەك ساھىبخانا دۆلەت مەخسۇس سۆھبەت يىغىنىغا ئاتاپ لايىھەلىگەن يىغىن بەلگىسى كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى، ئۇ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىش يىغىنى بەلگىسى بىلەن ناھايىتى ماسلاشقانىدى.

رەئىس شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن ھەمكارلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىككى نۇقتىدىن كۆزىتىشنى تەكىتلىدى، يەنى: بەش دۆلەتنىڭ ئۆز ئالدىغا تەرەققىي قىلىش ۋە ئورتاق تەرەققىي قىلىش تارىخىي مەنتىقىسىگە ئەمەل قىلىش ھەم دۇنيانىڭ تەرەققىياتى ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىدىن ئىبارەت دەۋر ئېقىمىنى ئىگىلەش.

رەئىس شى جىنپىڭ دۇنياۋى تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەش، تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك مۇھىم تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى:

ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادىنى ئورتاق بەرپا قىلايلى؛

ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، 2030–يىلىغىچە بولغان ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئورتاق ئەمەلىيلەشتۈرەيلى؛

ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشتىن ئىبارەت تارىخىي پۇرسەتنى ئورتاق ئىگىلەيلى؛

ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كەڭ دائىرىلىك تەرەققىيات ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئورتاق ئورنىتايلى.

بۇ بىر قېتىملىق ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە رەھبەرلەر ئۇچرىشىشى.

تىنچ ئوكيان، ھىندى ئوكيان، ئاتلانتىك ئوكيان... دېڭىز–ئوكيانلار ئەمدى ھەمكارلىق، تەرەققىياتقا توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ، بەلكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنى تۇتاشتۇرىدىغان ۋاسىتىگە ئايلىنىدۇ.

ھازىرقى دۇنيادا گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تېز تەرەققىياتى يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى خەلقئارا كۈچ سېلىشتۇرمىسىدىكى تارىخىي ئۆزگىرىشكە تۈرتكە بولدى.

ئىش ئۆملۈكتە، كۈچ بىرلىكتە. شيامېن ئۇچرىشىشى مەزگىلىدە رەئىس شى جىنپىڭ دۇنيادىكى ئوخشاشمىغان رايون ۋە دۆلەتتىن كەلگەن بەش رەھبەرنى خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە جەنۇب–جەنۇب ھەمكارلىقى چوڭ پىلانى ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىشكە تەكلىپ قىلىپ، «كېسەك ئالتۇن+» ھەمكارلىق يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلدى.

تايلاند زۇڭلىسى پىرايۈ رەئىس شى جىنپىڭغا: مەن تايلاند ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن سىزنىڭ بىزنى سۆھبەت يىغىنىغا تەكلىپ قىلغىنىڭىزغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن، دېدى.

شيامېن ئۇچرىشىشى دۇنيانىڭ ئافرىقىغا دىققىتىنى ئاغدۇرۇش قىزغىنلىقىنى قوزغىدى، دېدى گىۋىنېيە زۇڭتۇڭى كوندې، ئۇ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئافرىقا بىلەن قول تۇتۇشۇپ، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى.

كۆزەتكۈچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: تەكلىپكە بىنائەن يىغىنغا قاتناشقان بەش دۆلەت ئاسىيا، ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكىسى، ئوتتۇرا شەرق ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئىبارەت بەش مۇھىم رايوندىن كەلگەن بولۇپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ تەسىر دائىرىسى كۆرۈنەرلىك كېڭىيىپ، سىياسىي، ئىقتىسادىي ئەھمىيىتى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن 9–ئاينىڭ 4-كۈنى كەچتە شيامېن خەلقئارا يىغىن مەركىزىنىڭ زىياپەت زالىدىكى «دۇنيا مەدەنىيەت مىراسى گۇلاڭيۈ» ناملىق رەسىم ئالدىدا يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جورىلىرى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

تارىخىي ۋەزىيەت كۆزىتىلىپ، كەلگۈسى يۈزلىنىش ئىگىلەندى. جۇڭگو دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ھەمكارلىشىش، تەڭ پايدا ئېلىشتەك كېسەك ئالتۇن روھىنى داۋاملاشتۇرۇپ، كېسەك ئالتۇن ھەمكارلىقىنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، مۇقىم، ئۇزاققىچە داۋاملىشىپ، بەش دۆلەتكە بەخت يارىتىشى، دۇنياغا نەپ يەتكۈزۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى تەرتىپكە سېلىش ئىسلاھاتىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، جۇڭگونىڭ مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى.

چوڭ دۆلەت سالاپىتىنى نامايان قىلىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا ئەقىل كۆرسەتتى

9–ئاينىڭ 5–كۈنى چۈشتە خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە بىرمۇ بوش ئورۇن قالمىغانىدى.

رەئىس شى جىنپىڭ سالماق قەدەم بىلەن مۇنبەرگە چىقىپ، جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلارغا شيامېن ئۇچرىشىشنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەتراپلىق تونۇشتۇرۇپ، ئۇچرىشىشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتۇردى.

ۋەزىيەتتە داۋالغۇش بولۇۋاتقان دۇنيا سەھنىسىدە كېسەك ئالتۇن مېخانىزمى چوڭقۇر «جۇڭگو ئىزناسى»نى قالدۇردى.

ئالتۇن كۈزدىكى سېنتەبىردە، شيامېن ئۇچرىشىشىدا جۇڭگو ھېكايىسى سۆزلەندى.

9–ئاينىڭ 4–كۈنى كەچتە رەئىس شى جىنپىڭ «گۇلاڭيۈ دولقۇنى» ناملىق يېقىملىق مۇزىكا ساداسى ئىچىدە سەھنىگە چىقىپ، قارشى ئېلىش زىياپىتىگە قاتناشقان ئەزىز مېھمانلارغا شيامېندىكى ئۆزگىرىشلەرنى، جۇڭگو ھېكايىسىنى تەسىرلىك سۆزلىدى.

«1985–يىلى شيامېنغا كېلىپ خىزمەت قىلدىم، ئەينى چاغدا مۇئاۋىن شەھەر باشلىقىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ئىدىم. ئۇ كۈنى دەل 32 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنۈم ئىدى. ھازىر ھېسابلاپ باقسام، ئارىدىن يەنە 32 يىل ئۆتۈپتۇ».

ئىككى «32 يىل» ئۆزگىچە ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى.

ھازىرقى شيامېن يېپيېڭى قىياپەتكە كىردى. ئىقتىساد جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان، ھەممە خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان، تاشقى ئالاقىسى قويۇق بولغان زامانىۋى خەلقئارا شەھەر 1 مىليارد 300 مىليون جۇڭگو خەلقىنىڭ توختىماي ئىلگىرىلەپ كۈرەش قىلىش تارىخىنى نامايان قىلىپ، زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ يۈكسىلىشىنىڭ جانلىق سەھىپىسىنى پۈتتى.

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا ماڭدى. بۇ يول جۇڭگونىڭ دۇنيا سەھنىسىنىڭ مەركىزىگە دادىل قەدەم بىلەن يۈزلىنىشىنىڭ ئاساسى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىدۇر.

ئالتۇن كۈزدىكى سىنتەبىردە شيامېن جۇڭگونىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتنى پىلانلايدىغان مۇھىم سەھنىسىگە ئايلاندى.

سىم–سىم يامغۇردىكى «يۈنداڭ» بىلىم يۇرتى تىپتىنچ ئىدى، رەئىس شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن مۇشۇ يەردە 4–قېتىم ئۇچراشتى. ئىككى دۆلەت رەھبىرى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ۋە چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتى قاتارلىق ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

رەئىس شى جىنپىڭ مېكسىكا زۇڭتۇڭى پېنا بىلەن كۆرۈشۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى بىرلىكتە قۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.

رەئىس شى جىنپىڭ مىسىر زۇڭتۇڭى سىسى بىلەن كۆرۈشۈپ، مىسىر بىلەن بىرلىكتە ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە مىللىي گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھەمكارلىق ھۆججىتى ئىمزالاش، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇش، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشەنچنى كۈچەيتىش... كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلار ئۇچرىشىشىنىڭ جىددىي كۈنتەرتىپىنىڭ ئارىلىقىدا رەئىس شى جىنپىڭ بارلىق دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن بىرمۇبىر كۆرۈشۈپ، كەڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.

ئالتۇن كۈزدىكى سېنتەبىردە شيامېن ئۇچرىشىشى جۇڭگونىڭ ساھىبخانا دىپلوماتىيەسىگە يېڭى ھۆسن قوشتى.

ۋاقىت تېز ئۆتمەكتە، كەينى–كەينىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ساھىبخانا دىپلوماتىيە پائالىيىتىدە رەئىس شى جىنپىڭ چوڭ دۆلەت رەھبىرىگە خاس سالاپىتىنى، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىك، جۇڭگوچە ئۇسلۇب، جۇڭگوچە سالاپەتنى نامايان قىلدى.

2014–يىلى ئاسىيا–تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ بېيجىڭ يىغىنىدا ئاسىيا–تىنچ ئوكيان رايونى ئەركىن سودا رايونىنىڭ قۇرۇلۇش قەدىمى باشلاندى؛

2015–يىلى جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىسىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلىگەندە ئۇرۇشتىن كېيىنكى خەلقئارا تەرتىپنى قوغداپ، پۈتۈن زېمىننى تىنچلىق نۇرى بىلەن يورۇتۇش جاكارلاندى؛

2016–يىلى 20 دۆلەت گۇرۇھى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىدا 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ كىرىزىسكە تاقابىل تۇرۇشتىن ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمغا ئۆتۈشى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

2017–يىلى «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىدە ھەمكارلىق يولى، ئۈمىد يولى، ئورتاق پايدا ئېلىش يولىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنى چەكسىز كۆك ئاسماندا پەرۋاز قىلىشقا يېتەكلەش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

بەش يىلدىن بۇيان جۇڭگو 70 نەچچە دۆلەت، رايون ۋە رايون تەشكىلاتلىرى بىلەن ئوخشىمىغان شەكىلدىكى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئورناتتى ياكى دەرىجىسىنى ئۆستۈردى، بۇ ئارقىلىق «سۆزلىشىش– قارشىلاشماسلىق، ھەمراھ بولۇش–ئىتتىپاق تۈزمەسلىك»تەك دۆلەت بىلەن دۆلەت ئارىسىدىكى ئالاقىلىشىش يېڭى يولىنى ئاچتى.

بەش يىلدىن بۇيان رەئىس شى جىنپىڭ 28 قېتىم زىيارەتكە چىقىپ، ئايىغى بەش قىتئەدىكى 56 دۆلەت ۋە خەلقئارا، رايون تەشكىلاتىغا يېتىپ، جۇڭگو دۆلەت باشلىقى دىپلوماتىيەسىنىڭ دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىنى «ئومۇميۈزلۈك قاپلىشى»نى ئىشقا ئاشۇردى.

بەش يىلدىن بۇيان رەئىس شى جىنپىڭ يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇش قاتارلىق مۇھىم ئىدىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئومۇميۈزلۈك مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، تەڭپۇڭ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا كۈچ سېلىشتۇرمىسىنى ئوبيېكتىپ ئەكس ئەتتۈرىدىغان رېئال دۇنيانى تۈزەش سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، ئىنسانلارغا تىنچلىق قىزىل رەقىمى، تەرەققىيات قىزىل رەقىمى، تۈزەش قىزىل رەقىمى قاتارلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ يۆنىلىشى ۋە يولىنى كۆرسىتىپ بەردى.

شيامېن «مىننەن» تىياتىرخانىسىدا رەڭگارەڭ چىراغلار چاقناپ تۇراتتى. ئۇچرىشىش مەزگىلىدە رەئىس شى جىنپىڭ ئۇچرىشىشقا كەلگەن دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن بىللە، «كەلگۈسىگە يۈرۈش قىلىش» تېمىسىدىكى سەنئەت كېچىلىكىنى كۆردى. دېڭىز شامىلى، دېڭىز ئاسمىنى، دېڭىز شاۋقۇنى، دېڭىز دولقۇنى... ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان مول مەزمۇنلۇق ئويۇنلار تاماشىبىنلارنىڭ گۈلدۈراس ئالقىشىغا ئېرىشتى.

1000 يىللىق دولقۇن پەسەيمەي تۇرۇپ، يەلكەن تارتىپ يېڭى سەپەرگە ئاتلاندۇق.

پارتىيە 19–قۇرۇلتىيى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان تارىخىي پەيتتە، جۇڭگو يەنە بىر مۇھىم ساھىبخانا دىپلوماتىيە پائالىيىتىدە تولۇق مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتى.

كىشىلەر كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ قول تۇتۇشۇپ تەرەققىيات، ھەمكارلىقنىڭ چوڭ دەرۋازىسىنى ئېچىپ، ئورتاق گۈللىنىشنىڭ گۈزەل كېلەچىكىنى باغاشلىشىنى ئۈمىد قىلماقتا!

شىنخۇا ئاگېنتلىقى