باش بەت>باش ماقالە

شى جىنپىڭ فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن تېلېفونلاشتى

يوللانغان ۋاقىت:2017-09-09 19:46:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى تورى مۇھەررىر:قەيسەر داۋۇت

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9-ئاينىڭ 8-كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9-ئاينىڭ 8-كۈنى فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن تېلېفونلاشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو جۇڭگو بىلەن فىرانسىيەنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن ھامبۇرگتا تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەندە جۇڭگو بىلەن فىرانسىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغانىدۇق. ئىككى تەرەپ ئۆزئارا بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە ئورۇنلۇق تەلىپىگە ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا، تېخىمۇ قويۇق ھەمكارلىقنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەدە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگو-فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. جۇڭگو فىرانسىيە بىلەن ياۋروپانى دۇنيانىڭ مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىنى قوغدايدىغان مۇھىم كۈچ دەپ قارايدۇ. مەن ئىككى دۆلەتنىڭ دۇنيا ۋە رايون زور مەسىلىلىرىدە قويۇق پىكىر ئالماشتۇرۇشى ۋە ماسلىشىشىنى قوللايمەن.

ماكرون جۇڭگونىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ شيامېن ئۇچرىشىشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: فىرانسىيە بىلەن جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھ. ھازىرقى خەلقئارا ۋەزىيەتتە فىرانسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ دۇنياۋى خىرىسلارغا ھەمكارلىشىپ تاقابىل تۇرۇشى بۇرۇنقىغا قارىغاندا تېخىمۇ مۇھىم. فىرانسىيە فرانسىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مېخانىزم خاراكتېرلىك سۆھبەتنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ئىقتىساد، يادرو ئېنېرگىيەسى، مۇھىت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ.

ئىككى دۆلەت رەھبىرى چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇش نىشانىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتىۋەتمەسلىك سىستېمىسى ھەم شەرقىي شىمالى ئاسىيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغدايدۇ. چاۋشيەن يېرىم ئارىلى مەسىلىسىنى ئاخىرقى ھېسابتا سۆھبەتلىشىش ۋە كېڭىشىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تىنچ يول بىلەنلا ھەل قىلغىلى بولىدۇ. فىرانسىيەنىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ۋەزىيەتنى يۇمشىتىش، سۆھبەتنى قايتىدىن باشلاش ئۈچۈن ئىجابىي رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ماكرون مۇنداق دېدى: فىرانسىيە چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن تىرىشىدۇ، جۇڭگونىڭ چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى مەيدانىغا ۋە مۇھىم رولىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ يادرو مەسىلىسىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.