باش بەت>باش ماقالە

شى جىنپىڭ بىلەن چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ كومىتېت باشلىقى جىن جېڭئېن ئۆزئارا ئاغزاكى خەۋەر يوللىدى

يوللانغان ۋاقىت:2020-05-11 10:32:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:ئابدۇسالامجان ئابدۇغېنى مەسئۇل مۇھەررىر:بۇمەريەم تۇردى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5-ئاينىڭ 9-كۈنى تېلېگراممىسى. 5-ئاينىڭ 9-كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ كومىتېت باشلىقى، چاۋشيەن دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ كومىتېت باشلىقى جىن جېڭئېنغا ئاغزاكى خەۋەر يوللاپ رەھمەت ئېيتتى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يولداش كومىتېت باشلىقىنىڭ قىزغىن، دوستانە ئاغزاكى خەۋىرىنى تاپشۇرۇۋېلىپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم. بۇ يىل 2-ئايدا، يولداش كومىتېت باشلىقى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ماڭا ھال سوراش خېتى ئەۋەتتى ھەم جۇڭگو تەرەپنى مەدەت بىلەن تەمىنلىدى، بۇ، يولداش كومىتېت باشلىقى ھەمدە چاۋشيەن پارتىيەسى، ھۆكۈمىتى، خەلقىنىڭ ماڭا ھەمدە جۇڭگو پارتىيەسى، ھۆكۈمىتى، خەلقىگە بولغان چوڭقۇر دوستلۇقىنى تولۇق نامايان قىلدى، جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنىڭ مۇستەھكەم ئاساسى ۋە قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى جانلىق شەرھلىدى. مەن بۇنىڭغا چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىمەن ھەم يۈكسەك باھا بېرىمەن.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، جاپالىق، مىسلىسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، جۇڭگو يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىدە مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. مەنمۇ چاۋشيەننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئەھۋالى ۋە چاۋشيەن خەلقىنىڭ تەن ساغلاملىقىغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىمەن. يولداش كومىتېت باشلىقى چاۋشيەن پارتىيەسى ۋە خەلقىنى يېتەكلەپ بىر قاتار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللاندى ھەم پائال نەتىجە-ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى، مەن بۇنىڭدىن مەمنۇن بولدۇم ۋە خۇشال بولدۇم. جۇڭگو تەرەپ چاۋشيەن تەرەپ بىلەن بىللە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى ھەم چاۋشيەن تەرەپنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن قۇربىنىڭ يېتىشىچە مەدەت بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ. ئىشىنىمەنكى، جۇڭگو-چاۋشيەن ئىككى تەرەپ ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، بۇ مەيدان يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى چوقۇم قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: مەن جۇڭگو-چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، يولداش كومىتېت باشلىقى بىلەن بىرلىكتە، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىپ ئىككى تەرەپنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو-چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىپ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى، گۈللىنىشى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايمەن.

5-ئاينىڭ 7-كۈنى، جىن جېڭئېن شى جىنپىڭغا ئاغزاكى خەۋەر يوللاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو پارتىيەسى ۋە خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ مىسلى كۆرۈلمىگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە غايەت زور غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىگە يۈكسەك باھا بەردى ھەم تەبرىكلىدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ چوقۇم جەڭ نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. يولداش باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سالامەتلىكىنى ئاسرىشىنى ئۈمىد قىلدى ھەم جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بارلىق پارتىيە ئەزالىرىغا جەڭ سالىمى يوللىدى، چاۋشيەن-جۇڭگو ئىككى پارتىيە مۇناسىۋىتىنىڭ كۈنسېرى قويۇقلىشىشىغا، ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.