باش بەت>باش ماقالە

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بۇيرۇق ئىمزالاپ «ئارمىيەنىڭ ئارقا سەپ نىزامى»نى ئېلان قىلدى

يوللانغان ۋاقىت:2020-12-25 10:10:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:ئارزۇگۈل مۆمىن مەسئۇل مۇھەررىر:ئىمىنجان ئابدۇرېھىم

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12-ئاينىڭ 23-كۈنى تېلېگراممىسى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا بۇيرۇق ئىمزالاپ، «ئارمىيەنىڭ ئارقا سەپ نىزامى»نى ئېلان قىلدى، 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

«نىزام»دا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، «ھەربىي كومىتېت ئومۇمىي جەھەتتىن باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولۇش، ئۇرۇش رايونى ئۇرۇش قىلىشقا مەسئۇل بولۇش، ئارمىيە تۈرى ئارمىيە قۇرۇلۇشىغا مەسئۇل بولۇش» ئومۇمىي پىرىنسىپى بويىچە، ئارمىيەنىڭ ئارقا سەپ سىستېمىسى قايتا بەرپا قىلىنىپ، ئارقا سەپ كاپالىتى مۇناسىۋىتى راۋانلاشتۇرۇلۇپ، ئارقا سەپ خىزمىتى تۈزۈمى تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئارمىيەنىڭ ئارقا سەپ خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، قۇدرەتلىك زامانىۋىلاشقان ئارقا سەپ قۇرۇش مۇھىم مىزان بىلەن تەمىنلىنىدۇ، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنىڭ بۇرچ، ۋەزىپىسىنى ئۈنۈملۈك ئادا قىلىش كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىنىدۇ.

«نىزام» ئومۇمىي پىرىنسىپ، ئارقا سەپ كاپالىتى تۈزۈلمىسى، ھەربىي ھەرىكەت ئارقا سەپ كاپالىتى، كۈندىلىك ئارقا سەپ كاپالىتى، ئارقا سەپ ئۇرۇش تەييارلىقى ۋە مەشىقى، ئارقا سەپ قۇرۇلۇشى، ئارقا سەپ باشقۇرۇش، قوشۇمچە پىرىنسىپتىن ئىبارەت جەمئىي سەككىز باب، 40 ماددا بولۇپ، ئارقا سەپ ساھەسىدىكى ئاساسىي غوللۇق نىزام. «نىزام»دا ئۇرۇش ھالىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە بۇرچ-ۋەزىپىنىڭ كېڭىيىشىگە ماسلىشىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئارقا سەپنىڭ بىرلەشمە ئۇرۇش قىلىش قوماندانلىق سىستېمىسىغا سىڭىشىش تۈزۈم-مېخانىزمى راۋانلاشتۇرۇلۇپ، يېڭى ئارقا سەپ كاپالىتىگە قوماندانلىق قىلىش بىلەن كاپالەتلەندۈرۈشنىڭ مۇناسىۋىتى قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، ئارقا سەپ كاپالىتىنىڭ شەكلى، ئۇسۇلى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، كاپالەتلەندۈرۈش ھەرىكىتىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇش قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، ئارقا سەپ ئۇرۇش تەييارلىقى سەۋىيەسى ۋە غەلىبە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى كۈچەپ ئۆستۈرۈلدى. «نىزام»دا ئارقا سەپنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، تۈجۈپىلەشتۈرۈش، جەمئىيەتلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش كۆزدە تۇتۇلۇپ، ئارمىيەنىڭ زامانىۋى مۈلۈك باشقۇرۇش سىستېمىسى، زامانىۋى ھەربىي ئىشلار ئەشيا ئوبوروتى سىستېمىسى بەرپا قىلىشنىڭ قۇرۇلۇش مەزمۇنى، ۋەزىپە ئىش تەقسىماتى، نىشان-تەلەپلىرى قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، ئارقا سەپ كاپالىتى، قۇرۇلۇش ۋە باشقۇرۇش قاتارلىق ئالاقىدار تۈزۈم لايىھەسى تەڭشەلدى، مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئىسلاھات نەتىجىلىرى مۇقىملاشتۇرۇلۇپ، ئىسلاھات نەتىجە-ئۈنۈمىنىڭ جەڭگىۋارلىق كۈچى، كاپالەتلەندۈرۈش كۈچىگە ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇندى.